يازلىق تەتىل ۋە ياشلار

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: يازلىق تەتىل ۋە ياشلار
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ22/7/1432ھـ 2011-يىلى06-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا يازلىق تەتىل ۋە دەم ئىلىش كۈنلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەكلىكى، تەتىل كۈنلىرىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىككە پايدىلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ مۇھىملىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىش ئارقىلىق ئۇلارغا دىنى تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا قىممەتلىك نەسىھەتلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-06-30
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/354833
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
يازلىق تەتىل ۋە ياشلار
156.7 KB
: يازلىق تەتىل ۋە ياشلار.pdf
2.
يازلىق تەتىل ۋە ياشلار
2 MB
: يازلىق تەتىل ۋە ياشلار.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 يازلىق تەتىل ۋە ياشلار

2011-يىلى 06-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا "مۇسۇلمانلار يازلىق تەتىلنى مەنپەئەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشى، قەيەردە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئاللاھتىن قورقۇشى، سەپەر ۋە ساياھەت ئۇستىدە شەرىئەتتە توسۇلغان كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىدىن چەكلىنىپ، مۇباھ قىلىنغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

مۇشەققەتتىن كېيىن راھەتلىنىش، ھېرىپ-چارچاشتىن كېيىن ئارام ئېلىش، ھارغىنلىقتىن كېيىن مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش ئارقىلىق، قەلبكە راھەت بېغىشلاش مۇھىمدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئۆز نەپسىنىڭ ھىممەت-ئىرادىسىنى يېڭىلاش، ھورۇنلۇق-بوشاڭلىقتىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەرىئەتتە دۇرۇس بولغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

ئىسلامدا توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ بەشىنچىسى بولغان ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئوغلۇم! ھەقىقەتەن نەپسىم مېنىڭ ھايات سەپىرىمدىكى قاتناش قورالىم، ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان نەرسىنى يۈكلىسەم، ئۇنى ھالسىرىتىپ قويىمەن، يەنى ئۇنى ھالاك قىلىپ قويىمەن».

يۇقىرىقى سۆزدىن مۇسۇلمان نەپسىنى دائىم ئىبادەتكىلا بېسىپ، دۇرۇس بولغان ئارام ئېلىش، راھەتلىنىش پائالىيەتلىرىدىن چەكلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

سەلەپ-سالىھلاردىن بېرى مۇنداق دېگەن: «مەن قەلبىمنىڭ مەن ئۈچۈن ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشى، تائەت-ئىبادەتتە روھلۇق بولىشى ئۈچۈن، ئۇنى شەرىئەتتە دۇرۇس بولغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن راھەتلەندۈرۈپ تۇرىمەن».

ئاخىرەتنى ئەسلەش، ئۇ توغرىدا پىكىر قىلىش، ئاللاھنىڭ ياخشى كىشىلەرگە بېرىدىغان ئەجىر-ساۋابلىرىنى ئۈمىت قىلىش، ئازابلىرىدىن قورقۇش ئەڭ پەزىلەتلىك ياخشى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ئۆز نەپسىنى شەرىئەتتە يول قويۇلغان راھەت-پاراغەت، كۆڭۈل ئېچىش (بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى بارلىق مۇباھ ئىشلار) پائالىيەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىش، چەكلەش دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە، ئەنسارىلار بىلەن مۇھاجىرلارنى بىر-بىرى بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويدى، شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن، سالمان پارسىي رەزىيەللاھۇئەنھۇ بىلەن ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قېرىنداشلاردىن قىلىپ قويدى.  ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇئەنھۇ كۈندۈزنى روزا بىلەن، كېچىنى تەھەججۈد ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشى ئېدى. سالمان پارسىي رەزىيەللاھۇئەنھۇ بىر كۈنى قېرىندىشى ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇئەنھۇنى زىيارەت قىلىپ ئۆيىگە كەلگەندە، قېرىندىشىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە پەقەت ۋاقىت چىقارمىغانلىرىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئاللاھنىڭ ھەققى بار، ئۆز نەپسىڭنىڭ ھەققى بار، ئائىلە-بالىلىرىڭنىڭ ھەققى بار، سەن ھەر قايسى ھەقلەرنى ئۆز يولىدا ئادا قىلغىن» دەيدۇ . ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇئەنھۇ قېرىندىشى سالمان رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ بۇ سۆزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سالمان توغرا سۆزلەپتۇ» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى].

مۇسۇلمان كىشىلەرنىڭ مۇباھ قىلىنغان راھەت-پاراغەت، كۆڭۈل ئېچىشنى ئۆچ كۆرۈپ ھاقارەت قىلىشى، ياكى غەپلەتكە چۆمۈپ، نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىپ ئويۇن-تاماشانى داۋاملاشتۇرۇشى، شەرىئەت دۇرۇس دەپ بېكىتكەن دائىرىدىن ھالقىپ شەھۋانىي مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى كېرەكتىن چىقىرىشى  ئەقىلسىزلىق  ۋە چاكىنىلىق ھېسابلىنىدۇ.

تىرىشچانلىقنى تەرك قىلىپ، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ، غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق بولۇش، نامراتلىق ۋە پاساتچىلىقنى پەيدا قىلىدۇ . چەكلەنگەن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىش ئىنساننىڭ ئىنسانىي ئەخلاقىنى يوقىتىدۇ، ئەقىل-پاراسەت، زېرەكلىكىنى چەكلەيدۇ، زېھنىنى ئەھمىيەتسىز، ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان ئىشلارغا مەشغۇل قىلىدۇ، ۋاقتىنى زايە قىلىدۇ، ھورۇنلۇق، بوشاڭلىقنى سىڭدۈرىدۇ، ھېچقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئى مۇسۇلمان ياشلىرى! سىلەر كېلەچەكنىڭ ئىگىلىرى، دىننىڭ، مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ ئۈمىدى ۋە ئىزباسارلىرى، سىلەر تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىيات نامىدىكى چاقىرىشلىرىغا ئالدانماڭلار، پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلەشكە تىرىشىڭلار، مەدەنىيەتلىك-بىلىملىك بىر مىللەت ھېچقاچان باشقا مىللەت ئالدىدا خار بولمايدۇ . ھۈنەر-سانائەتنى پۇختا ئۆگىنىڭلار، كەسپ-ماھارەتتە تەرەققى قىلىڭلار، ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققى قىلىشىغا ھەسسە قوشۇڭلار، بۇ ئالى نىشان ۋە يۈكسەك غايىگە يېتىشنىڭ بىردىن-بىر  توغرا يولى، ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كىرىم ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇستەھكەم ئېسىلىش، ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ياشىيالىشىمىز مۇمكىن.

ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار! پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى بوش ۋاقىتلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئازغۇن پىكىردىكى ئىنسانىي شەيتانلارنىڭ ئالدام-خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ھەزەر قىلىشىمىز لازىم . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ دىنى تەلىم-تەربىيىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ۋاقىت ئاجرىتىش بولسا مىللەتنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشتىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتتۇر.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى شەيتان ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن، ھاياتى دۇنيانىڭ ئېتىبارسىز مەنپەئەتلىرى ئالداپ قويمىسۇن.» [سۈرە لوقمان 33-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

يەنە بىر ئايەتتە: «ئاللاھنىڭ ئازغۇن بەندىلەرنى تىزدىن ئازابلىمايدىغان ئەپۇچانلىقى ھەددىڭلاردىن ئاشۇرىۋەتمىسۇن، ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىپ سىلەر ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان ۋاقىت كېلىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا بويسۇنۇڭلار، سىلەر سەزمىگەن بىر ھالەتتە قىيامەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن بۇرۇن ئاللاھ تائالا سىلەرگە چۈشۈرگەن ئەڭ ياخشى يېتەكچى ۋە نۇرلۇق چىراق بولغان قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىڭلار». [سۈرە زۇمەر 54-55- ئايەتلەر].

جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن. ئامىن... 

Go to the Top