ئاياللار جازا-مۇكاپاتتا ئەرلەر بىلەن باراۋەرمۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاياللار جازا-مۇكاپاتتا ئەرلەر بىلەن باراۋەرمۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بەزى كىشىلەر: ئاياللار ئەقىلدە، دىندا، مىراستا ۋە گۇۋاھلىق ئىشلىرىدا ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولالمايدۇ دىسە، يەنە بەزىلەر: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى جازا-مۇكاپاتتا باراۋەر قىلدى دەيدۇ، ھەقىقەتەن ئىسلام قانۇنىدا ئاياللار تۆۋەن ئورۇندا تۇرامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-06-16
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/352202
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئاياللار جازا-مۇكاپاتتا ئەرلەر بىلەن باراۋەرمۇ؟
243.2 KB
: ئاياللار جازا-مۇكاپاتتا ئەرلەر بىلەن باراۋەرمۇ؟.pdf
2.
ئاياللار جازا-مۇكاپاتتا ئەرلەر بىلەن باراۋەرمۇ؟
1.9 MB
: ئاياللار جازا-مۇكاپاتتا ئەرلەر بىلەن باراۋەرمۇ؟.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاياللار جازا-مۇكاپاتتا ئەرلەر بىلەن باراۋەرمۇ؟

 

12840- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

بەزى كىشىلەر: ئاياللار ئەقىلدە، دىندا، مىراستا ۋە گۇۋاھلىق ئىشلىرىدا ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولالمايدۇ دىسە، يەنە بەزىلەر: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى جازا-مۇكاپاتتا باراۋەر قىلدى دەيدۇ، ھەقىقەتەن ئىسلام قانۇنىدا ئاياللار تۆۋەن ئورۇندا تۇرامدۇ؟ چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

ئىسلام پرىنسىپى ئاياللارنى ئىززەت-ھۆرمەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا قويدى. ئىززىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلدى، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئەرلىرىگە ئۇلارغا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ، خەير-ئېھسان قىلىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشكە بۇيرىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشىنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا اﷲ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.» [نىسا سۈرىسى19- ئايەت].

ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئائىلىسىگە ياخشى قارىغانلار، مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئائىلىگە ئەڭ ياخشى قارىغۇچىدۇرمەن.» [تىرمىزى رىۋايىتى].

ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ كىلىدىغان بارلىق ھەقلىرى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەردى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. اﷲ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە بەقەرە 228-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

ئىلىم-سېتىم، سۈلھى قىلىش، ۋەكىل بولۇش، ئارىيەت بېرىش ۋە ئامانەت قويۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشىنى يولغا قويدى.

شۇنداقلا ئەرلەرگە پەرز قىلىنغىنىدەك، ئاياللارغىمۇ تاھارەت ئىلىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش ۋە ھەج قىلىش قاتارلىق ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىپ كىلىدىغان ئىبادەتلەرنى پەرز قىلدى.

لېكىن ئىسلامنىڭ مىراس قانۇنىدا قىز-خانىملارغا ئەرلەرگە بىرىلگەن ئۆلچەمنىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ. چۈنكى ئايال ئۆزى، ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىگە نەپىقە قىلىشقا بۇيرۇلمىغان، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئەرلەر يەنە باشقىلارغا زىياپەت بېرىش، دىيەت تۆلەش ۋە باشقىلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇشقا سەرپ قىلىش قاتارلىق ئويلىمىغان ئىقتىسادىي چىقىملارغا دۇچكىلىدۇ.

شۇنىڭدەك گۇۋاھلىق ئىشلىرىدا ئىككى ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى بىر ئەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ئاياللار ئايلىق ئادەت كۆرۈش، ھامىلدار بولۇش، تۇغۇش ۋە ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش قاتارلىق قىيىن ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنۇتقاقلىققا دۇچكىلىدۇ. گاھىدا مەزكۇر گۇۋاھچى ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئۇنتۇپ قالسا يەنە بىرى ئەسلىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت ھۆكۈمنىڭ كۈچلۈك ۋە ئادىل بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئايالغا يەنە بىر ئايالنىڭ گۇۋاھچىلىقتا ھەمرا بولىشىنى يولغا قويغان.

ئېمىلداشلىق ۋە نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشكە سەۋەپ بولىدىغان ئەيىبلەرنى بىلىش قاتارلىق ئىشلارنى، ئاياللاردىن باشقىلار بىلەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، بۇنداق ئىشلاردا بىر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى كۈچكە ئىگە قىلىندى.

ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، دۇنيادا ياخشى نەرسىلەردىن مەنپەئەتلىنىش، ئاخىرەتتە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش قاتارلىق ئىشلاردا ئەر-ئاياللار باراۋەردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەر - ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيانىڭ قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا ئەلۋەتتە قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.» [سۈرە نەھلى 97-ئايەت].

ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە لايىق ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەرلىك خۇسۇسىيەتكە لايىق مەسئۇلىيىتى بولغىنىدەك، ئاياللارنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئاياللىق خۇسۇسىيىتىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيىتى باردۇر. ئاللاھ تائالا دۇنيادا ئەرلەر قىلىشقا مۇناسىپ بولغان ئىشلارنى ئەرلەرنىڭ قىلىشىنى، ئاياللار قىلىشقا مۇناسىپ بولغان ئىشلارنى ئاياللارنىڭ قىلىشىنى بېكىتتى.

ئاللاھ بارلىق ياخشىلىقلارغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، پەتىۋا بېرىش دائىمى كومىتېتى.  


 

Go to the Top