پروبىركىدا بالا يېتىشتۈرۈش

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: پروبىركىدا بالا يېتىشتۈرۈش
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: ئەسما بىنتى ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: پروبىركا ئارقىلىق بالا يېتىشتۈرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-06-14
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/351228
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
پروبىركىدا بالا يېتىشتۈرۈش
141.8 KB
: پروبىركىدا بالا يېتىشتۈرۈش.pdf
2.
پروبىركىدا بالا يېتىشتۈرۈش
2 MB
: پروبىركىدا بالا يېتىشتۈرۈش.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

پروبىركىدا بالا يېتىشتۈرۈش

 

3474 - نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

پروبىركا ئارقىلىق بالا يېتىشتۈرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاب:

ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ مەسىلە ئىسلامى فىقھى كومىتېتى گۇرۇپپىسى(مەجمەئ ئەل - فىقھ ئەل - ئىسلامىي) تەرىپىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك نەتىجىنى بايان قىلدى:

بىرىنچى: تۆۋەندىكى بەش خىل ئەھۋال ئاستىدا پروبىركىدا بالا يېتىشتۈرۈش شەرىئەتتە چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئۆزى ھارام بولۇش بىرگە، ئۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، نەسەبنىڭ ئارىلىشىشى، بالىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى بولماسلىقتەك، شەرىئەتتە چەكلىمە قويۇلغان ئىشلار تۈپەيلى ھارام دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى.

1- ئەردىن ئېلىنغان ئىسپېرما بىلەن ئۆز ئايالى بولمىغان باشقا ئايالدىن ئېلىنغان تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئۆز ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا يېتىلدۈرۈش.

2- يات بىر ئەرنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن ئۆز ئايالىنىڭ تۇخۇمىنى ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا يېتىلدۈرۈش.

3- ئەرنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن ئايالنىڭ تۇخۇمى بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇلۇپ ( ئەر-ئايالنىڭ ) ، چاڭلاشتۇرۇلغان مەزكۇر سۇيۇقلۇقنى باشقا بىر ئايالنىڭ (يەنى يات ئايالنىڭ) بالىياتقۇسىدا يېتىلدۈرۈش.

4- باشقا بىر ئەرنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن باشقا بىر ئايالنىڭ تۇخۇمىنى ئۆز ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا يېتىلدۈرۈش.

5- ئەرنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن بىر ئايالىنىڭ تۇخۇمىنى بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئىككىنچى ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا يېتىلدۈرۈش.

ئىككىنچى: پروبىركىدا بالا يېتىلدۈرۈشكە زۆرۈر ئېھتىياج بولغاندا، تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا شەرىئەتكە كۆرە خاتا بولمايدۇ:

1- ئېرىنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن ئايالىنىڭ تۇخۇمى بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇلۇپ، -ئاندىن كىيىن ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا يېتىلدۈرۈش.

2- ئەرنىڭ ئىسپېرمىسى ئىلىنىپ، ئۆز ئايالىنىڭ بالىياتقۇ ئاغزىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئۇرۇقلاندۇرۇش ياكى ئايالىنىڭ بالىياتقۇسى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۆرەلمىنى يېتىلدۇرۇش.

يۇقىرىدىكى جايىز دەپ قارالغان مەزكۇر ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ بالا ئېلىشتا ئېتىبارغا ئىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلە، ئايالنىڭ ئېغىر ئەۋرەتلىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېچىشقا مەجبۇر بولىشى ۋە زۆرۈرىيەتسىز ئەھۋالدا بەدەن ئەزالىرىنى باشقىلارغا ئېچىپ قېلىش مۇمكىنلىقى، لابوراتورىيىدە خاتالىق كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى، بەزى دوختۇرخانىلاردىكى كەسپى ئەخلاققا ئىگە ئەمەس دوختۇرلار، ئامانەتكە خىيانەت قىلىپ، پۇل تېپىشنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىرگە، نەتىجىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئىسپېرما ياكى تۇخۇمنى ئالماشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە سەزگۈر پوزىتسىيىدە بولۇشى لازىم.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئەلمەجمەئەل فىقھى ناملىق ئەسەرنىڭ 34-بىتىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.


 
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 4 )
Go to the Top