يأمر زوجته بالحجاب ولو كانت في البيت وحدها

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: يأمر زوجته بالحجاب ولو كانت في البيت وحدها
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: يرى زوجي أن أرتدي الحجاب في البيت من أعلى درجات الإيمان، فهو يرى أيضا أن هذا يزيد من البركة في البيت ، ليست لدي أي دوافع لرفض هذا الأمر إذا كان الإسلام يأمر بذلك ولكنني أرى أنني في البيت يجب أن أكون جذابة وجميلة ،هل يمكن أن توضحوا إذا ما كان الحجاب في البيت يزيد البركة ؟ وهل إذا رفضت أكون آثمة ؟ وجزاكم الله خيرا
تأريخ الإضافة: 2011-05-09
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/343941
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئەر ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدىمۇ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيدۇ
241.6 KB
فتح: ئەر ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدىمۇ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيدۇ.pdf
2.
ئەر ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدىمۇ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيدۇ
334.5 KB
فتح: ئەر ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدىمۇ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيدۇ.doc
نبذة موسعة

 

ئەر ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدىمۇ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيدۇ

 

152986- سوئال

سوئال:

يولدىشىم مەندىن ئۆي ئىچىدىمۇ ھىجابلىنىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۆي ئىچىدە ھىجابلىنىشىمنى بولسا ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ۋە ئۆيىمىزگە بەرىكەت بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ كۆزقارىشىچە ئۇخلايدىغان ياكى يۇيۇنىدىغان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا مەن ئۆيدە يالغۇز بولساممۇ ھىجابلىنىشىم كېرەك ئىكەن. ئەگەردە بۇنى ئىسلامدا بۇيرۇغان بولسا مېنىڭ باش ئەگمەسلىككە ھەددىم ئەمەس، ئەمما ئۆيۈمدە ئېرىم ئۈچۈن چىرايلىق ياسىنىپ-جابدۇنۇپ ئولتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئۆي ئىچىدە ھىجابلىنىش بەرىكەتكە سەۋەب بولامدۇ؟ ئەگەر ئۆي ئىچىدە  ھىجابلانمىسام گۇناھكار بولامدىم؟ شۇنداقلا ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ يولدىشىمنى رازى قىلىشىممۇ ئىنتايىن مۇھىم، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاب:

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى جانابى ئاللاھقا خاستۇر.

شەرىئەت ئەھكام ۋە ئەخلاقلىرىدا ئاياللار ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز ۋاقىتتا ھىجابلىنىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى بىلمەيمىز. يولدىشىڭىزنىڭ دىنى غۇرۇرىغا رەھمەت ئېيتىلسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىگە ناھايىتى قاتتىق ئۆلچەم قويۇشى شەرىئەت ۋە ئىنسانى پىترەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئىنسانلار قەلبىنى گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ۋە زىننەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتى. شۇنداقلا ئايالنىڭ ئېرىغا ياسىنىشى ۋە پەردازلىنىشىغا ئوخشاش كۆپلىگەن ئىشلارغا رۇخسەت قىلدى. بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار ئەرنىڭ ئايالىغا مايىل بولىشى ۋە سۆيگۈ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر.

مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئايالنىڭ ئەر ئۈچۈن خۇشبۇيلارنى ئىشلىتىشى ۋە چىرايلىق كىيىنىشى ياخشى كۆرۈلىدىغان ۋە ئايالنىڭ ئەر ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىدىن بولۇپ، بۇ ھەقتە بەزى ئەھلى-ئىلىملەر مۇنداق دېگەن: "ئايالنىڭ ئەر ئۈچۈن زىننەتلىنىشى ۋە خۇشبۇيلارنى ئىشلىتىشى، ئەر-ئايال ئارىسىدا ئامراقلىق ۋە مۇھەببەتنى بەرپا قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك سەۋەبلەردىندۇر". كۆز قەلبنىڭ يولباشچىسى، ئەگەر كۆز گۈزەل مەنزىرە ۋە چىرايلىق نەرسىلەرنى كۆرسە شۇ ھامان قەلبگە يېتىدۇ-دە، قەلبتە ياخشى كۆرۈش بارلىققا كېلىدۇ. ئەگەر قەبىھ مەنزىرە ياكى سەت كىيىم-كېچەككە كۆزىڭىز چۈشسە، شۇ ھامان قەلبتە يامان كۆرۈش ياكى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەب ئاياللىرى بىر-بىرىگە: "يولدىشىڭنىڭ كۆزىگە گۈزەللىك ھالەتتە كۆرۈنگىن ۋە سەندىن گۈزەل ھېدلارنى ھېدلىسۇن" دېگەن مەزمۇندىكى نەسىھەتلەرنى قىلىشاتتى. [پەيزۇل قەدىر 3-توم 190-بەت].

ئاياللارنىڭ ئۆيىدە ۋە ئېرى بىلەن بىرگە ئولتۇرغاندا ھىجابلىنىشى، ئايالنىڭ كۆپلىگەن زىننەت ۋە گۈزەللىكلىرىنى توسۇپ قالىدۇ.

شۈبھىسىزكى ئىسلام شەرىئىتى ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈچۈن ياسىنىشى ياكى پەردازلىنىشىنى ياخشى دەپ قارايدۇ. ئاياللار تەبىئىتى ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىش خاراكتېرىگە ئىگىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئاللاھقا، زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟». [سۈرە زۇخرۇپ 18-ئايەت].

ئاللاھ  كەڭرىچىلىك بەرگەنكەن سىز تارلاتماڭ. ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىدە ھىجابنى لازىم تۇتۇشى ئىماننىڭ بۈيۈك مەرتىۋىسىدىن ئەمەس. ئۆيىڭىز بەرىكەتلىك بولۇشىدىكى سەۋەبلەردىنمۇ ئەمەس. شەرىئەت رىغبەتلەندۈرگەن ئەدەپ-ئەخلاقلاردىنمۇ ئەمەس.

ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە مۇستەھكەم تۇرۇش، شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراقلىشىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بولىدۇ. ئاللاھ سىز ۋە ئايالىڭىزغا پايدىلىنىش ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان بارلىق ئىشلاردىن بەھرى ئىلىشىڭىز مۇمكىن. ئايالىڭىزدىن سىز ئۈچۈن ياسىنىشى ۋە گۈزەللىنىشىنى تەلەپ قىلىڭ، شۇنداقلا ياخشىلىق ۋە بەرىكەتنىڭ شۇنىڭدا ئىكەنلىكىنى دەل شۇ ۋاقىتتا بىلىپ يېتىسىز ئىنشائاللاھ.

جانابى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 


 
Go to the Top