رسالة إلى الطلبة الأويغور في المدينة المنورة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: رسالة إلى الطلبة الأويغور في المدينة المنورة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه المقالة موجهة إلى الطلبة الأويغور الذين يدرسون في المدينة المنورة تذكيراً لهم بمكانة المدينة المنورة، ودورها وفضلها لدى المسلمين، وأيضاً أن لا ينسوا مهمتهم الدعوية تجاه بلدهم وغيرها من النصائح القيمة.
تأريخ الإضافة: 2011-04-01
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/339633
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
پەيغەمبەر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دىققىتىگە!
753.5 KB
فتح: پەيغەمبەر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دىققىتىگە!.doc
2.
پەيغەمبەر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دىققىتىگە!
346.5 KB
فتح: پەيغەمبەر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دىققىتىگە!.pdf
نبذة موسعة

 

 

پەيغەمبەر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دىققىتىگە!

ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۇر-چىراغلىرى بولىدىغان ئەزىز ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر دىنى زىيالىلار دىققىتىگە!!!.

مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرى بۇنىڭدىن 14ئەسىر ئىلگىرى، ئۇلۇغ يولباشچىمىز ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كېلىشى بىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ نۇرلۇق قەدىمىنىڭ پەزىلىتىدىن ئەسلى ئىسمى "يەسرىب" دېيىلىدىغان بۇ شەھەر "مەدىنە-مۇنەۋۋەرە" گە ئۆزگەردى. نۇبۇۋۋەت نۇرىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا جەۋلان قىلىشى بىلەن، شۇ دەۋرىدىكى جاھالەت قاراڭغۇلۇقى يورۇپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى تامامەن ئۆزگەرتتى ۋە ئۇلارنى مۇقەددەس ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ئىلاھى نېمەت بولغان مەنىۋى ئوزۇق بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق، بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە باش ئەگمەيدىغان ئىمانى كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىپ تەربىيىلىدى. شۇنداقلا بۇ مۇبارەك زېمىن ئەينى زاماندا ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ بۈيۈك ئوردىسى بولۇش بىلەن بىرگە "پەيغەمبەر شەھىرى" دېگەن مۇبارەك نام-شەرەپكە نائىل قىلىندى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىنچى ھەرىمىگە  ئايلاندۇرۇلدى.

ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ مۇبارەك شەھەردىن مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئىلاھى نۇرى پۈتۈن ئالەمگە تارقىلىپ، ئىنسانلار قەلبىنى ھەقىقى تۈردە يورۇتۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تا قىيامەتكىچە بۇ مۇقەددەس ئىلاھى نۇر شۇ زېمىندىن چاقناپ، پۈتكۈل ئالەمنى ئىسلام نۇرى بىلەن يورىتىدىغانلىقىدا قەتئى شەك يوق. بۇ ھەقىقەتنى يالغۇز ئىسلام نېمىتىگە مۇيەسسەر بولغان مۇسۇلمانلارلا ئەمەس بەلكى ئىسلام نېمىتىگە ئېرىشىشكە مۇيەسسەر بولالماي گاڭگىراپ يۈرگەن ئىنسانلارمۇ ئېتىراپ قىلغان ئاشكارە ھەقىقەتتۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ، شۇ زېمىندىكى ئىلىمسىز، نادان، جاھىل، قالاق، ئەخلاقسىز كىشىلەرنى بىر-بىرلەپ تەربىيىلەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا  ئۇلارنى ئىلىم-مەرىپەت بابىدا چاقنىغان يۇلتۇزلارغا ئايلاندۇردى.

ئۇ ئىنسانلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچبىر ئىلىم-مەرىپەت بۇلىقىدىن سۇ ئىچمىگەن، ھەتتا بەزىلىرى قۇللۇقتىن ئىبارەت خورلۇق ھاياتىدا ياشاپ كېلىۋاتقانلار ئىدى. رەسۇلۇللاھ مەدرىسىسىدىن تەلىم ئېلىشنى باشلاپ ئاخىر پەيغەمبەر ئۇنىۋېرسىتېتىگىچە بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگەن ئىنسانلار ئىچىدە، ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك مەشھۇر قوماندان، ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك مەشھۇر ئادالەتپەرۋەر سىياسىيون، بىلال ئىبنى رەباھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك مەشھۇر قەھرىمان يېتەكچى، مەئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس شەھەر ۋالىلىرى يېتىشىپ چىققان بولسا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە (ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن ئىسىملىرى يېزىلمىغان) ئونلاپ ئاسترونوم-بىئولىگلار ۋە يۈزلەپ-مىڭلاپ بىلىم ئەربابلىرى بارلىققا كەلگەن.

رەسۇلۇللاھنىڭ مەرىپەت بۇلىقىدىن سۇ ئىچكەن نەچچە ئونمىڭلىغان ساھابىلار، ئىلاھى ۋەھيىنى تارقىتىش ئۈچۈن يالغۇز ئەرەب يېرىم ئارىلىدىلا ئەمەس بەلكى شەرىقتە پامىر تاغلىرىدىن ھىندى ئوكيانلارغىچە، غەربتە كونىستانتىناپولدىن تاكى پىرئەۋن پىرامىدالىرىغىچە تارقىلىپ، پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنى ئىسلام نۇرىدىن ئىبارەت ئىلاھى ۋەھيى بىلەن ھوزۇرلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زور كۆلەمدە گۈللەپ-ياشنىشىغا بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشتى. يۇقىرىقىدەك بۈيۈك تۆھپىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئاساسى ساھىبخانلىق رولىنى ئوينىغان مەزكۇر زېمىن مەدىنە مۇنەۋۋەرە بولسا، تا ھازىرغا قەدەر شۇ بۈيۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە ۋە كېلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇبارەك زېمىن بارچە مۇسۇلمانلار قەلبىدە، تاكى قىيامەتكىچە مەڭگۈ مۇقەددەس قالىدىغان بولغاچقا، بۇ ئورۇندا ياشاۋاتقان ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، ھەربىر تالىبۇل-ئىلىم قېرىنداشلىرىمىزغا قايسى ئىرقىدىن بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۈيۈك ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئېھتىراملىرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەيغەمبەر ئىزى بېسىلغان مۇبارەك زېمىندا بولۇشلىرى بىلەن بىرگە، شۇ پەيغەمبىرىمىز قۇرغان تۇنجى مەدرىسىنىڭ داۋامى بولغان بۈگۈنكى "مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى"گە  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلىقى، بىز مۇسۇلمانلارنى ئىنتايىن سۈيۈندۈرۈپلا قالماستىن، كەلگۈسىدە بىزگە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان نۇر-چىراق، يولباشلامچىلىرىمىز كۆپەيمەكتە دېگەن بۈيۈك ئارزۇ-ئىشەنچ تۇيغۇسى پەيدا قىلماقتا. بۇ ئارزۇ-تۈيغۈلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ياكى ئاشۇرماسلىق ئەنە شۇ مۇقەددەس زېمىندا ئىلىم ئېلىۋاتقان ئەزىز-ھۆرمەتلىك دىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادى، ۋىجدان-غۇرۇرى، مىللى-مەجبۇرىيىتى ۋە ئەخلاقى چۈشەنچىسىگە باغلىق. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟.» [سۈرە تەۋبە 122-ئايەت].

(قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەلۋەتتە بىلىم ئالغاندىن كىيىن مىللەتنى ياخشىلىققا يېتەكلەش نىيىتىدە ئىكەنلىكىدە گەپ يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىغا قەدەم قويغاندىكى ئەسلى غايە- نىشانلىرىنى قەتئى ئۇنتۇماسلىقى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى ئىكەنلىكىدىمۇ شەك يوق-مۇھەررىر-).

مىللەتنىڭ بۇ بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئاقلاش ۋە رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىر ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىگە ئىنتايىن تەلەپچان بولىشى، ئاز ۋە قىممەتلىك ۋاقىتتىن ئىبارەت ئۆتكۈنچە ئۆمۈرگە ئىنتايىن مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ زېمىنغا قانداق كەلگەنلىكى ۋە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكلىرىنى كۈندە بىرنەچچە قېتىم ئەسلەپ ئۆتىشى، بۇنىڭغا ئوخشاش شارائىتى تولۇق بىلىم يۇرتلىرىغا كېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۆيلىرىدىمۇ مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنى جاراڭلىق ئاۋازدا تىلاۋەت قىلالمايۋاتقان مىليونلارچە مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنى ئىسىدىن چىقارماسلىقى، شۇنداقلا ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشتە، ئىلاھى ئىلىمنىڭ سەردارى بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسلى تەلىماتى بويىچە، ئاساسى مەقسەتنى بويلاپ ئىسلام ۋە مىللەتكە خىزمەت قىلىش غايىسىنى يۇقىرى ئورۇندا قويۇشى، بۇ جەرياندا ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان "لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ" دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ تەقەززاسى "ئەلۋەلا-ۋەلبەرا" (يەنى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلامدىكى مۇھەببەت-نەپرەت مەيدانى) دىن ئىبارەت، ئاللاھنىڭ دوستىغا دوست بۇلۇش، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىگە دۈشمەن بولۇشتەك ئېتىقادى شەرتكە ئەمەل قىلىشلىرى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

(ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! تارىخىمىزغا كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساق، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەددى- ھېسابسىز زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق. شۇنداقلا دىنى ئېتىقادىمىز، مىللى غۇرۇرىمىز، زېمىن تەۋەلىكىمىزگە ئوخشىغان ھاياتىمىزدىكى ئىستىراتېگىيىلىك مەسىلىلەردىن ئېغىز ئاچالمايدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىمىز ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايان. بۇنىڭغا ئوخشىغان سەزگۈر مەسىلىلەرگە جىددى مۇئامىلە قىلىش ۋە مىللەتكە چىقىش يولى ئىزدەش، سىلەرگە ئوخشاش ئالى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ مەرىپەت بۇلاقلىرىدا مەنىۋىيىتىنى بېيىتقان، ۋەتەن مىللەتنىڭ كېلىچىكىگە ھەقىقى تۈردە جان كۆيدۈرىدىغان دىنى زىيالىيلارنىڭ ئىمانى ۋە مىللى بۇرچىدۇر.-مۇھەررىر-)

مىللەت ئۇستىدە ساناپ تۈگەتكۈسىز زۇلۇم-ئىسكەنجىلەر يۈرگۈزۈلۈپ تۇرسىمۇ، مىللىتىمىز ئىچىدىكى ۋىجدانلىق، ئىمانلىق، بىرتۈركۈم ئەھلى-ئىلىم ۋە يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان دىنى زىيالىلار ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى ۋە بۇ جەرياندا شۇنچە قىيىن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، يۇرت ئاتلاپ چىقىپ ھەر-ساھەدە ئىلىم ئالماقتا ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. مانا بۇ جاپاكەش، خالىس نىيەتلىك قېرىنداشلىرىمىزدىن جانابى ئاللاھ ئۆزى رازى بولسۇن.  ئامىن...

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەزەلدىن ئۆز دىنى ئېتىقادىغا بولغان چەكسىز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئاجىزلاشتۇرالمىغان دۇشمەن، ھەرتۈرلۈك ھىلە نەيرەڭلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، 1990-يىلدىن باشلاپ يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنى زاتلارغا ۋە مەھەللە ئىماملىرىغا مەخسۇس چارە قوللۇنۇپ، "قانۇنلۇق دىنى زات" دېگەن رېجىم قالپىقىنى كەيدۈرۈش ئارقىلىق ئاتالمىش "ئىماملىق دىپلومى" نى تارقاتتى ۋە ئازغىنە ئايلىق مائاش بېكىتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغان ئىدى. بۇخىل ئۈنۈملۈك تاكتىكىلارنىڭ تەسىرىدە مىللىتىمىز ھەركۈنى دېگۈدەك ئازابلانماقتا ۋە زەھەرلەنمەكتە. (كاشكى ئەينى زاماندىكى ئەھلى-ئىلىملىرىمىز يېگانە ئاللاھتىن قورقۇپ قەتئى ئىرادە بىلەن ياشاپ، ئاللاھ ئۇستىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى تونۇپ مىللى بۇرچىنى ئادا قىلغان بولسا ئىدى، بۇگۇنكى كۈندە دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا چوقۇم ئۆز رولىمىزنى جارى قىلدۇرالىغان بولاتتۇق. ھېلىھەم ئاللاھتىن ئۇلارغا ھىدايەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز-مۇھەررىر-).

يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى، دۇنيا ئىسلام مەركىزى بولغان مۇقەددەس شەھەر مەدىنە مۇنەۋۋەرىدە ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇر دىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەلچىخانا تەرەپتىن ئايلىق ياردەم پۇلى بېكىتىش تەكلىپىنىڭ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قاتتىق روھى زەربىگە ئۇچرىدى ۋە ئۈچرىماقتا!.

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى بۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بۇ بىر تۈركۈم ياش دىنى زىيالىلارغا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق ئىقتىسادى ياردەم بېرىشتەك تەكلىپتە بولىشى، يولۋاسنى كېكىردەكتىن بوغۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان زەھەرلىك يىلاننىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ بېرىدۇ.

ئىلگىرى ۋەتىنىمىزدە قۇرئان كىتابلارنى ئاشكارە كۆيدۈرگەن، ئۆلىما ۋە ھەقىقەتچىلەرنى ئاشكارە ئۆلتۈرگەن، جامى-مەدرىسە ۋە مەسچىتلەرنى ئاشكارە ۋەيران قىلغان بولسا، بۈگۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن قۇرئان كىتابلىرىنى، مىللى تارىخى ماتېرىياللىرىنى يىغىۋېلىپ مەخپى كۆيدۈرۈۋاتقان، ئۆلىمالىرىنى تۇرمىغا مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماۋاتقان، ئايال-قىزلىرىنى جىسمانى ۋە روھى ئوپېراتسىيىسى قىلىپ ئۆمۈرلۈك بىمارغا ئايلاندۇرىۋاتقان، ياش ئەۋلاتلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللى تەلىم-تەربىيە ئېلىشلىرىنى تامامەن چەكلىگەن ھۆكۈمەتنىڭ نىشانلىق ۋە مەقسەتلىك غەرىزى ۋە نومۇسسىزلارچە مەزكۇر تەكلىپنى بېرىشى، ئۇلارنىڭ نېمە مەقسەتنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئەگەر ھۆكۈمەت بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە دىنى تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىگە راستىنلا كۆڭۈل بولىدىغان بولسا ئىدى، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا نورمال دىنى پائالىيەت قىلىش ۋە ياش ئەۋلادلارنىڭ دىنى تەلىم ئىلىشىغا چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرىدۇ؟!.

نېمە ئۈچۈن 18 ياشتىن تۆۋەن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىش ۋە دىنى پائالىيەتلەرگە بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ؟!.

نېمە ئۈچۈن مىللى ئۆرپ-ئادەت، تىل-يىزىقلىرىمىزنى يوقىتىشقا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىدۇ؟!.

نېمە ئۈچۈن مەسجىد ۋە ئۆيلەردە ئىسلامىي تەلىم-تەربىيە خىزمەت ئەركىنلىكى يوق؟!.

نېمە ئۈچۈن دىنى پائالىيەت ۋە ئاقارتىش خىزمەتلىرىمىز قانۇنسىز دىنى ھەرىكەت بولۇپ بېكىتىلىدۇ؟!.

ۋەتەن سىرتىدا ھەرخىل كەسىپلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان  يۈزلىگەن-مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە ئىقتىسادى ياردەم بېرىش تەكلىپى بولماستىن، نېمە ئۈچۈن مەخسۇس مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر دىنى زىيالىلارغا بۇ تەكلىپ قۇيىلىدۇ؟!.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! دۈشمەننىڭ غەرەز ۋە مۇددىئاسى ئېنىق، نىيىتى يامان، ئۇيغۇرنىڭ باش ئەزاسىدىن باشلاپ زەھەرلەپ، بۇخىل زەھەرلەش ئۇسۇلىنى تەدرىجى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بارچە ئەزالىرىنى تامامەن پالەچ-مېيىپ ھالغا كەلتۈرۈش، نەتىجىدە ئۇيغۇرنى تامامەن يوقۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. (ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىزنىڭ بۈگۈنگە قەدەر مىللەت بولۇپ ئۆز كىملىكىمىز ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قىلىشىمىزدا ئاللاھقا بولغان ئېتىقادىمىزنىڭ ئۈلگىلىك رول ئوينىشىنى ئىخلاسمەن جاپاكەش، ھەقىقەتپەرۋەر يېتۈك ئالىملىرىمىزنىڭ شانلىق خىزمەتلىرىدىن ئايرىپ قاراش مۇمكىن بولمىغاندەك، بۇنىڭدىن كىيىنكى دىنى ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش ۋە مىللى كىملىكنى ساقلاپ قىلىشىمىز  ساغلام ئېتىقادنى ئاساس، شەرىئەتنى ئۆلچەم قىلىش نىيىتىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئەھلى-ئىلىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ- ئەلۋەتتە. ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئالىملىرى يولدىن چىقىدىكەن، خەلقنىڭ كېلەچىكىدىن ئېغىز ئاچمىسىمۇ بولىدۇ-مۇھەررىر-).

مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە پەيغەمبەر مەسچىتىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز شۇكى، سىلەر پەيغەمبەر مەدرىسىسىنىڭ ۋارىسلىق ئوقۇغۇچىلىرى! سىلەر كېلەچەكتە بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن نۇرلۇق چىراق! سىلەر ئىسلام دىنىمىزنىڭ كەلگۈسى يېتەكچىلىرى! سىلەر مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ۋە پەخرى! سىلەر بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئەنئەنىۋى غۇرۇرىمىزنىڭ كېلەچەك سىمۋولى!.

ئەگەر سىلەر پەيغەمبەر شەھىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دېگەن شۇ شەرەپلىك ئۇنۋان بىلەن ھۆرمەت ۋە ئىززەتكە سازاۋەر ھالدا خەلقىمىز ئالدىدا باشنى تىك تۇتۇپ ياشاشنى ئويلىساڭلار، شاپتۇل داموللا ۋە ھارۇن خىتاي، جۈمە خىتاي، رەقىب خىتاي، ئابلىمىت شەيتان، ئابدۇۋاھاب قوچاق كەبى كونۈپكىلىك موللىلارنىڭ تىرادىگىيەسىنى قايتا تەكرارلىماسلىقىڭلار لازىم. چۈنكى ئۇلارغا ئوخشاش موللىلارغا مىللەتنىڭ ھېچ ئېھتىياجى يوق. مىللەتكە دۇنيانىڭ ئەيشى-ئىشرەتلىرىنى ئاخىرەت ۋە ئۇنىڭدىكى مۇكاپاتلاردىن ئۇستۇن بىلىدىغان ئاتالمىش دىنى زات كېرەك بولماستىن بەلكى ھەقىقى دىنى زات كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلچىخانا تەرىپىدىن قويۇلغان تۇزاقتىن ئۆزۈڭلارنى چەتكە ئېلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەستىن سىلەرگە قويغان (مەدىنىدىكى دىنى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىش) تەكلىپىنى قەتئى رەت قىلىشىڭلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئېھتىمال بۇ سىلەر ئۈچۈن جانابى ئاللاھنىڭ سىنىقى بولىشى مۇمكىن.

شۇنداقلا مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار مەسئۇلى بارلىق ئوقۇغۇچىلار نامىدىن مېدىيا ۋاستىلىرى ئارقىلىق بۇ ھەقتە بارچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئاشكارە چۈشەنچە بېرىشىڭلار ئىنتايىن زۆرۈر. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، سىلەرنىڭ بۇ ھەقتە بىر قارار بېرىشىڭلارنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە!.

مېھرىبان ئاللاھ سىلەرنى ۋە بارچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىمانى-ئېتىقادىمىزدا ئەبەدىي مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلسۇن !!!.

ئامىن... ئامىن... ئامىن !!!

 

Go to the Top