يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى

كىتابلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازما: شەيخ ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز
تەرجىمە قىلغۈچى: مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ئا.قارلۇقى - نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
قىسقىچە چۈشەنچە: «يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتاب، دىنىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ دىنىي چۈشەنچە ۋە مېتودلىرىغا كۆرە ئورۇندايدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقىمىز ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرسەتملىرىگە ئاساسەن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نىسبەتەن تولۇق شەكىلدە يېزىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە فىقھى كىتابى يوق ئىدى. جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە خەلقىمىزنىڭ دۇئاسى سايىسىدا ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى بۇ كىتابنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقاردى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 5 توم، كىتابنىڭ 1- قىسمى: ئىبادەتكە دائىر مەسىلىلەر. 2-قىسمى: كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 3-قىسمى: قانۇن ۋە ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 4-قىسمى: مۇئامىلە ۋە ئېلىم-بېرىمگە ئائىت مەسىلىلەر. 5-قىسمى: تۇرمۇشتا كۆپ ئۈچرايدىغان ھەر-تۇرلىك فىقھى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-03-18
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/338896
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 5 )
1.
يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى 1-قىسىم
6.7 MB
: يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى 1-قىسىم.pdf
2.
يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى 2-قىسىم
5.6 MB
: يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى 2-قىسىم.pdf
3.
يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى 3-قىسىم
5.8 MB
: يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى 3-قىسىم.pdf
4.
يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى 4-قىسىم
5.6 MB
: يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى 4-قىسىم.pdf
5.
يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى 5-قىسىم
6.8 MB
: يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى 5-قىسىم.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىزاھات:

خەلقىمىز ئىسلامنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلاردىن تارتىپلا ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ فىقھى ساھەسىدىكى كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا ئىبادەت، مۇئامىلە، ئىش - ھەرىكەت... ۋاھاكازالارنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەنەفىي مەزھىبى  بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت، پىكىر - تەپەككۇر، ھەتتا ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيانقى تارىخىنىڭ بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھەممە بىلىدۇ. ھالبۇكى، مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بويان خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېڭى ۋە سەۋىيىسىگە ماس بىرەر فىقھى كىتابىنىڭ، خۇسۇسەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ھەنەفىي مەزھىبىگە ئائىت ساغلام ۋە توغرا شەكىلدە يېزىلغان بىرەر كىتابنىڭ ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن يېزىلمىغانلىقى، ھېچبولمىغاندىمۇ تەرجىمە قىلىنمىغانلىقىنى نادانلىق ئىبارىسى بىلەنمۇ، چارىسىزلىك دېيىش بىلەنمۇ ئىزاھلاپ بەرگىلى بولمىسا كېرەك. مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بويان سۇ ۋە ھاۋاغا ئوخشاش ئېھتىياجلىق بولۇپ كېلىۋاتقان، بىراق ھېچبىر شەكىلدە روياپقا چىقىرىلمىغان بۇ خىل بوشلۇقلارنى «يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بولسىمۇ تولدۇرۇشقا تىرىشىشنى ئەڭ جىددىي ۋەزىپە، دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان ھالدا «بىسمىللاھ» دېدۇق، نەتىجىدە جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن كىتاب تەرجىمە قىلىندى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئىزاھات ۋە ئەسكەرتىشلەرنى ئەستىن چىقارمىغايسىز...

بىرىنچى: چۈشۈنۈشلۈك بولسۇن ئۈچۈن ئەرەب تىلى گرامماتىكىسىغا دائىر بەزى مەزمۇنلارنى بىرمۇ بىر ئەمەس، بەلكى مەزمۇن بويىچە تەرجىمە قىلىندى.  زۆرۈر بولمىغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم تەپسىلاتلار چىقىرىپ تاشلاندى.

ئىككىنچى: تەرجىمە جەريانىدا، ئۇيغۇر تىلىغا ماس كەلمەيدىغان بەزى نۇقتىلارنى ئۆزگەرتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئامال بار كىتابنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتۇق.

ئۈچىنچى: ئاپتور «يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى» ناملىق بۇ ئەسىرىنىڭ ئەتراپلىق ۋە بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پارچە ئەسەر بولۇشىنى مەقسەت قىلغان بولسا كېرەك، مەسىلىلەر ئۈستىدە ناھايىتى ئەتراپلىق توختالغان؛ ئوخشاش بىر مەسىلە ئۈچۈن تارىختا ئۆتكەن ناھايىتى كۆپ ساندىكى مەشھۇر ھەنەفىي ئۆلىمالىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان، ھەتتا بىر - بىرىگە زىت قاراشلىرىنىمۇ ئۆز پېتى نەقىل كەلتۈرگەن. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىغا ئوخشاش قارىمۇ قارشى مەزمۇندىكى پىكىرلەرنى ئۇچراتقىنىدا، بىرىنى توغرا، يەنە بىرىنى خاتا، دەپ يەكۈن چىقارماستىن، بۇلارنىڭ ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ پىكىر بايلىقى دەپ چۈشىنىشىنى، نەقىللەرنىڭ بۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كىتابنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلاردىن خالىي بولالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەيلى تەرجىماننىڭ خاتالىقى ياكى تەھرىرنىڭ سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان خاتالىقلار ياكى كەمچىلىكلەر بولسا، قەتئىي ئىككىلەنمەستىن ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىنىڭ بىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى، شۇنداقلا دوستانە پىكىر، تەلەپ ۋە تەۋسىيەڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاخىرىدا بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشىغا بىۋاسىتە كۈچ چىقارغان، رىياسەتچىلىك قىلغان، تەھرىرلىك خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان، شۇنىڭدەك كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئۈچۈن ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ دۇئالىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى


 
(ئاللاھ خالىسا دارۇل ئىسلام تور بېكىتىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلىمىدە مەزكۇر ئەسەر ھەر ئۈچ ھەپتىدە بىرقىسىمدىن ئىلان قىلىنىدۇ، پايدىلانغۇچى توربېكەتلىرىنىڭ مەنبەنى كۆرسەتكەن ئاساستا نەشىر قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ھۆرمەت بىلەن: دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئۇيغۇرچە بۆلىمى).

 

 

Go to the Top