جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە كىملەردىن ئىبارەت؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-02-17
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/334201
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر
222.8 KB
: جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر.pdf
2.
جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر
592.5 KB
: جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر

 

5852- نومۇرلۇق سوئال

سۇئال:

جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە كىملەردىن ئىبارەت؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپ:

بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر.

جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بىرىلگەن ئون كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستىكى كىشىلەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ بەكرى جەننەتتە، ئۆمەر جەننەتتە، ئوسمان جەننەتتە، ئەلى جەننەتتە، تەلھە جەننەتتە، زۇبەير جەننەتتە، ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف جەننەتتە، سەئدى جەننەتتە، سەئىيد جەننەتتە، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ جەننەتتە.» [تىرمىزى رىۋايەت قىلغان 3680-ھەدىس].

بەزى رىۋايەتلەردە سەئدىنىڭ ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە سەئيدنىڭ سەئىيد ئىبنى زەيد ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇلاردىن باشقا بىر نەچچە ساھابىلەرمۇ جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بىرىلگەن بولۇپ، ئۇلار خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام، ئەككاشە ئىبنى مۇھسىن (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) ۋە باشقىلار.

يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئۆن كىشىگە بىرلام بىشارەت بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن " جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بىرىلگەن ئون كىشى " دەپ ئاتالدى.

ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.


 
Go to the Top