حكم مشاهدة مسلسل يوسف الصدّيق عليه السلام

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: حكم مشاهدة مسلسل يوسف الصدّيق عليه السلام
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هناك مسلسل عن نبي الله يوسف عليه السلام وحياته ، أرجو بيان الحكم الشرعي في هذا الأمر .
تأريخ الإضافة: 2011-02-15
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/334130
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە فىلىمىنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى
767.5 KB
فتح: يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە فىلىمىنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى.doc
2.
يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە فىلىمىنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى
336.2 KB
فتح: يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە فىلىمىنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى.pdf
نبذة موسعة

 

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە فىلىمىنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى

 

63704-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ھازىر جەمئىيىتىمىزدە يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم كۆپ كۆرىلىۋاتىدۇ، بۇ توغرىدىكى شەرئى ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

شىئەلەر (راپىزىلار) يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام قىسسىسىنى ھېكايە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلىكىدىن ياشلىق ۋە ياشانغان دەۋرىگىچە بولغان ھاياتىنى تەسۋىرلەيدىغان  فىلىم ئىشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىپ يالغاننى ئارىلاشتۇرغاندىن سىرت بۇنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ياشىغان زامانىنى مەۋھۇم تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئاشكارا قىلدى. ئۇلار يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى پىرئەۋنلار زامانىدا قىلدى. (ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس). پىرئەۋنلارنى مۇۋەھھىدلاردىن (يەنى ئاللاھنى بىر دەپ ئىتىقاد قىلغۇچى) قىلدى. (ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس). قۇرئاننىڭ ئوچۇق تېكىستىنى ئۆزگەرتىپ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى ساتقان قىلدى. ئەسلىدە ئىش ئۇنداق ئەمەس. فىلىم ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرەڭ ۋە پەسكەشلىكنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار.

پەيغەمبەر ياكى ساھابىنىڭ شەخسىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىش دىندا (يەنى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىدە) چەكلەنگەن ئىش بولۇپ، بۇنىڭدا نۇرغۇن بۇزۇقچىلىق ۋە دىنغا زىت كىلىدىغان ئىشلار بولىدۇ. بىز رولغا چىققان ئارتىسنىڭ شەخسىيىتىگە ئالاقىدارلىق زور بۇزۇقچىلىقنى كۆرىمىز. پەيغەمبەرنىڭ رولىغا چىققان ئارتىسنىڭ بەزى سۆز-ھەرىكەتلىرى ۋە كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت بولغان شەرئى مۇھەببەتنىڭ ئارىسى ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئاقىۋەتتە ئىنسان ئۆزىنى پىتنىگە تاشلايدىغان ئىشلارغا ئۆز پۇتى بىلەن بارىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: پەيغەمبەرلەر، ساھابىلار ۋە تابىئىنلارنىڭ شەكلىدە رولغا چىقىشنىڭ ۋە ئارتىسلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىپ رولغا چىقىپ يەنە بىر تەرەپتىن كافىرلارنىڭ رولىغا چىقىشىنىڭ ھۆكمى؟ توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بەرگەن:

1-سەھنىدە كۆرسىتىلىدىغىنى ئارتىسنىڭ تەبىئىتىدىكى ياسالما ئىش-ئىز، ساختا، ياغلىمىلىق، ئۆزگەرتىش ياكى سۆزنى زىيادە قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كۆرگۈچىلەرنى مايىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇيغۇلىرىنى كونترول قىلىدۇ. بۇ ئارتىسلارنىڭ مەزكۇر پەيغەمبەرلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا لايىق ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئۇلار باشقىلارغا ياكى ھاياتىنى ئىسلامغا ياردەم بېرىش، جىھاد قىلىش ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش، سۆزلىرى دەۋەت-تەبلىغدىن ئىبارەت بولغان پەيغەمبەرلەر، ساھابىلەرنىڭ رولىغا چىقىپ ئۇلار نامىدىن سۆز قىلىشقا ئەسلا لايىق ئەمەس.

2-ئارتىسلار ئاساسەن راست سۆزلىمەيدۇ، ئېسىل-ئىسلام ئەخلاقى بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ، ئۇلار توقۇلما سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا پەرۋاسىز قارايدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، مال-دۇنيا قازىنىش ۋە تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئۇتۇق قازانغانلىقىنى ئاشكارا قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇلار ساھابىلار ۋە باشقا پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ رولىغا چىقىپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش، زاڭلىق قىلىش، يۈز ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش ۋە ئورنىنى تۆۋەنلىتىشكە ئوخشىغان كۆرۈنۈشلەر مۇسۇلمانلار قەلبىدە ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرامىنى يوقىتىشقا ئىلىپ بارىدۇ.

3-ئارتىس ئىككى تەرەپلىمىلىك رول ئالغاندا مەسىلەن: بىر تەرەپتىن پىرئەۋن، ئەبۇ جەھل ۋە باشقىلارنىڭ رولىغا چىقسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسا ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ رولىغا چىقىدۇ.

كافىرلارنىڭ رولىغا چىققانلار خۇددى ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تىلىدا كۇفىر سۆزىنى سۆزلەيدۇ، پەيغەمبەرلەرنى تىللايدۇ، دەشنام قىلىدۇ، ئۇلارنى يالغانچى، سېھرىگەر ۋە ساراڭ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ.

پىرئەۋن، ئەبۇ جەھل قاتارلىقلار بىلەن  پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن دىئالوگ سۆزلەرنى ھېكايە قىلىش يولى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز ھېسسىياتى بىلەن ئۇلارنى تۈرلۈك سۈپەتلەر بىلەن بۆھتان قىلىدۇ، بەلكى ئۇلار شۇ ئورۇندا كۇفرى-ئازغۇن سۆزلەرنى قىلىدۇ، بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە بەد-بەشىرلىكنى پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ ئورنىنى چۈشۈرگەنلىك بولۇپ، جەمئىيەتتە كۇفرى-بۇزۇقچىلىققا پەرۋا قىلمايدىغان ھالەت شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

4-ئارتىس مۇسۇلمانلار بىلەن كافىرلار ئارىسىدىكى دىئالوگنى تارىخ بويىچە ئۇتۇقلۇق ۋە تەسىرلىك ئورۇنلىغان، ئەمەلىي ۋەقەگە ئۇيغۇن توغرا ئىلىپ بارالىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ يامانلىق تەرىپى ياخشىلىق تەرىپىنى بېسىپ كېتىدۇ، ئىش شۇنداق بولىدىكەن بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى چەكلەش ۋە توسۇش زۆرۈر بولىدۇ.

5-كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا چاقىرىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر كۆرسىتىپ بەرگەن يوللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئىززەت تېپىپ، ئىسلام غەلىبە قىلغان، تارىخى ۋەقەلەر بۇنى ئىسپاتلايدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھنىڭ كاتتا نېمەتلىرىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شەھىدلەر ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ ماڭغان توغرا يولىدا مېڭىشىمىز ۋە ئەقىدىمىزدە مۇستەھكەم تۇرۇشىمىز كېرەك.

بۇ بىزگە ئويۇن-تاماشا، ھاۋايى-ھەۋەس رىغبىتىنى قاندۇرۇشقا ماڭغاندىن ياخشى ۋە ئالى ھېممەتكە يېتىشكە يېقىن. ئىلگىركى-كېيىنكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى(3268-270).

(دېمەك؛ ماھىيەتتە فىلىمدە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن ۋە قىسسە قۇرئاندا بايان قىلىنغاندەك بولماستىن بەلكى بۇرمىلانغان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار بۇ مەسىلىگە قەتئى دىققەت قىلىش بىلەن بىلەن بىرگە پەيغەمبەرلەر ۋە ساھابىلار توغرىسىدا ئىشلەنگەن فىلىملەرنى كۆرمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇنداقلا پەيغەمبەرلەر تارىخىنى مەنبەسى ساغلام بولغان يازما ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىش يولىدا قوشقان تۆھپىلىرىنى ھاياتىمىزدا ئۆرنەك قىلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. يۇقىرىدىكى ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن شەرئىي پەتىۋاسى، قېرىندىشىم ئەمدى مەسىلە سىزدە قالدى. ئاللاھتىن قورقسىڭىز ھۆكۈمنى كۆرگەن ھامان مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈشتىن دەرھال توختاڭ! ئەگەر كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز، ئاللاھقا كۆپلەپ تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىڭ! ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە بەندىلىرىگە چەكسىز مېھرىباندۇر. بەندە ئۈچۈن ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىدىن قول يېغىش، ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشتىنمۇ گۈزەل بىر ئىش بولمىسا كېرەك!-مۇھەررىر-).


 

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Go to the Top