مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەقلى دەلىللەر

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەقلى دەلىللەر
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ خالىد ئەلھۇسەينان
تەرجىمە قىلغۈچى: لۇتپى تۇركىستانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رەسۇلۇللاھ تور بېكىتى www.rasoulallah.net
قىسقىچە چۈشەنچە: ئاپتور ماقالىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇشنىڭ ئەھمىيىتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى جانلىق مىسال ۋە ئەقلى دەلىللەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە يورۇتۇپ بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-01-25
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/333002
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەقلى دەلىللەر
342.1 KB
: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەقلى دەلىللەر.pdf
2.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەقلى دەلىللەر
1.2 MB
: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەقلى دەلىللەر.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەقلى دەلىللەر

 

پەيغەمبەرلىك بولسا بۈيۈك خىزمەت ۋە ئالى مەرتىۋە بولۇپ ئۇنى ئەڭ راستچىل ياكى ئەڭ كاززاپ بولغان ئىككى خىل كىشىدىن باشقا ھېچ بىر كىشى داۋا قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقالمايدۇ. بىرئاز ئەقىلدىن نېسىۋىسى بار ئىنسان بۇ ئىككى خىل كىشىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويمايدۇ. تۆۋەندە بۇنى روشەنلەشتۇرىدىغان ئەقلى دەلىللەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

بىرىنچى ئەقلى دەلىل:

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابە كىراملار بىلەن بىرگە ياشاپ كۆرگەن ئەمەلىي ئەھۋالىدىكى پەيغەمبەرلىك ئىپادىلىرى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمەلىي ھاياتىدىكى ئىپادىلەر ئۇنىڭ راستچىل ياكى يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئۇبدان تەسۋىرلەپ ۋە تونۇشتۇرۇپ بېرىدۇ.

ساھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) رېئال تۇرمۇشىدا بۇ خىل ئىپادىلەرنىڭ شاھىتلىرى بولغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىپادىلەرگە دىققەت قىلماستىنلا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئۇنداق نادان، ئەخمەقلەردىن ئەمەس ئىدى، بەلكى بۇ ئىپادىلەرگە ساھابىلار ئۇنچىۋالا دىققەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئەگەرمۇھەممەد ئەلەيھىسسالام راستچىل بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭ يالغانچىلىقى ھامان پاش بولۇپ قالغان بولاتتى.

ئەگەر يالغانچى بولغان بولسا ئۇنىڭدىن جاھىللىق، يالغانچىلىق، بۇزۇقچىلىق، ئالدامچىلىق ۋە ھىلە-مىكىر، ساختىپەزلىك ۋە كاززاپلىقلار ئاشكارا بولغان بولاتتى. لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇلارنىڭ ئەكسىچە بىلىم، راستچىللىق، ياخشىلىق، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، قارمۇ-قارشىلىقتىن تامامەن خالى بولۇش، ئادالەت ۋە ئىنساپ قاتارلىق ئۇنىڭ ساداقەتنى نامايەن قىلىدىغان پەزىلەتلەر ئاشكارا بولدى. پەيغەمبەرلىك بولسا ئۇنى داۋا قىلسىلا بولىدىغان بىر ئىش بولماستىن، ئۇ بولسا پەيغەمبەر سۈپەتلىنىشكە تېگىشلىك بىرتۈركۈم ئىلىم ۋە ئەمەلىي ئىشلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، نەزىرىيىسى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمەلىيىتى ئەڭ شەرەپلىك بولىشى لازىم. راستچىل بىلەن يالغانچى قانداقمۇ بىر-بىرىگە ئوخشاپ قالسۇن؟!

مۇھەممەد ئەلھىسسالامنىڭ راستچىللىقى، ۋاپادارلىقى ۋە سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتىنىڭ دەلمۇ-دەل توغرا كېلىشى قاتارلىقلاردىن خەۋەردار بولغان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى چوقۇم بىلىپ يېتەلەيدۇ.

قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن؟!

ئۇ زات ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېلان قىلغان چاغدىن باشلاپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ۋەھيىلەر ئۇنىڭ راستچىللىقىنى كۆرسىتىدىغان ئوچۇق ئىسپاتتۇر.

ئىككىنچى ئەقلى دەلىل:

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە بىر نەزەر.

ماھىيەتتە پەيغەمبەر چوقۇم كىشىلەرگە بىر تۈركۈم ئىشلاردىن خەۋەر بېرىشى، بىر تۈركۈم ئىشلارغا بۇيرۇشى، بىرتۈركۈم ئىشلاردىن چەكلىشى، شۇنداقلا بىرتۈركۈم ئىشلارنى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قىلىپ كۆرسىتىشى كېرەك. بۇنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئۇلۇغ ئاللاھتىن يەتكۈزگۈچى ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە نامايان قىلىش، شۇنداقلا ئۇ يەتكۈزگەن ھەقىقەت ئاللاھنىڭ قانۇنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇ يالغانچى بولسا، بۇ ئۇنىڭ خەۋەر بەرگەن، بۇيرىغان ياكى چەكلىگەن نەرسىلىرىنىڭ ئۆزىدە چوقۇم ئىپادىلەنگەن بولاتتى. شۇنداقلا پرىنسىپلاشتۇرۇلغان ئىشلىرىدا ئۇنىڭ يالغانچىلىقى نۇرغۇن تەرەپلەردىن چوقۇم ئاشكارا بوپقالغان بولاتتى.

لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن قانۇن بەلگىلىمىلەر ۋە ئۇنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بولغان ھەرقانداق كىشىگە ئۇنىڭ راستچىللىقى، ئۇنىڭ ئالدامچى كاززاپ ئەمەس بەلكى ئاللاھ ئەۋەتكەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ئېنىق ئاشكارا بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەت،  ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ئاساسى پرىنسىپلارغا ئالاقىدار تەرەپلەردە بولسۇن، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ساھە، تىنچلىق ۋە ئۇرۇشلاردىكى سىياسەتلەردە بولسۇن، شۇنداقلا ئادەتتىكى ۋە سەپەردىكى، كېچىدىكى ۋە كۈندۈزدىكى بارلىق ھۆكۈملەردە بولسۇن ھېچ بىر يېتەرسىزلىك ۋە ھېچ بىر ئەيىب-نۇقسان بولماستىن ھەممىنى ئۇنۋېرسال ئۆزئىچىگە ئېلىپ شەخس ۋە جەمئىيەتنى قوغداشتا ھىدايەت، رەھمەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئىنسانىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىرىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەرقانداق ئەقىل ئىگىسى، بۇ قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ بىر ئىنسان تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى بەلكى بۇلار ھەق پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان مۇستەھكەم قانۇن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ.

ئۈچىنچى ئەقلى دەلىل:

پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا ئەمەس ئادەتتىكى بىر ئىشتىمۇ راستچىل بىلەن يالغانچىنى ئايرىۋالغىلى بولغان يەردە پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا قانداقمۇ بىلگىلى بولمىسۇن؟!

شەكسىزكى پەيغەمبەرلىك داۋاسى ئەمەس ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ راستچىل بىلەن يالغانچىنى ئايرىشنىڭ يوللىرى كۆپ بولۇپ، ئەگەر ئىككى شەخس بىر ئىشنى داۋا قىلغان بولسا بىرسىنىڭ يالغانچى يەنە بىرسىنىڭ راستچىل ئىكەنلىكى مەلۇم مۇددەتتىن كىيىن بولسىمۇ ئاشكارا بولۇپ قالىدۇ. كىشىلەر ئادەتتە تۈرلۈك ئىشلاردا بىر ئىنساننىڭ داۋا قىلغان نەرسىسىدە راستچىل ياكى يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئايرىۋالىدۇ. مەسىلەن بىر ئادەم ئۆزىنىڭ دوختۇر ئىكەنلىكىنى داۋا قىلسا چوقۇم ئۇنىڭ يالغانچىلىقى بەزى ئىشلاردا ئىپادىلىنىپ، يالغانچىلىقى ئاشكارا بولۇپ قالىدۇ ۋە داۋاسىنىڭ قۇرۇق ۋە يالغان داۋا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

دۇنيالىق ئىشلاردا راستچىل بىلەن يالغانچى ھامان رەزىل بولىدىغان بولسا،  پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا قانداق بولماقچى؟!    

 
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 6 )
Go to the Top