ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى

كىتابلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازما: شەيخ ئەھمەد شەپىق بەھجەت
تەرجىمە قىلغۈچى: سابىرجان
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ ئەسەر پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئەسەر، تارىخى يازمىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالسىلا بولىدىغان ياكى ئىسلامدىن ئىلگىرىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان رولىنىلا ئوينىماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىشىنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارمىغانلارنىڭ قەلبلىرىگە جۇشقۇن روھ ۋە جاسارەت ئاتا قىلغۇسى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-01-17
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/332520
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى
82.6 MB
: ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

ئىزاھات:

 

ھۆرمەتلىك كىتابخان! ئاللاھ ئىنساننى ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن تەڭلا پەيغەمبەرنى ياراتتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەربىر قەۋم ۋە ھەر بىر يۇرتقا ئېھتىياجقا قارىتا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارغا دىنىنى، دۇنيادىكى ياشاش (ئىنساندەك ياشاش) قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگەتتى. شۇڭا پەيغەمبەرلەرنى شۇ ئىنسانلار ئىچىدىن چىقىرىپ يەنە شۇ ئىنسانلارغا ئۈلگە قىلدى. ئىنسانلار شۇ پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىش جەريانىدا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ، بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن شۇ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ياراتقان ئىگىسى ئاللاھتىن يوليورۇق ئالدى. بۇ جەرياندا بىز ئۈچۈن قىممەتلىك تارىخى ئىبرەتلەر مىراس قالدى. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز شۇ قىممەتلىك تەجرىبە ـ ساۋاقلارنى توغرا بولغان مەنبەلەردىن توغرا شەكىلدە قوبۇل قىلىش بولۇپ، ئەكسىچە بولغاندا يا ئۇ پايدىلاردىن مەھرۇم قالىمىز ياكى ئۇنى خاتا مەنبەلەردىن ئېلىپ ئۆز ئىمان ـ ئەقىدىمىزگە شەك كەلتۈرىۋالىمىز. ھەتتا ئىماندىن چىقىش تەھلىكىسىگە دۇچ كېلىمىز. بۇنىڭ مىسالى دىيارىمىزدا نەشىر قىلىنغان رەبغۇزىنىڭ قىسەسۇل ئەنبىيا ناملىق كىتابىدەك يەھۇدىلارنىڭ قىسسىلىرىنى ئايرىماستىن پەيغەمبەرلەر قىسسىسى قىلىپ كۆرسەتكەن. مەسىلەن: شۇ كىتابنىڭ 371 ـ بېتىدە داۋۇد ئەلەيھىسسالام قىسسىسىدە داۋۇد ئەليھىسسالام قول ئاستىدىكى بىر ئەسكەر باشلىقىنىڭ ئايالىغا كۆزى چۈشۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن ئۇ ئادەمنى ئۆلۈشى ئېنىق بولغان بىر يەرگە بۇيرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسى بويىچە پەيغەمبەر گۇناھى كەبىر ئىشلىدى دېسە ئۇنىڭ ئىمانىغا دەخلى يېتىدۇ......

يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئىرىشكەن، پەقەت ئەرەبچە نۇسخىسىلا 12 قېتىم بېسىلىپ 120 مىڭ نۇسخىدىن كۆپ بېسىلغان شەيخ ئەھمەد بەھجەتنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ناملىق ئەسىرىنى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىسى ئەرەبچە نۇسخىسى بىلەن قايتا سېلىشتۇرۇلدى. بۇ ئەسەر ۋە پەيغەمبەرلەر ھەققىدە ئاپتور يېتەرلىك چۈشەنچە بەرگەن شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلى توختالمايمىز.

ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئاللاھ تائالادىن ھەممىزگە توغرا يول توغرا چۈشەنجە ۋە شۇنىڭغا لايىق ئەمەل ـ ئىخلاس ئاتا قىلىشىنى، شۇ ئارقىلىق دۇنيا ئاخىرەتنىڭ بەخت سائادىتىگە ئېرىشىشىمزنى تىلەيمىز!.

ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 5 )
Go to the Top