كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ4/1/1432ھـ 2010-يىلى12-ئاينىڭ10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىدىغانلىقى، ئۆزىگە كۆيۈنگۈچى ئىنسان روھانىيىتىنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە پۇرسەت كېتىشتىن ئىلگىرى تەۋبىگە ئالدىرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-12-17
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/329764
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر
363.5 KB
: كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر.doc
2.
كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر
318.9 KB
: كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر

 

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈندىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ھەقىقەتەن ئارزۇ ھەۋەس ئىنساندىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن دۇنيادا ئىنساننىڭ داۋاملىق ياشىغىنى يوق. ھەرقانداق ئىنسان دۇنيادىن ھامان يوقىلىدۇ. زامان دېگەن كىچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۆلۈم بۇ ۋاقىتنى ھامان يەيدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ زاتىلا قالىدۇ. بارچە مەخلۇقلار مەلۇم مۇددەتتىن كىيىن ئاللاھ تەرەپكە قايتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ).» [سۈرە ئال-ئىمران 185-ئايەت].

كۈنلەر بىز تۇيمىغان ھالەتتە تىز ئۆتۈۋاتىدۇ. ھەر كۈنى غايە نىشانلىرىمىز، مەقسەتلىرىمىزگە يېتەلمىگەن ئەھۋالدا يىراقلاپ كېتىپ بارىمىز. ئارزۇيىمىز ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئەمەلگە ئاشقىنى  ئۇنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى. نىشانلىرىمىز كۈنلەرنىڭ تۈگىشى بىلەن يوقالماقتا. كۈنلەر، ئايلار ئايلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ. تاڭ ئاتقاندا ئارمان بىلەن تۇرغان بولساق، كەچلىرى دەرمانسىز كەچ قىلىمىز. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر». [سۈرە مۇناپىقىن 11-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ھەر بىر ئۇممەتنىڭ ھالاك بولىدىغان مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ، ھالاك بولىدىغان ۋاقتى يەتكەندە، ئۇلار بىردەممۇ ئىلگىرى-كېيىن بولمايدۇ يەنى دەرھال ھالاك بولىدۇ». [سۈرە ئەئراف 34-ئايەت].

دۇنيادا بەزى جاپالارنى تارتسىمۇ، ئاخىرەت سەپىرىگە تۇلۇق تەييارلىق قىلغان كىشىگە خوش بىشارەت بولسۇن. ئادەم پەرزەنتى دائىم مال دۇنيا ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرۈيدۇ، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە يولۇقۇپ دۇنيادىن ئايرىلغاندا ئۇنىڭ دۇنياسى ۋە سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. پەقەت ياخشى ئەمەللىرىلا بىرگە بارىدۇ. ئۇنىڭ مال دۇنياسى، زاۋۇت، كان-كارخانىسى باشقىلارغا قالىدۇ. سىز ۋە بىزدىن بۇرۇن كۆپ ئادەملەر ئۆتكەن. ئۇلار ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشتى، نەتىجىدە يەنىلا بۇ دۇنيادىن ئايرىلدى. ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن دوستلىرىمىزنى بۈگۈن كۆرگەن بولساق ئەتىسى ئايرىلىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۇزۇر ھالاۋەتكە بېرىلىپ ئاخىرەتنى ئۇنتۇغانلار ھاۋايى-ھەۋەس مەسلىكىدىن ئويغىنىشى لازىم. پۇرسەت كېتىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئۆمرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكى كېرەك. ھاۋايى-ھەۋەسنى تەرك قىلغان كىشى مەقسەتكە يېتىدۇ، لەززەتكە بېرىلگەن كىشى ئاخىرى پۇشايمان قىلىپ قولىنى چىشلەپ قالىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھېچقاچان قۇياش ئولتۇرغان ۋاقىتنى كۆرگىنىمدە ئۆمرۈمنىڭ قىسقىراپ، ئارمانلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلغاندەك نادامەت قىلىپ باقمىدىم.»

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلار ئارزۇ-ئارمانلارنى ئاز قىلىپ ئاخىرەتنى كۆپرەك ئويلىشىمىز لازىم. تۇيۇقسىز ئۆلۈم كېلىشتىن ھەزەر قىلىشىمىز كېرەك. ئاللاھ ھەممىمىزنى تەۋبىگە مۇيەسسەر قىلسۇن. قەلبىمىز تەۋبە بىلەن خۇشاللانسۇن. ھەممىمىز ئاللاھ تائالا تەرەپكە قايتىپ، ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن ئىمانى ۋە مىللى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلايلى. ئىنسان ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى خاتالىق سادىر قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ ياخشىسى خاتالىقىغا تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر.

ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 8 )
Go to the Top