من هو خاتم الأنبياء؟ (للأطفال)

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: من هو خاتم الأنبياء؟ (للأطفال)
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه المقالة هادفة لصغار السن، فيها بيان أهمية معرفة الرسول صلى الله عليه وسلم ومن هو خاتم الأنبياء والرسل، ومتى ولد رسول الله صلى الله عليه وسلم وأين، ومتى توفي الرسول صلى الله عليه وسلم وأين، وغيرها من المعلومات المهمة التي يجب تعليمها للطفل المسلم .
تأريخ الإضافة: 2010-11-30
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/328785
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟(بالىلار ئۈچۈن)
393.5 KB
فتح: ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟(بالىلار ئۈچۈن).doc
2.
ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن)
355.4 KB
فتح: ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن).pdf
نبذة موسعة

ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟

[بالىلار ئۈچۈن]

كېچىك دوستلار! بىز ئىلگىرىكى ماقالىلىرىمىزدا، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتتا ئورتاقلاشقان ئىدۇق. بۇ دەرسىمىزدە بولسا، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

كېچىك دوستلار! ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرنى قاچان ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟. ئاللاھ تائالا  بۇنىڭدىن 1400يىل ئىلگىرى ئىنسانىيەتكە ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. ئۇ زات بولسا دەل بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر.

ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئۆز قەۋمى ياكى مىللىتىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارلىق ئىنسان ۋە جىنلارغا پەيغەمبەر بولۇپ كەلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىش تا قىيامەتكە قەدەر بارلىققا كىلىدىغان ئىنسان ۋە جىنلار ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر.

ئۇ زاتنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرى «مۇھەممەد». دادىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇللاھ، ئانىسىنىڭ ئىسمى ئامىنە، چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇلمۇتتەلىبدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ھاشىمىلار ئايمىقىدىن بولۇپ، ئائىلە نەسەبى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ناملىرىنى ئاڭلىغان ھامان "سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم" دېيىشىمىز، پەيغەمبىرىمىزنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر.

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىلادىيىنىڭ 571-يىلى (يەنى پىل يىلى) رەبىيئەل ئەۋۋەلنىڭ 12-كۈنى (يەنى دۈشەنبە كۈنى) مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى. دادىسى رەسۇلۇللاھ تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولدى. ئانىسى بولسا رەسۇلۇللاھ 6 ياشقا كىرگەندە ۋاپات بولدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالدى. ئەمما ئۇ زات ئۆسمۈرلىكىدىن تارتىپ ناھايىتى ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇپ، باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئويۇنچى ۋە كەپسىز ئەمەس ئىدى. بالىلىق پەيتلىرىدە(يەنى ئىشلىيەلىگۈدەك بولغاندا) مەككىدە باشقىلارنىڭ قويلىرىنى بېقىپ بېرەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىكىنى ئىلان قىلىشتىن ئىلگىرى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 40 ياشقا كىرگەندە، ئاللاھ ئۇ زاتنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ۋەھيى نازىل بولدى ۋە ئىسلامىي پرىنسىپلارنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ زاتقا ئۆگەتتى. ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى "رەسۇلۇللاھ" (يەنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى) دەپ ئاتىدى. ئاللاھ رەسۇلۇللاھنى ئەۋۋەل ئۆز ئائىلە تەۋەلىكى، ئاندىن قۇرەيش قەبىلىسى، ئاندىن بارلىق ئىنسانىيەتنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشقا بۇيرىدى.

رەسۇلۇللاھ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئىمانغا چاقىرىشقا باشلىدى. دەۋەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئاز ساندىكى ئادەملەر ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولدى. ئەينى ۋاقىتتا كۆپلىگەن كىشىلەر رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرگە قارشى چىقتى. مەككە مۇشرىكلىرى رەسۇلۇللاھنى مەسخىرە قىلدى ۋە ھاقارەت قىلدى. مۇسۇلمان بولغانلارنى تۈرلۈك تەن جازاسى بىلەن جازالىدى. بەزى مۇسۇلمانلار ئىمانىنى قوغداش يولىدا ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ كاپىرلارنىڭ جازالاش نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر دىنى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى بېسىملار ئاستىدا ياشاۋاتقان پەيتتە، ئاللاھ رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىنى ئىرادە قىلدى.

رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ھىكمەت بىلەن، ئىنسانلارنى ئىسلام دىنىغا چاقىرىشنى داۋاملاشتۇردى. مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىشكە باشلىدى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار كۈچلاندى. دىنى چاقىرىق ئەرەب ئارىلىدىن يامراپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پادىشاھلارغا يەتكۇزۇلۇشكە باشلىدى. بۇنىڭدىن بىئارام بولغان مەككە مۇشرىكلىرى رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە ئۇرۇش ئىچىشقا باشلىدى. پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلار ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداش يولىدا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كاپىرلارغا قارشى جىھاد ئىلان قىلدى. ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ياردەم بەردى، ئۇلار كاپىرلارنىڭ ئۇستىدىن غەلبە قازاندى. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى راستچىللىق ۋە ساداقەت، ئىخلاس ۋە ئاللاھقا بولغان بۈيۈك ئىشەنچكە تولغان ئىدى. نەتىجىدە ئەرەب ۋە ئەجەملەردىن بولۇپ كۆپلىگەن ئىنسانلار ئاللاھنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا ئاللاھ ئۇستىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن تولۇق ئادا قىلدى. رەسۇلۇللاھ 63 يېشىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ھىجرىيىنىڭ 11-يىلى رەبىيئەل ئەۋۋەلنىڭ 10-كۈنى دۈشەنبە كۈنى (يەنى 632-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى) بۇ بۈيۈك دىنى دەۋەتنى بىز ئۈممەتلەرگە مىراس قالدۇرۇپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇ زاتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابە كىراملارغا ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يوللىرىغا ئەگەشكەن بارچە مۇسۇلمانلارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

خۇلاسە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارچە ئىنسانلارغا پەيغەمبەر بولۇپ كەلدى. ئۇ زاتتىن كىيىن تا قىيامەتكىچە ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسلامى چاقىرىقىنىڭ نەتىجىسىدە ھەرزامان ۋە ھەرۋاقىت ھەقىقەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغان ئەزىمەتلەر داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بەلكى سىز كېلىچەكتە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.

قېنى كېچىك دوستلار! بىز ئەمدى تۆۋەندىكى سوئاللارغا بىرلىكتە جاۋاب بېرىپ باقايلى:

سوئاللار:

1- پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى نېمە؟

2- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەدە تۇغۇلغان؟

3- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەدە ۋاپات بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟

4- رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىڭىز نېمە دەيسىز؟

5- رەسۇلۇللاھ دىنى دەۋەتنى قانداق ۋە كىمدىن باشلىدى؟

6- ئاللاھ بۇ دۇنياغا يەنە پەيغەمبەر ئەۋەتەمدۇ؟

7- سىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قانداق ياخشى كۆرۈسىز؟

8- رەسۇلۇللاھ توغرىسىدا بىلگەنلىرىڭىزنى دوستلىرىڭىزغا سۆزلەپ بېرەمسىز؟

انظر أيضاً ( 1 )
Go to the Top