ما عند الله خير وأبقى

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: ما عند الله خير وأبقى
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبةٌ ألقاها فضيلة الشيخ علي بن عبدالرحمن الحذيفي في المسجد النبوي 13/ 12/ 1431 هجري، وتحّدث فضيلته عن الفرح والسرور بالعبادة عمومًا وبأداء مناسك الحج خصوصًا، وذكر بعضًا من خصائص الحج ومميزاته، ثم وجَّه النصائح الجليلة لعموم المسلمين.
تأريخ الإضافة: 2010-11-24
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/328565
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ
384.5 KB
فتح: ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ.doc
2.
ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ
315.5 KB
فتح: ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ.pdf
نبذة موسعة

 

ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ

 

2010-يىلى 11-ئاينىڭ19-كۈندىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ھەقىقى خۇرسەنلىك گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلىنىپ ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ھەقىقى خۇرسەنلىك ياخشى كۆرگەن نەرسىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. بەخت-سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىش پاك نەپسنىڭ سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، قەلب بۇنىڭغا مايىل بولىدۇ. ئەقىل ئىگىسى ئىنسان بۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىنساننىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىش بىلەن سايىدەك تىز يوقىلىدىغان دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىگە رىغبەتلىنىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. چۈنكى ھەقىقى خۇرسەنلىك ۋە كاتتا نىجاتلىق پەقەت گۇناھ-مەسىيەتلەردىن ساقلىنىپ ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خوشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان دۇنيا-ماللىرىدىن ياخشىدۇر». [سۈرە يۇنىس 58-ئايەت].

ئاللاھنىڭ تەۋھىدىنى(بىرلىك ھەم بارلىقىنى)، ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى، دۇئا، مەيلى ئاللاھتىن ياردەم سوراش بولسۇن ئاللاھ ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن قىلىش كېرەك. چۈنكى تەۋھىد دىننىڭ ئاساسىدۇر. ناماز ۋە نامازدىكى خاتىرجەملىكنى قوغداش، ئۇنى رەسۇلۇللاھ كۆرسەتكەن  يول بىلەن ئوقۇش لازىم. كىمكى نامازنى دۇرۇس قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى دۇرۇس بولىدۇ ۋە دۇنيا ئاخىرەتتىكى كۈنلىرى بەخت ئىچىدە ئۆتىدۇ.

ھاجىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىنى خوشال كەيپىيات ئىچىدە تۈگىتىپ، ئۆز ئانا دىيارىغا قايتىشماقتا. ھاجىلار ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدىكى ۋە ھەجنى تۈگەتكەندىن كىيىنكى ئىمانى ئۆزۈقنى داۋاملىق كۈچلاندۇرۇپ تۇرۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۆز مىللىتى ئارىسىدا ئىبادەت ۋە ئەخلاقتا ئۈلگە بولىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ھەج قىلغۇچى كىشى ھەج پائالىيىتى جەريانىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى سىمۋول خاراكتېرلىق قېرىنداشلىق ۋە ئەپۇچانلىقنى ھاياتىدا ئۈلگە قىلىپ ياشىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئۆز ئارا ئىسلامىي قېرىنداشلىقنى قوغداش ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى. ئسلامىي قېرىنداشلىقنى قوغداش ئارقىلىق ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈش ۋە ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش مۇمكىن.


 

الترجمات ( 1 )
Go to the Top