ئاللاھ شەيتاننى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟ (بالىلار ئۈچۈن)

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاللاھ شەيتاننى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟ (بالىلار ئۈچۈن)
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: نىزامىددىن تەمكىنى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: «ئاللاھ شەيتاننى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە، ئاللاھ تائالا ئىبلىسنى نېمە ئۈچۈن پەيدا قىلغانلىقى، ئىبلىسنىڭ ماھىيىتى ۋە پائالىيەتلىرى، شەيتاننىڭ نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارغا دۇشمەن بولغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-11-09
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/327117
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئاللاھ شەيتاننى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟ (بالىلار ئۈچۈن)
366.5 KB
: ئاللاھ شەيتاننى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟ (بالىلار ئۈچۈن).doc
تەپسىلى چۈشەنچە

ئاللاھ شەيتاننى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟

[بالىلار ئۈچۈن]

كېچىك دوستلار! بىز ئالدىنقى دەرسىمىزدە شەيتان توغرىسىدا يۈزەكى توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئاللاھ خالىسا بۇ دەرسىمىزدە ئۇ مەخلۇقنىڭ ماھىيىتى ۋە نېمە ئۈچۈن لەنەتگەردى بولغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىمىز.

قېنى ئەمىسە سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار: ئاللاھ تائالا ئادەملەرنى يارىتىشتىن ئىلگىرى پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە ئىبلىسنىمۇ ياراتتى. ئىبلىس جىن-شەيتانلارنىڭ ئاتىسىدۇر. ئاللاھ ئىبلىسنى ئوتتىن ياراتتى. ئىبلىس(يەنى شەيتان) ناھايىتى يامان مەخلۇق بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمايدۇ ۋە ھېچكىمگە بويسۇنمايدۇ. ئۇ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش بىلەن ئاۋارىدۇر. ئۇ ياخشى كىشىلەرنى يامان كۆرىدۇ. ئاللاھ ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقاندىن كىيىن، پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دەپ ئەمرى قىلدى. بارلىق پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ ھۆرمەت سەجدىسىنى قىلدى. دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىبلىسمۇ پەرىشتىلەر ئارىسىدا بار ئىدى. ئەمما ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىپ، ئادەم ئاتىغا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى.

ئاللاھ تائالا ئىبلىسدىن: سەن نېمە سەۋەبتىن ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتتىڭ دەپ سورىغانىدى، ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇققۇ؟!. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دەپ جانابى ئاللاھقا گەپ قايتۇرىدۇ. ئىبلىس ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغىنى ئۈچۈن كاپىر بولدى. نەتىجىدە، ئاللاھ ئىبلىسقا لەنەت ئېيتىپ، ئۇنى ئۆز دەرگاھىدىن قوغلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شەيتان ئادەم ئاتىمىزغا دۇشمەن بولدى.

ئىبلىسنىڭ بالىلىرى بولۇپ، ئۇلار شەيتانلاردۇر. ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ دۇنيادا ئىنسانلار بىلەن بىرگە ياشايدۇ. ئىبلىس ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قوغلىنىشتىن ئىلگىرى ئاللاھتىن ئۆزىگە قىيامەتكىچە ياشاش مۆھلىتى بېرىشنى سورىغانىدى.

ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى.

ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا (گۇناھلارنى) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن» دېدى.

ئاللاھ: «مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىمگە (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا (سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ)» دېدى. ئۇ يەنە: «سەن بىلەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن». شۇنىڭدىن باشلاپ شەيتان ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى تا قىيامەت كۈنىگىچە ناچار قىلمىش ۋە رەزىللىكلەرنى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئەخلاقسىز ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ دىنىدىن قايتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئادەملەر ئارىسىدا ئاداۋەت، ئۇرۇش-جېدەلنى پەيدا قىلىدۇ. ناچار ئىنسانلار شەيتاننىڭ يولى بىلەن ماڭىدۇ. شەيتان مۇسۇلمانلارنى ھەتتا ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلارنىمۇ ئۇرۇش ۋە ئاداۋەتكە دۇچار قىلىدۇ.

قېنى كېچىك دوستلار! سىلەر بالىلار بىلەن ئويناپ يۇرگەن پەيتلەردە ياكى مەكتەپلەردە بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان مۇسۇلمان بالىلارنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئەنە شۇ بالىلارنى دەل شەيتان ئۇرۇشقا سېلىۋاتقان بولىدۇ. بۇنداق ھالەتتە بۇ بالىلار بىر-بىرى بىلەن دەرھال يارىشىپ قىلىشى لازىم بولىدۇ. چۈنكى دىنىمىز ئىتتىپاقسىزلىقتىن چەكلەپ، ئىتتىپاقلىققا چاقىرىدۇ.

ئاللاھنىڭ شەيتاننى يارىتىشى ۋە ئىنسانلارغا دۇشمەن قىلىپ قويۇشىدىكى نېگىزلىك سەۋەبلەردىن بىرى، ئاللاھ تائالا، قېنى بەندىلىرىم مېنىڭ ئەمرىمگە بويسۇنامدۇ ياكى شەيتاننىڭمۇ دەپ ئىنسانلارنى سىناپ كۆرىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنى تونۇپ ئۇنىڭغا ساغلام رەۋىشتە ئىبادەت قىلسا، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرجەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتتە بولسا چەكسىز رەھمەتكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئەمما كىمىكى شەيتاننىڭ يولىنى ئىختىيار قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنى شەيتانغا تاشلاپ قويىدۇ. ھەرۋاقىت ئاللاھتىن سىغىنىپ پاناھ تىلەيدىغان، ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايدىغان، نامازلىرىنى ئادا قىلىدىغان، قۇرئان ۋە دۇئالارنى ئوقۇپ تۇرىدىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى سۆيىدىغان، ئاتا-ئانىلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ھەق سۆيەر بالىلارنى شەيتان ئازدۇرالمايدۇ. رەببىمىز بىزگە شەيتاننىڭ ئادەمنىڭ دۇشمىنى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى شەيتان (توغرا يولدا) مېڭىشتىن توسمىسۇن (يەنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئالدانماڭلار)، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر». [سۈرە زۇخرۇپ 62-ئايەت].

خۇلاسە:

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى سىناش ئۈچۈن شەيتانلارنى ياراتقان. كىمكى شەيتاننىڭ يولىغا ماڭسا، ئۇ كىشى شەيتان بىلەن بىرگە دوزاخقا چۈشىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا ئۇيغۇن ئىلىپ بارىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ساقلايدۇ.

قېنى كىچىك دوستلار! شەيتان توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇماتقا ئىگە بولغان بولساڭلار تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ بېقىڭلارچۇ:

1- شەيتان كىم؟ .

2- شەيتان نېمە ئۈچۈن كاپىر بولغان؟.

3- ئاللاھ شەيتاننى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟

4- شەيتان بىزنى ياخشى كۆرەمدۇ، يامانمۇ؟.

5- قانداق قىلساق شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىپ قالىدىكەنمىز؟.

6- بىزگە ھەممىدىن بەك كىم مېھرىبان ئىكەن؟.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 10 )
Go to the Top