الصلة بين ظاهر الإنسان وباطنه

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الصلة بين ظاهر الإنسان وباطنه
اللغة: أيغوري
ترجمة: ع.قارلوقي
نبذة مختصرة: يوضح الكاتب في مقالته علاقات الوثيقة بين الروح البدن ، وباطن الإنسان أساس ومحرك في تصرفاته ، وهو الذي يتقرر به صلاح الإنسان وفساده وغيرها من الأمور التي تتعلق بهذا الموضوع .
تأريخ الإضافة: 2010-09-27
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/321919
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
ئىنساننىڭ تاشقى دۇنياسى بىلەن ئىچكى دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتى
384 KB
فتح: ئىنساننىڭ تاشقى دۇنياسى بىلەن ئىچكى دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتى.doc
نبذة موسعة

 

ئىنساننىڭ تاشقى دۇنياسى بىلەن ئىچكى دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتى

 

ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇـ سانا، ئاندىن كىيىن پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇئا ۋە سالاملار بولسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەر بىر ئىنساننى ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسى بىلەن ياراتتى. ئىچكى دۇنياسى ئۇنىڭ ئەقلى ۋە قەلبى، شۇنداقلا قەلبى ئۆزىگە سىغدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېتىقاد ۋە تەسەۋۋۇرلار، بۇلارنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى بولغان ھېس ـ تۇيغۇ، قىزىقىشلاردىن تەركىب تاپىدۇ.  ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى بەدەن ۋە ئۇنىڭ پائالىيىتى. ئەمما، ئۇنىڭ تاشقى دۇنياسى بىلەن ئىچكى دۇنياسى بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى مۇستەقىل دۇنيا بولماستىن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىبارەت زىچ باغلىنىش مەۋجۇد. ئىچكى دۇنيا ئاساس بولۇپ، ئۇ تاشقى دۇنيانى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىدۇ. پەقەت شۇلا، ئىنساننىڭ سالىھ ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇنىڭ مۇكاپات ياكى جازاسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھامان تەييار، چۈنكى ئىچكى دۇنيا قارار قىلغۇچى ۋە بەلگىلىگۈچى. ئىنساننىڭ تاشقى دۇنياسى پەقەت ئۇنىڭ ئىپادىلىگۈچىسى ۋە ئىجراچىسى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھ دىلىڭلاردا ئىمان بارلىقىنى بىلسە (يەنى دىلىڭلاردا ئىمان بولسا، ئاللاھ ئۇنى بىلىدۇ)، سىلەرگە ئۆزەڭلاردىن ئېلىنغان فىدىيىدىن ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ، (ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭلارنى) مەغپىرەت قىلىدۇ.» [سۈرە ئەنپال 70-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ.» [سۈرە نىسا 100-ئايەت].

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىق بولۇپ، ھەر كىم نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ...» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئاللاھنىڭ ھېكمىتى، ئىنساننىڭ تاشقى دۇنياسىنىڭ ھەمىشە بويسۇنۇش ھالىتىدىلا ئەمەس، گاھىدا مۇستەقىل ئىجرا قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بولىشىنىمۇ تەقەززا قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ، ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى پائالىيىتى ئىچكى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئىچكى دۇنيا ئۆزى ئېنىق بىلىپ كەتمەيدىغان كەڭ مەنىگە ئىگە بىر ياخشىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا، ئۇ، بۇ ياخشىلىققا دائىر مەسئۇلىيەتنى تاشقى دۇنياسىغا ساغلام ئوقۇم بىلەن يوللاشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ. ياكى ئۆزى ئىجرا قىلماقچى بولغان ياخشلىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر رىسالىنى ئەۋەتىدۇ. بۇ چاغدا ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن تاشقى دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا ئوقۇشماسلىق كېلىپ چىقىدۇـ دە، نەتىجىدە ئىچكى دۇنياغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شۇڭا، ئىنساننىڭ سالىھ بولىشى پەقەت ياخشىلىققا ھەمدەم ۋە ئۇنى توغرا تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان بىر قەلبسىز تاكامۇللاشمايدۇ. تەسەۋۋۇر يالغۇز ھالدا مېۋە بىرەلمىگىنىدەك، يىگانە ھالدىمۇ نەتىجە بەرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(پۈتۈن ئاسمان ـ زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھ  ھەر نەرسىگە قادىردۇر. سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ  ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى.» [سۈرە مۇلك 1- 2ـ ئايەتلەر].

بىر قىسىم ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: "ئىشنىڭ گۈزەل شەكىلدىكى ئىجراسى، توغرىلىق ۋە ئىخلاستىن ئىبارەت ئىككى شەرتسىز تولۇقلانمايدۇ". يەنە مۇنداق دېگەن: "ئىخلاس ئاللاھنىڭ دىدارىغا يېتىشنى مەقسەت قىلسا، توغرىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ".

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ.» [سۈرە ئىسرا 19ـ ئايەت].

ئاخىرەتنى كۆزلىگەن ئەمەل ئۈچۈن، ئىمان ۋە نىيەت شەرت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىككىسى قەلبكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئەمما، ئاخىرەتكە مۇناسىپ كەلگۈدەك ئەمەل قىلىش بولسا، چوقۇم ئۇنىڭدا تاشقى ئەمەل بولىشى لازىم. (يەنى ئىماننىڭ تەقەززا قىلىش يۆلىنىشى بىلەن ئەمەل قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ-م-).

ئاللاھ تائالا بارچىمىزنى ساغلام رەۋىشتە ئەمەل قىلغىلى مۇيەسسەر قىلسۇن.

Go to the Top