أحكام تهم المسلم

كتب البطاقة التعريفية
العنوان: أحكام تهم المسلم
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: يحتوي هذا الكتاب على أحكام تهم المسلم، وهي: 50 سؤالاً في العقيدة، حوار هادئ عن التوحيد، أحكام الاسلام [ الشهادتان، الطهارة، الصلاة، الزكاة، الحج ]، فوائد متفرقة، الرقية، الدعاء، الأذكار، 82 فضيلة وَ 66 منهياً، وصفة الوضوء والصلاة مصورة، ورحلة الخلود.
تأريخ الإضافة: 2010-09-13
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/321294
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر
91.1 MB
فتح: مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر.pdf
2.
كىتابنىڭ تاش مۇقاۋىسى
704.9 KB
فتح: كىتابنىڭ تاش مۇقاۋىسى.pdf
نبذة موسعة

ئىزاھات:

«مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى مۇھىم دەپ قارالغان دىنى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۇنيا تىللىرىدىن 48گە تەرجىمە خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقان ۋە ھازىرغا قەدەر 23خىل تىلدا نەشىر قىلىنغان، 20مىليون پارچىدىن كۆپرەك بېسىپ تارقىتىلغان ھەجمى كىچىك مول مەلۇماتلىق ئەسەردۇر. ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسى تەپسىر ۋە ئەھكامدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىلگىرى تور بېكىتىمىزدە بىرلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئىلان قىلغان ئىدۇق. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بەزى ھەق سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئەسەرنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى ئايرىم كىتاب قىلىپ تەييارلاپ ۋە رەتلەپ چىقتۇق. كىتابقا كۆپلىگەن يېڭى مەلۇماتلار قوشۇلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى چىقىرىۋېتىلىشى كېرەك دەپ قارالغان بەزى تېمىلار قىسقارتىلدى. بۇ ئەسەر ئەقىدىدىن سوئال -جاۋابلار، تەۋھىد توغرىسىدا دىئالوگ، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، دۇئا ۋە زىكىرلەر، پەزىلەتلىك ئەمەللەر، ئىسلامدا چەكلەنگەن ئىشلار، تاھارەت ۋە ناماز قائىدىلىرى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنىمىزدىكى مۇھىم ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاب دىنى ئەھكاملارنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

دىن سۆيەر، ساخاۋەتچى ۋە ئاقارتىش خىزمىتىگە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ مىللىتىمگە خىزمەت قىلاي دەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باستۇرۇپ تارقىتىشىغا شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن كىتابنى باسمىخانىغا بەرسىلە بولىدىغان ھالەتتە ئىلان قىلدۇق. ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ باستۇرۇپ تارقىتىشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمىز ھۆججەتنىڭ بېكىتىمىزدە ئىلان قىلىنغان نۇسخىسىغا ئاساسلانغان ھالدا، بىزنىڭ رۇخسىتىمىزنى ئالماستىن باستۇرۇپ تارقاتسا بولىدۇ. ئەگەر كىتابنىڭ تەپسىر ۋە ھۆكۈم بىرلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسىنى باستۇرۇپ تارقىتىشنى خالايدىغانلار بولسا ئىككىنچى باسمىغا تەييارلانغان نۇسخىسى بىلەن تەمىن ئېتىشكە تەييارمىز.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىتابنىڭ تەرجىمە، تەھرىرلەش ۋە رەتلەپ چىقىش ئىشلىرىغا يېقىندىن ھەمكارلاشقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن بۈيۈك ئەجىر تىلەيمىز. ھۆرمەت بىلەن: دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئۇيغۇرچە بولىمى.

Go to the Top