حكم زيارة النساء للقبور

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: حكم زيارة النساء للقبور
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: توفي والد خالتي وزارت قبره مرة وتريد أن تزوره مرة أخرى وسمعت حديثا معناه تحريم زيارة المرأة للقبور، فهل هذا الحديث صحيح؟ وإذا كان صحيحاً فهل عليها إثم يستوجب الكفارة؟
تأريخ الإضافة: 2010-09-05
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/321075
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشىنىڭ ھۆكمى
593.5 KB
فتح: ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشىنىڭ ھۆكمى.doc
نبذة موسعة

 

ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشىنىڭ ھۆكمى

 

سۇئال:

چوڭ دادامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن، ھاممام بىر قېتىم قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان ئىدى، يەنە زىيارەت قىلىشنى خالايدىكەن، لېكىن مەن قىز-خانىملارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشىنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنگەنلىكى توغرىسدىكى ھەدىسنى ئاڭلىدىم. بۇ سەھىھ ھەدىسمۇ؟ ئەگەر بۇ توغرىدىكى ھەدىس ئىشەنچىلىك بولسا ھاممامنىڭ قەبرە زىيارىتى ئۇچۇن كاپارەت كېلەمدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر.

قىز-خانىملارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشىنىڭ جايىز ئەمەسلىكى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن سەھىھ ھەدىس بولۇپ، مەزكۇر ھەدىستە قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغان ئاياللارغا لەنەت بولىدىغانلىقى زىكىر قىلىنغان. قەبرە زىيارەت قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان ئاياللارنىڭ زىيارەت قىلىشنى تەرك قىلىشى ۋاجىپ بولۇپ، ئەگەر ئۇلار بىلمەستىن زىيارەت قىلغان بولسا ئۇنىڭغا ھېچنېمە بولمايدۇ ۋە بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنى بىلگەندىن كىيىن قايتا تەكرارلىماستىن تەۋبە ئىستىغپار ئېيتىشى كېرەك. تەۋبە بولسا ئىلگىرى بىلمەسلىكتىن سادىر قىلغان ئەمەللەرنى كەتكۈزىدۇ.

قەبرە زىيارەت قىلىش ئەرلەرگە خاس ئەمەللەردىن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: «قەبرە زىيارەت قىلىڭلار، ئۇ بولسا سىلەرگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى-1622، ئىبنى ماجە رىۋايىتى- 1558].

ئىسلامنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئەر-ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشى ئوخشاشلا چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا يىڭى مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ، جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئۆلۈكلەردىن ياردەم تىلەش ۋە ئۇلارغا چوقۇنۇشتەك شېركى كۆز قاراش، باتىل ئەقىدىلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن تازىلىنىپ بولغۇچە، شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن توسىغان ئىدى. ئىسلام دىنى ئومۇملاشقان ۋە ئەسلى ماھىيىتى چۈشۈنىلگەندىن كىيىن، ئاللاھ ئەرلەرنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشىنى ئۆلۈم ۋە ئاخىرەتنى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش، ئۆلۈكلەرگە دۇئا ۋە سىلە-رەھىم قىلشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا يولغا قويدى.

ئۆلىمالار ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشىنىڭ چەكلىنىشىدىكى سەۋەپلەرنى بايان قىلىپ، قىز-خانىملارنىڭ قەبرە زىيارىتى جەريانىدا ئۆزى ۋە ئەرلەرگە پىتنە بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئۇلارنىڭ تىز ھاياجانلىنىش ۋە سەۋىرسزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاللاھ تائالا ئاياللارغا رەھمەت ۋە ئېھسان قىلىپ مەزكۇر زىيارەتنى چەكلىگەن.

كۆپچىلىك ئالىملار بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشىنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھاممىڭىزنىڭ بىلمەسلىكتىن سادىر قىلغان بۇ ئىشى ئۈچۈن كاپارەت كەلمەستىن بەلكى تەۋبە قىلىشى لازىم بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى زاتتۇر.

[ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 9- توم 28- بەت].

الترجمات ( 1 )
Go to the Top