سوھۇرلۇقتىن كېيىن ئوقۇلىدىغان خاس دۇئا بارمۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: سوھۇرلۇقتىن كېيىن ئوقۇلىدىغان خاس دۇئا بارمۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن ئىپتارنىڭ ئايرىم دۇئاسى بار ئەمما سوھۇرلۇقنىڭ دۇئاسى يوق دەپ ئويلايتتىم. لېكىن يولدىشىم يېقىندا ماڭا سوھۇر ۋاقتىدىمۇ ئوقۇيدىغان ئايرىم دۇئا بار دەيدۇ، بۇ توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-08-30
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/320783
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
سوھۇرلۇقتىن كېيىن ئوقۇلىدىغان خاس دۇئا بارمۇ؟
598 KB
: سوھۇرلۇقتىن كېيىن ئوقۇلىدىغان خاس دۇئا بارمۇ؟.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

سوھۇرلۇقتىن كېيىن ئوقۇلىدىغان خاس دۇئا بارمۇ؟

65955-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن ئىپتارنىڭ ئايرىم دۇئاسى بار ئەمما سوھۇرلۇقنىڭ  دۇئاسى يوق دەپ ئويلايتتىم. لېكىن يولدىشىم يېقىندا ماڭا سوھۇر ۋاقتىدىمۇ ئوقۇيدىغان ئايرىم دۇئا بار دەيدۇ، بۇ توغرىمۇ؟  بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاب:  

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

شۇنداق، روزىدار ئىپتار قىلغان ۋاقىتتا ئوقۇيدىغان، سۈننەتتە بايان قىلىنغان ئايرىم دۇئالار بار. ئۇنىڭ بىرى:«ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ئاللاھ خالىسا ئەجىر بېكىتىلدى» دېگەندىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزى خالىغان دۇئالارنى قىلسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىت روزىدىن ئىبارەت بولغان ئىبادەتنىڭ ئاخىرقى  ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلىش يولغا قويۇلغان.

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھتىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىپتار ۋاقتىدا ئوقۇيدىغان دۇئا، ئۇ دۇئانىڭ ۋاقتى ۋە روزا تۇتقۇچى ئەزان ئوقۇلغاندا ئىپتارنى داۋاملاشتۇرامدۇ ياكى مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى تەكرارلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن، "ئىپتار ۋاقتى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت ھەم ئۇ ئىبادەتنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى بولۇپ، كۆپ ۋاقىتتا ئىپتار ۋاقتىدا ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىزلىشىدۇ، ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىزلاشقانسىرى دىلى يۇمشايدۇ-دە، ئاللاھقا قايتىش ۋە يېلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇيدىغان دۇئالاردىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ئاللاھ خالىسا ئەجىر بېكىتىلدى» دېگەندەك دۇئالار بار. روزا تۇتقۇچى بۇ ھەدىس بويىچە ياكى ئۆزى خالىغان دۇئالارنى قىلسىمۇ بولىدۇ. ئومۇمەن ئىپتار ۋاقتى دۇئا ئىجابەت بولدىغان ۋاقىتتۇر". [ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى توپلىمى19 341-سۇئال].

ئەمما سوھۇرلۇقتىن كېيىن ئوقۇيدىغان ئايرىم دۇئا  بايان قىلىنمىغان، ماھىيەتتە سوھۇرلۇقنى يېگەندە ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلاپ يېيىش، يېمەك-ئىچمەكتىن كىيىن باشقا ۋاقىتتىكىدەك ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش كېرەك. لېكىن سوھۇرلۇقنى كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا يېگەن كىشى كۆپ دۇئا قىلىشى كېرەك چۈنكى بۇ ۋاقىت ئاللاھنىڭ زېمىن ئاسمىنىغا چۈشىدىغان ۋە بەندىلەرنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدىغان ۋاقتىدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە زېمىننىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ: كىم ماڭا دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، بىر نەرسە سورىسا بېرىمەن، ئىستىغپار ئېيتىپ كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا مەغپىرەت قىلىمەن دەيدۇ.» [بۇخارىدا 1094-نومۇرلۇق ۋە مۇسلىمدا 758-نومۇرلۇق ھەدىس]. سوھۇرلۇق ئۈچۈن ئەمەس بەلكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت بولغانلىقى سەۋەبىدىن دۇئا قىلىش لازىم.

ئەمما نىيەتنىڭ ئورنى قەلب بولۇپ ئاغزاكى نىيەت قىلىش يولغا قويۇلمىغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «كىمىكى مەن ئەتە روزا تۇتىمەن دېگەن سۆزنى قەلبىگە كەلتۈرسە ئۇ كىشى نىيەت قىلغان بولدى».

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى زاتتۇر.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 5 )
Go to the Top