أهمية الاستفادة من فصول السنة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: أهمية الاستفادة من فصول السنة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه خطبة الجمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ الدكتور حسين بن عبد العزيز آل الشيخ 27 /7/1431 هـ والتي تحدث فيها عن وجوب التدبر في الأزمان والاستفادة من وقت الإجازة في طاعة الله والتدبر في خلق الله وصوم التطوع في الصيف وضرب الأمثلة من صحابة رسول الله في التدبر.
تأريخ الإضافة: 2010-07-14
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/315098
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
پەسىللەردىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا
374.5 KB
فتح: پەسىللەردىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا.doc
نبذة موسعة

پەسىللەردىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا

2010-يىلى 07-ئاينىڭ 09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە : "ياز بىلەن قىش پەسلىنىڭ ئالمىشىشىدىن ئاللاھنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنى دەلىللەيدىغان ئىسپاتلارنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

مۇسۇلمان قىش پەسلىدە كېچىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى غەنىمەت بىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشى، يوقالغۇچى دۇنيا مەنپەئەتىگە بېرىلىپ ۋاقىتنى زايە قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك.

زاماننىڭ ئۆزگىرىشى ۋە پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشىدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بولۇپ، كىشىلەر يازنىڭ ئىسسىقىغا دۇچ كېلىدۇ، بۇنىڭدىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئىبرەت ئېلىپ ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ۋە ئازابىدىن يىراق بولىدىغان سەۋەبلەرنى قىلىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ياز پەسلىنىڭ كېلىشىنى ۋە بۇ ۋاقىتتا ھاۋالىق جايلارغا بېرىپ راھەتلىنىش دۇرۇس بولغان ئىشلار بىلەن لەززەتلىنىشنى كۈتىدۇ. گەرچە بۇنداق قىلىش توغرا بولسىمۇ لېكىن مۇسۇلمان ياخشىلىققا ئالدىرىشى، يامانلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقلارغا ئىلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىشى لازىم.

كائىناتتىكى قىش-ياز پەسىللىرىنىڭ ئالمىشىشى ئاللاھ تائالانىڭ تەڭداشسىز ياراتقۇچى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىنسانىيەتكە بېغىشلانغان راھەت-پاراغەت ۋە نېمەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئېسىللىكى، سېخىيلىقى، مېھرىبانلىقى ۋە خەير-ئېھسانلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ كاتتىلىقىنى، ھەممىدىن غالىب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشىمۇ بەندىلەرگە بۇ يوقالغۇچى دۇنيادىمۇ دەرد-ئەلەم ۋە  راھەت-پاراغەتنىڭ چىرمىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. نېمەتلەر جەننەتنى ئەسلەتسە، جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئاللاھنىڭ ئازابىنى ئەسلىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئىسسىقتا جىھادقا چىقماڭلار دەيدۇ، ئۇلارغا: جەھەننەمنىڭ ئىسسىقى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە يامان دەپ ئېيتقىن». [سۈرە تەۋبە 81-ئايەت]. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئاللاھ تائالاغا شىكايەت قىلىپ: ئى رەببىم! مېنىڭ بەزىلىرىم يەنە بەزىلىرىمنى يەپ كەتتى دېگەندە، ئاللاھغا ئۇنىڭغا يىلدا ئىككى قېتىم نەپەس ئىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ. بىرى يازدا يەنە بىرى قىشتا بولۇپ، يازدىكى قاتتىق ئىسسىق بىلەن قىشتىكى يامان سوغۇق جەھەننەمنىڭ ئىككى قېتىملىق نەپىسىدۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەر زاماننىڭ ئۆزگىرىشى ۋە پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشىدىن ئىبرەت ئالاتتى، ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولاتتى. بەزى ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى دۇنيادا ھەرقانداق  نەرسىنى كۆرسە، ئاللاھنىڭ ئاخىرەتتە ئۇنىڭ تۈرىدىن ئوخشىشىنى ۋەدە قىلغانلىقىنى ئەسكە ئالاتتى.

ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش مۇسۇلماننى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن يىراق بولۇشقا يېتەكلەيدۇ. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇپ قىش كۈنلىرى ئېغىز ئاچاتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە : " سەن ئىماننىڭ خىسلەتلىرىنى لازىم تۇتقىن دەپ ئىسسىق كۈنلەردە روزا تۇتۇش ئىماننىڭ خىسلەتلىرىدىن" دېگەن. قاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئائىشە  رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ ئىسسىق كۈنلەردە روزا تۇتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىسىز؟ دەپ سورالغاندا، ئۆلۈمگە ئالدىرىغانلىقتىن دېگەنلىكىنى ئېيتقان. مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇئەنھۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئىسسىق كۈنلەردە روزا تۇتالمىغىنىغا، كېچىلەردە ناماز ئوقۇيالمىغىنىغا ۋە زىكىر سورۇنلىرىدا بولالمىغىنىغا ئەپسۇسلانغان. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئىسسىق كۈنلەردە روزا تۇتۇشقا ئادەتلىنىپ: " كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن ئۆز نەپسىنى ئۇسسۇز قالدۇرسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنى قاندۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان" دەيدۇ. ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "قىيامەتنىڭ ئىسسىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇڭلار. قەبرىنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قاراڭغۇ كېچىلەردە ئىككى رەكەت بولسىمۇ ناماز ئوقۇڭلار".

بەزى سالىھ ئاياللار يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا: "بىر نەرسىنىڭ باھاسى چۈشكەندە ھەممە كىشى سېتىۋالالايدۇ" دەيتتى. (بۇ سۆزىدىن قىيىن ئىشلارنى قىلالايدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ دەرىجىسىمۇ ئەمەلگە قاراپ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان.) ياخشى كىشىلەرنىڭ بەزىسى يۇيۇنۇش ئۆيىدە بېشىغا ئىسسىق سۇنى قۇيۇپ سۈرە ھەجنىڭ 9-ئايىتىدىكى: «قىيامەت كۈنى جىنايەتچىلەرنىڭ باشلىرىدىن قايناقسۇ قۇيىلىدۇ»  دېگەن ئايىتىنىڭ مەنىسى ئويلاپ يىغلاپ كەتكەن.

ياز پەسلىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەر ياز پەسلىدىكى نەمۇنىلىك ئىش-ئىزلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بىزنىڭ كۆپچىلىكىمىز بۇنداق ئىشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز. شۇنداقتىمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداپ، چەكلىمىسىدە توختاش كېرەك.

بەزى مۇسۇلمانلار ياز پەسلىدە ۋاقىتنى زايە قىلىپ پىسق-پۇجۇر ۋە يامان ئىشلارنى قىلىدىغان جايلارغا بېرىپ ئاللاھنىڭ غەزىپى كىلىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئۇنتۇپ، گۇناھ-مەسىيەتلەرگە ئاتلىنىپ، دۇنيا لەززىتىگە ھېرىسمەن بولغانلار! قاچان، قايسى ۋاقىت، قايسى يەردە، نېمە ئىش ئۇستىدە ۋاپات تاپقۇزىلىشىنى ئېسىدىن چىقارغانلار! جەھەننەمنىڭ ئوتلۇق ئازابىنى، چوڭقۇرلۇقىنى ۋە ئوتلۇق تۆمۈر توقماقلىرىنى ئەسلەپ قويۇڭلار. بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچە ھاياتتۇر. ھەقىقى ھايات ئاخىرەت ھاياتىدۇر.

ئاللاھ ھەممەيلەننى جەننەتكە مۇيەسسەر بولىشىمىزغا سەۋەب بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىن....

 


 

موضوعات متعلقة ( 4 )
Go to the Top