الذرية الصالحة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الذرية الصالحة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبةٌ ألقاها فضيلة الشيخ علي بن عبد الرحمن الحذيفي في المسجد النبوي 13/ 7/ 1431 هجري، وتحّدث فضيلته فيها عن وصايا تربية الذرية الصالحة وضرب أمثلة على حياة الرسل وذكر أدلة من الكتاب والسنة على ذلك .
تأريخ الإضافة: 2010-07-01
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/313843
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
سالىھ پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ پەزىلىتى
382 KB
فتح: سالىھ پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ پەزىلىتى.doc
نبذة موسعة

سالىھ پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ پەزىلىتى

 

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ياخشى پەرزەنتلەر ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېمەتلىرىنىڭ بىرىدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

بەندىلەرگە ئاتا قىلىنغان كاتتا نېمەتلەرنىڭ بىرى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان، ئاللاھ بۇيرىغان ھەق-ھۇقۇقلارنى ئادا قىلىدىغان ياخشى پەرزەنتتۇر. ياخشى پەرزەنت ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «اﷲ سىلەر (نىڭ ئۈنسى- ئۈلپەت ئېلىشىڭلار)  ئۈچۈن خوتۇنۇڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزق قىلىپ بەردى.» [سۈرە نەھل 72-ئايەت].

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەر ۋە مۆمىنلەردىن ياخشى پەرزەنت تەلەپ قىلىش رىغبىتى بىلەن ئۆزىگە ئىلتىجا قىلغانلارنى مەدھىيىلىدى. ياخشى تەربىيە ئاستىدا يېتىلگەن پەرزەنت ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئىبادەتنى خالىس قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ۋە جىنلارنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتقان بولۇپ، بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.» [سۈرە زارىيات 56-ئايەت].

ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەستىن ئىبادەتنى خالىس قىلىش بىلەن روياپقا چىقسا، بۇزۇلۇشى ۋە پاساتچىلىققا چۆمۈشى ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن بولىدۇ.

پەرزەنتلەر ئاللاھنىڭ نېمىتى بولۇپ، ئۇلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ھاياتىدىكى ياردەمچىلىرى، ئۇلارنىڭ ئەسلىمىلىرىنى يېڭىلىغۇچى ئىز باسار بولۇپ زېمىننى گۈللەندۈرىدۇ، شەرىئەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىسلاھ قىلىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەييار قىلىدۇ. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. سالىھ پەرزەنتلەر بىلەن ئۇممەت كۈچلىنىدۇ. دىنغا ياردەم بېرىدۇ ۋە ئىسلامنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ دۈشمەنلىكىدىن، پەسكەشلەرنىڭ بۇزۇقچىلىقىدىن قوغدايدۇ.

مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ پەرزەنت ئاتا قىلسا ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتىگە شۈكرى ئېيتىپ، ئۇلارنى كەلگۈسىدىكى جەمئىيەتنىڭ ياراملىق ئىز-باسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى تەربىيىلىشى كېرەك.

پەرزەنتلەرگە خاس بولغان ھەق-ھوقۇقلارنى ھىمايە قىلىش دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، مەكتەپلەرنىڭ ۋە ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت بولۇپ، ھەر بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرەڭلاردىن سۇئال قىلىنىسىلەر». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ياشلارنى تەربىيىلەش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا ياخشىلىق ۋە نىجاتلىققا يېتەكلەش، ئۇلار ۋە جەمئىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان ئاخىرقى نىشانغا يېتىدىغان ۋاسىتىلارنى تەييار قىلىپ بېرىش. ئۇلارنى پىكرى ئازغۇنلۇق، ئەخلاقى بۇزۇقچىلىق، تەبىئەتسىز، رەزىل، ناچار كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش، زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىش، تۈرلۈك يالغان ئېلان ۋاسىتىلىرىنىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن  چەكلەپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىتىگە مۇۋاپىق، ئىقتىدارىغا ئۇيغۇن كىلىدىغان ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەش ۋە تەربىيىلەش كېرەك.

ئەۋلادلارنى ھازىر ۋە كەلگۈسىدە ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەش ھەربىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەممىدىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئائىلە دېگەن: جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ۋە ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىلىنىش مەركىزى بولۇپ، ئائىلىنىڭ ئۇلارغا بولغان تەسىرى بەك چوڭدۇر. پەرزەنتلەرنى ئەۋۋەلدە ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئىبادەت قىلىدىغان، ناماز ئوقۇيدىغان قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك.

ياشلار ساغلام ئېدىلوگىيەگە يېتەكلەنسە، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا ئادەتلەنسە ھەممە ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازىنىدۇ. ئەۋلادلارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ سۈننەتكە ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھەممە ئىشتا ئەڭ ياخشى ئۆلگىدۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈش مۇسۇلمانلارغا پەرز بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھقا بولغان مۇھەببىتىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. ئىلگىركى ياخشى كىشىلەر پەرزەنتلىرىگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى قۇرئان ئايىتىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرەتلىرىنى بىلگەن ۋە ئوقۇغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇنىڭ قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقى چۈشىنىشلىكتۇر.

ياشلار ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈش ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلارنىڭ بىرى ئۇلارغا قۇرئان-ھەدىسنىڭ توغرا دەلىللىرى بىلەن ئىسپاتلانغان دىنى مەسىلىلەرنى ئۈگۈتۈش بولۇپ، ئۇلار شۇ ئارقىلىق دىننى توغرا چۈشىنىدۇ، ئىسلامنى قارىغۇلارچە ياكى ئەگەشمىچىلىك بىلەن ئەمەس بەلكى قانائەتلىنىپ، ياخشى كۆرۈپ، رىغبەتلىنىپ قوبۇل قىلىدۇ. مۇسۇلمان ياشلىرىغا ئەڭ زىيانلىق بولغان بىر ئىش ئۇلارنىڭ دىنى بىلىملەرنى بىلمەسلىكى بىلەن، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى تولۇق ئادا قىلماسلىقىدۇر.

كىتاب-سۈننەتكە تۇلۇق ئەمەل قىلغان كىشى بارلىق ياخشىلىقلارنى جۇغلىغىچىدۇر. كىتاب-سۈننەت ئۈگۈنۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن ھاياتلىق ئەڭ ياخشى ھاياتلىقتۇر.

ياشلارنى ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىدىغان، چوڭلارنى ئىززەتلەپ، كىچىكلەرگە مېھرى-شەپقەت قىلىدىغان، ئامانەتدار ۋە كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك. ئۇلارغا ساھابىلار، ئۇلاردىن كېيىنكى تابىئىنلار ۋە باشقا ياخشى كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى، دانىشمەنلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىتىشىنىڭ تەسىرى ياخشى بولىدۇ.

ياشلارنى مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن ئايرىلماسلىق، ئۇلارنىڭ يىتەكچىلىرىگە ئەگىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە توغرا يۆلۈنىشتە تەربىيىلەش كېرەك. چۈنكى ئاللاھ ياردەمدە ۋە غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلىشتا مۇسۇلمانلار جامائىتى بىلەن بىرگىدۇر. جامائەتتىن ئايرىلغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولىدۇ.

ياشلارنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كېچىكتۈرمەستىن قىز-ئوغۇللارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇش ۋە توي ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەخلاقى بۇزۇلۇشتىن ساقلىنىپ جەمئىيەت روناق تاپىدۇ.

خانىم-قىزلارنى ئىسلامىي ئەخلاقنى سۆيىدىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرىغان شەرئى ھىجابتىن ئايرىلمايدىغان، ھايالىق، ئىپپەتلىك قىلىپ تەربىيىلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. چۈنكى خانىم-قىزلار ئىپپەتلىك بولىدىكەن، ئاللاھ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار بۇزۇلىدىكەن ئۇ جەمئىيەتمۇ بۇزۇلىدۇ، چۈنكى قىز-خانىملار ئەۋلادلارنى ياراملىق ۋە ساغلام ئېتىقاد بىلەن تەربىيىلىنىشىدىكى بۈيۈك ئاساستۇر.

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ياراملىق تەربىيىلەش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنى بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتكە ياراملىق، ئاتا-ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ دىنغا، مىللەتكە ۋە ۋەتەنگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ياراملىق پەرزەنتلەر مەيدانغا كېلىدۇ.

ئاللاھ مۇسۇلمان ياشلىرىنى بولۇپمۇ بىزنىڭ ياشلىرىمىزنى دىننى، دىننىڭ يېتەكچىسى بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن.  

 

 

الترجمات ( 1 )
Go to the Top