ھاياتتا ئەمەلىيەتچان بولۇش لازىم

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ھاياتتا ئەمەلىيەتچان بولۇش لازىم
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم شۇرەيم
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 28/6/1431ھـ 2010-يىلى06-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمان ئېغىر كۈن ۋە سىناقلارغا دۇچار بولغان ۋاقىتلاردا ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە ھۆكمىگە بويسۇنۇپ سەۋرچانلىق بىلەن دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەكلىكى، ئاللاھقا چەكسىز ئىشەنچ باغلاش ئارقىلىق ئېغىر كۈن ۋە مۇسىبەتلەردىن قۇتۇلۇش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-06-19
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/312553
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ھاياتتا ئەمەلىيەتچان بولۇش لازىم
391 KB
: ھاياتتا ئەمەلىيەتچان بولۇش لازىم.doc
2.
ھاياتتا ئەمەلىيەتچان بولۇش لازىم
123.8 KB
: ھاياتتا ئەمەلىيەتچان بولۇش لازىم.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ھاياتتا ئەمەلىيەتچان بولۇش لازىم

 

2010-يىلى 06-يىلى 11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا: "مۇسۇلمانلار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خاتىرجەملىك ياكى قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردا بولسۇن بىر گەۋدە بولۇش ئارقىلىق دۈشمەنلەرنىڭ سۈيقەستلىرىدىن ساقلىنىشى كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئىسلام مۇسۇلمانلارنى ئەقىدىدە مۇستەھكەم تۇرۇش، دىننى مۇداپىئە قىلىش يولىدا سەۋرچانلىق بىلەن سابىت قەدەم تۇرۇپ، مۇسىبەتلەرگە سەبرى قىلىش، پىتنە-پاساتلارغا دۇچ كەلگەندە ئېزىپ كەتمەستىن مۇستەھكەم تۇرۇش، ئاللاھنىڭ قازا ۋە قەدىرىگە رازىمەنلىك بىلەن تەسلىم بولۇشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئاللاھ يولىدا بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر، قىيىنچىلىقلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر كۈتىدۇ.

ئاللاھنىڭ دىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىئىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر، ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيەتلىرىگە رازى بولغان ئاساستا، ئىنسانلارنىڭ ئىقتىدار-قابىلىيىتى، شەخسىيىتىنىڭ ئاجىز-كۈچلۈكلىكى، تەن-سالامەتلىك ۋە باي-كەمبەغەللىكىدە پەرقلىق ئىكەنلىكىگە تەسلىم بولىدۇ. بۇ پەرق شۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇكى، بارلىق ئىنسانلار راھەت-پاراغەت، خۇشاللىق ۋە غەم-قايغۇلاردا بولسۇن بىر-بىرىگە مۇھتاج. دىيارلار يىراق بولسىمۇ كۆڭۈل رىشتىسىنىڭ يېقىن بولىشى، قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنىڭ ھەرۋاقىت ئەۋج ئىلىپ تۇرۇشى مۇسۇلمانلاردىن باشقا ئىنسانلاردا تېپىلمايدىغان بىر خۇسۇسىيەتتۇر. مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ كۆپلىكى ۋە ھەرتۈرلۈك بولىشى، ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ رەھىمدىللىق، ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ تۇيغۇلار دىنىمىز تەشەببۇس قىلغان يۈكسەك ۋە ئىجابىي ھېسسىياتلاردۇر. ئىسلام دىنى بىزلەرنى بۇ بۈيۈك مەسئۇلىيەت روھىغا چاقىرىغانىكەن، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئۇنسى-ئۈلپەت، ھەمكارلىق روھىنىڭ كۈچلىنىشى، مەغرىبتە بىر مۇسۇلمان چۈشكۈرسە مەشرىقتىكى بىر مۇسۇلمان چۈشكۈرۈككە جاۋاب بېرىشى، مەشرىقتە بىر مۇسۇلمانغا ئاغرىق تەگسە مەغرىبتىكى مۇسۇلماننىڭ ئازابلىنىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.

مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئىجابىي ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق رىشتىسى كۈچەيگەندە دۈشمەنلەرنىڭ خىرىسلىرىغا يەم بولماستىن، ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى جۈملىدىن ئىنسانىيلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.  مۇسۇلمانلاردا ئىتتىپاقسىزلىق، ئاجىزلىققا ئوخشىغان مۇسىبەتلەرنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي ئۇلاردا سەۋرچانلىق روھى يۈكسەك بولۇپ كەلمەكتە. مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت، زۇلۇم قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ ئىسلام يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ، روھلۇق ھالدا داۋام قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنىنى ھىمايە قىلىشنى ئۆز ئۇستىگە ئالغان. مۇسۇلمانلار ئۈستىگە زۇلۇم قانچە ئېغىر ۋە رەھىمسىز بولسىمۇ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئۆلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تىلاۋەت قىلىنىپ، ئەمەل قىلىنىپ تۇرىدۇ ۋە قىيامەتكىچە شۇنداق داۋام قىلىشىدا شەك يوق. قۇرئان كەرىمدە سەبرىگە چاقىرىدىغان ۋە سەبرى قىلغۇچىلارنى ماختىغان ئايەتلەر شۇنچە كۆپ بولۇپ 80 ئورۇندا سەبرى ۋە سەۋرچانلىق تىلغا ئېلىنغان. سەۋرچانلىق بولسا ھەق-ھوقۇقنى مۇداپىئە قىلىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالىدۇر. شۇ ئاساستا مۇسۇلمانلار بارلىق مۇسىبەتلەر ئۈچۈن سەبرى قىلىشقا چاقىرىلىدۇ ۋە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار خۇددى بىر جەسەتكە ئوخشاشلا بىر گەۋدە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئىسلام زۇلۇمغا ئۇچرىغان، بوزەك قىلىنغان مۇسۇلمانلارنى سەۋرچان بولۇشقا ئەينى چاغدا ئىرادىلىك بولۇشقا ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەنمەسلىككە چاقىرغان بولۇپ، سەبرى قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرى يۇقىرى، ئاقىۋەت غەلىبە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. مۆمىن مۆمىننىڭ قېرىندىشى، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى دۇنيانىڭ قايسى بولۇڭ-پۇچقىقىدا بولسۇن مۇسۇلمانلارغا مۇسىبەت كەلسە ھېسداشلىق قىلىدۇ. ھېچ بولمىغاندا دۇئا قىلىدۇ.

مۆمىننىڭ سۈپىتى 3 تۈرلۈك بولۇپ: مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن يۇقىرى كۆرىدۇ. قېرىندىشىغا رەھىمدىل بولىدۇ. ياردەمگە مۇھتاج بولسا دەرھال ياردەم بېرىدۇ.

ئىسلامىي قېرىنداشلىقتا مىللەت، تىل، رەڭ پەرقى يوقتۇر. چۈنكى بارلىق مۇسۇلمانلار بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدۇ ۋە بىر قىبلىگە يۈز كەلتۈرىدۇ.

ئىسلام ئۈممىتىگە بەزىدە قورغاق، ئاچچىق يىللار كېلىپ قالىدۇ. پەلەكنىڭ چەرخى چۆرگىلەيدۇ، زالىمنىڭ دەۋرى كېلىپ زېمىننى ئىشغال قىلىۋالغان مۇستەملىكىچى مۇشتۇمزور، خۇددى مۇستەملىكە قىلىۋالغان زېمىن شۇنىڭ ئۆز مۈلكىدەك، زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان مەزلۇم خەلق باشقا يەردىن پالىنىپ كېلىپ قالغاندەك، ئۆزىنىڭ ئانا زېمىنىدا ھەققىي يوقتەك ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بارلىق خەلق كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھىممىتىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇل ۋە پۇخرالار بىردەك سەپەرۋەرلىككە كېلىپ زۇلۇمغا قارشى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقى ھېچقاچان زايا بولۇپ كەتمەيدۇ،گەرچە مۇستەملىكە مۇسۇلمان زېمىنىدا بىر زامان ھۆكۈم سۈرۈپ، زۇلۇم قىلىپ دەۋر سۈرسىمۇ بۇ بىر ئۆتكۈنچى ۋەزىيەت بولۇپ، زېمىن ھامان بىر كۈن ئۆز ئىگىسىگە قايتىدۇ.

خۇلاسە: ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتقان ئىكەن ئۇنى داۋاملىق ئوخشاش بولمىغان، كۈتۈلمىگەن سىناقلار بىلەن سىنايدۇ. بىزنى داۋاملىق رەھىمدىللىق، سەۋرچانلىق، ئىرادىلىك بولۇش بىلەن بىرگە ھەر بىر شەخسنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتماستىن ھارماي-تالماي جەمئىيەتتە ئىنساندەك ياشاش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشقا چاقىرىدۇ.

ئى ئاللاھ بارچىمىزنى رەھمىتىڭدىن ئايرىمىغىن. دىللىرىمىزغا رەھىمدىللىق، سەۋرچانلىق ئاتا قىلغىن. ياشلىرىمىز قەلبلىرىنى ئىمان نۇرى بىلەن زىننەتلەپ، ھەقىقەت ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىدىغان روھ ۋە جاسارەت ئاتا قىلغىن. ئامىن!!.

 


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 4 )
Go to the Top