أول خطبة خطبها رسول الله صلى الله عليه وسلم

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: أول خطبة خطبها رسول الله صلى الله عليه وسلم
اللغة: أيغوري
ترجمة: ع.قارلوقي
نبذة مختصرة: أول خطبة جمعة خطبها رسول الله صلى الله عليه وسلم عند قدومه إلى المدينة في مسجد بني سالم بن عوف كما رواها الطبري في تاريخه.
تأريخ الإضافة: 2010-05-29
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/309101
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى جۈمە خۇتبىسى
349 KB
فتح: پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى جۈمە خۇتبىسى.doc
2.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى جۈمە خۇتبىسى
127.7 KB
فتح: پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى جۈمە خۇتبىسى.pdf
نبذة موسعة

پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى جۈمە خۇتبىسى

 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟.

ئۆلۈم بىلەن ئارىسىدا بىر جۇپ كەپتەر ۋە ئۆمۈچۈك تورىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بولمىغان، دۈشمەنلىرى بىلەن بۇرنى بۇرنىغا تېگىپ قالغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغىنىدا دوستىغا «قورقما، ئاللاھ بىز بىلەن بىللىدۇر» دەپ تەسەللى بەرگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز، چۆللۈكنىڭ مۇشەققەتكە تولغان يوللىرىدا سۇراقەنىڭ تەھدىتلىرىگە، يولنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا بويۇن ئەگمەستىن 622- يىلى 24- سېنتەبىردە، ئەسھابىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشلىرى ئارقىسىدا قۇبا رايونىغا كىرىپ كەلدى.

قۇبا يېزىسىدا تۆت كۈن تۇرۇپ قالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ يەرگە ئىسلامنىڭ تۇنجى مەسجىدىنى، تەقۋالىق ئۈستىگە بىنا قىلىنغان قۇبا مەسجىدىنى سالدى. جۈمە كۈنى بولغاندا مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى.

ئەسھابى كىراملار قىلىچلىرىنى ئېسىۋېلىشقان ھالدا پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرلىمەكتە، مەدىنىگە بارىدىغان يولنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە توپلىشىۋالغان كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىگە سالام بېرىشمەكتە، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈلىرىنى ئىپادىلەشكە، ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىش تەشنالىقلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشماقتا ئىدى. پېشىن ۋاقتىدا رانۇنە ۋادىسىغا يېتىپ كەلدى.

پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام، سالىم ئىبنى ئەۋف ئوغۇللىرى تۇرىدىغان بۇ ۋادىدا تۇنجى جۈمە نامىزىنى ئوقۇدى. رەسۇل ئەكرەم بۇ تۇنجى جۈمە خۇتبىسىدا مۇنداق بايانلارنى بەردى: «ئەي ئىنسانلار! سالامەت چېغىڭلاردا ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى قىيامەت كۈنىدە، ھەممە كىشى قىلغان ئىشىدىن ھېسابقا تارتىلىدۇ. سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار چوبانسىز قويۇپ بەرگەن قويلىرىدىن سوراققا تارتىلىدۇ. ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا تەرجىمانسىز ۋە ۋاسىتىسىز ھالدا مۇنداق دەيدۇ:  "سېنىڭ قېشىڭغا پەيغەمبىرىم كېلىپ، ئەمىرلىرىمنى يەتكۈزمىدىمۇ؟ مەن ساڭا مال-مۈلۈك بەردىم، ناھايىتى كۆپ ياخشىلىق قىلدىم. ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاخىرەت ئوزۇقى سۈپىتىدە نېمە ئېلىپ كەلدىڭ؟"، بۇ سوئاللارغا دۈچ كەلگەن كىشى ئوڭ - سولىغا قارايدۇ، لېكىن ھېچبىر نەرسە كۆرەلمەيدۇ. ئالدىغا قارىغىنىدا بولسا، جەھەننەمنى كۆرىدۇ. ئىش بۇنداقكەن، يېرىم خورما چاغلىق نەرسە بىلەن بولسىمۇ جەھەننەمدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىڭلار، ئۇنىمۇ تاپالمىغان كىشى ياخشى بىر سۆز بىلەن بولسىمۇ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشسۇن. چۈنكى بىر خەير ئۈچۈن ئون ھەسسىدىن تارتىپ يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن».

سۆزلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى!

ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇ بىرىنچى خۇتبىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، قايتىدىن ئورنىدىن تۇردى ۋە ئىككىنچى خۇتبىسىنى ئوقۇدى:

«ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. ئۇ زاتقا ھەمدۇ ئېيتىمەن ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمەن. نەپىسلىرىمىزنىڭ شەررىدىن ۋە يامان ئەمەللىرىمىزدىن ئاللاھقا سېغىنىمىز. ئاللاھ توغرا يولنى كۆرسەتكەن، ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم توغرا يولغا يېتەكلىيەلمەيدۇ. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق. ئۇ بىردۇر، ئۇنىڭ تەڭ - تۈشى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر. سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. ئاللاھ جەللە جەلال كىمنىڭ قەلبىنى قۇرئان بىلەن زىننەتلىسە، ئۇنى كاپىر بولسا ئىسلامغا كىرگۈزىدۇ. ئۇ كىشىمۇ قۇرئاننى باشقا بارلىق سۆزلەردىن يۇقىرى ئورۇندا قويسا قۇتۇلىدۇ.

ئاللاھنى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ياخشى كۆرۈڭلار!

ياخشى بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ كىتابى سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ ئۇستۇنىدۇر. ئاللاھ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرۈڭلار! ئاللاھنى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ياخشى كۆرۈڭلار! ئاللاھنىڭ كالامىدىن ۋە ئۇنى ئوقۇشتىن زېرىكىپ قالماڭلار. ئاللاھنىڭ كالامى توغرىسىدا قەلبىڭلارغا شەك كەلمىسۇن. چۈنكى ئاللاھنىڭ كالامى، ئاللاھ ياراتقان ھەممە نەرسىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىنى ئايرىپ تاللايدۇ، ئەمەللەرنىڭ ياخشىسىنى ۋە بەندىلىرىنىڭ تاللانغىنى بولغان پەيغەمبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. ھالال ۋە ھارامنى بىلدۈرىدۇ. سىلەر يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ھېچبىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار. شېرىكتىن ھەقىقىي رەۋىشتە يىراق تۇرۇڭلار. سۆزلىرىڭلار، ئاللاھقا سۆزلەنگەن گۈزەل سۆزلەر بولسۇن ۋە ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن ياخشى كۆرۈشۈڭلار. ياخشى بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەھدىگە رىئايە قىلمىغانلارغا، ۋەدىسىدە تۇرمىغانلارغا غەزەپ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ سالامى سىلەرگە بولسۇن».

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، جۈمە نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ھەقىقەت ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇش مەقسىتىدە مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى.

ئاللاھ ھەممىمىزگە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىش ۋە ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقلىرىنى ھاياتىمىزدا ئۆرنەك قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.

 

Go to the Top