گۈزەل ئەخلاق دۇنيا-ئاخىرەت سەئادىتى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: گۈزەل ئەخلاق دۇنيا-ئاخىرەت سەئادىتى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 23/5/1431ھـ 2010-يىلى05-ئاينىڭ07-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا گۈزەل ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى، ئەخلاقلىنىشتا رەسۇلۇللاھنى ئۆلگە قىلىش كېرەكلىكى، مۇسۇلماننىڭ گۈزەل ئەخلاقنى ھاياتىدا ئۆزلەشتۈرۈشى دۇنيا-ئاخىرەتتە سائادەتمەن بولىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-05-08
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/294954
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
گۈزەل ئەخلاق دۇنيا-ئاخىرەت سەئادىتى
95.4 KB
: گۈزەل ئەخلاق دۇنيا-ئاخىرەت سەئادىتى.pdf
2.
گۈزەل ئەخلاق دۇنيا-ئاخىرەت سەئادىتى
1.7 MB
: گۈزەل ئەخلاق دۇنيا-ئاخىرەت سەئادىتى.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

گۈزەل ئەخلاق دۇنيا-ئاخىرەت سەئادىتى

 

2010-يىلى 05-ئاينىڭ 7 -كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە " مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قېلىشى ئەخلاق چۈشەنچىسىگە باغلىق" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىسلام ئالى غايە ۋە مۇھىم نىشاننى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئىنسانلار ئۇستىگە يۈكلەنگەن ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا- ئاناڭلارغا، خىش- ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن خوشنىغا، يىراق خوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل- چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ.»

ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ ئاساسى گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ: «مۆمىن كىشى گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ناماز ئوقۇغۇچى ۋە روزا تۇتقۇچىنىڭ دەرىجىسىگە يېتەلەيدۇ». گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇمى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئىش بولسا، ئاللاھ بۇيرىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى كۈچىنىڭ يېتىشچە تولۇق ئادا قىلىش، چەكلىگەن ئىشلاردىن تولۇق ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. گۈزەل ئەخلاق  مۇسۇلمانغا دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەت بېرىدۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئان-كەرىمدە گۈزەل ئەخلاققا بۇيرۇپ، پەسكەشلىك ۋە رەزىللىكتىن چەكلەيدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : «ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىنلاشماڭلار». گۈزەل ئەخلاق ئۆز ساھىبى ۋە جەمئىيەتكە بەرىكەت، ياخشىلىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەندىن سىرت، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا يۇقىرى مەرتىۋە ۋە شان-شەرەپكە ئىگە قىلىدۇ. كىشىلەر قەلبىدە ھۆرمەت-سازاۋەر ۋە ياخشى كۆرۈشنى پەيدا قىلىدۇ. دۇنيادا نامى ئۆچمىسە، ئاخىرەتتە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەخلاقسىزلىق بەرىكەتنى كەتكۈزىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە يامان كۆرۈشنى پەيدا قىلىدۇ، دۇنيادا بەختسىزلىك ئىلىپ كەلگەندىن تاشقىرى، ئاخىرەتتە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدۇ .

مۇسۇلمانلار تارىختىكى ياكى ھازىرقى خەمئىيەتتىكى ئېسىل-ئەخلاق، ئالى سۈپەتلەرگە ئىگە ياخشى كىشىلەرنى ئۆلگە قىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆز- ئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار.»

بىزگە بارلىق ئېسىل-ئەخلاق، ئالى سۈپەتلەردە ئۈلگە بولغۇچى يول باشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر، ئۇ ھەممە ئىشتا بىزگە ياخشى ئۆلگىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«سىلەرگە،- ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە- رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۆلگىدۇر.» ئاللاھ مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنى گۈزەل ئەخلاقلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى، مۇھەممەدئەلەيھىسسالاممۇ ئۇممەتنى بارلىق ئېسىل ئەخلاق ۋە توغرا ئىش-ھەركەت قۇرۇلمىسى ئاساسىدا تەربىيىلىدى.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بىلەن ئەخلاقلىنىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن. ئامىن....


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 3 )
Go to the Top