مۇسۇلمانلار ئەجدادلار تارىخىنى بىلىشى كېرەك

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مۇسۇلمانلار ئەجدادلار تارىخىنى بىلىشى كېرەك
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 2/5/1431ھـ/2010-يىلى04-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتى ئارقا كۆرۈنۈشلىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ نۇسرەت ۋە ياردەمگە ئېرىشىشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا پايدىلىنىشقا ئەرزىيدىغان جانلىق تارىخى مىساللار بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-04-20
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/291785
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
مۇسۇلمانلار ئەجدادلار تارىخىنى بىلىشى كېرەك
352.5 KB
: مۇسۇلمانلار ئەجدادلار تارىخىنى بىلىشى كېرەك.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

مۇسۇلمانلار ئەجدادلار تارىخىنى بىلىشى كېرەك

 

2010-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە، " ئىسلام ئۈممىتى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان  جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار، ئەجدادلارنىڭ شانلىق تارىخىدىن ئىبرەت ئىلىش ئىنتايىن مۇھىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىسلام ئۈممىتى  ھازىر  ئەڭ قىيىن جاپا-مۇشەققەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىقتىكى توغرا يولىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن  ئىلگىرىكى تارىخى ۋە ئاللاھ رازى بولغان ياخشى كىشىلەرنىڭ  شانلىق ئىش-ئىزلىرىنى بىلىشكە بەك ئېھتىياجلىق، چۈنكى ئەجدادلارنىڭ شەۋكەتلىك تارىخىنى بىلىش ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە نەپسىنى تازىلايدۇ، ئەقلىنى نۇرلاندۇرىدۇ، ھىممەتنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئىرادىنى كۇچلاندۇرىدۇ. ئۈممەتنى  ئىززەت، شان-شەرەپ يولىدا مېڭىشقا، غەلىبە قازىنىش ئىمكانىيىتىگە لايىق تەربىيلەپ يېتىشتۈرىدۇ.

توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ دەۋرىدە بارلىق ئىنسانلارغا تۈرلۈك شەكىلدە تىنچلىق ۋە بەخت-سائادەت كەلتۈرىدىغان ياخشىلىق يوللىرى بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ داۋاملاشتى. شام دىيارى، شۇنداقلا ھىجىرىيىنىڭ 16- يىلىدا بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ پەتھى قىلىنىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئەجدادلار تارىخىدىكى بۇ شانلىق غەلىبىلەر يۈكسەك ئىبرەت ۋە بۈيۈك تەربىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىشى ئىتايىن زۆرۈر.

ھازىرقى ۋەزىيەتتە مۇسۇلمانلارغا زۆرۈر بولغىنى؛ ئۇلار ئۆز دىنى بىلەن ئىززەت-ھۆرمەت تېپىپ پەخىرلىنىشى، ئۆز پەرۋەردىگارىغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىشى، تەۋھىد قارىشىنى توغرا يۆلىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاللاھغا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلىشى، ھاياتىنى  تەقۋادارلىقنى چىقىش قىلغان ئاساسىدا داۋاملاشتۇرۇشى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. يۇقىرىدىكى ئەمەللەر بولسا ئىززەت، شان-شەرەپ، غەلىبە-نۇسرەت، كۈچلىنىش ۋە بالا-مۇسىبەتلەرنىڭ كۆتۈرلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسى قائىدىدۇر.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ دەۋرىدە، ئۇ كىشى شەھەرلەرنى پەتھى قىلىشقا ئەۋەتكەن قوماندانلارغا تەقۋادارلىق، ئاللاھدىن ياردەم تىلەش، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكىلىش(يەنى مەغلۇبىيەتتىن غەلبىگە، غەلىبىدىن مەغلۇبىيەتكە) پەقەت بۈيۈك ئاللاھنىڭ ئىزنى بولىدۇ دېگەن سۆزنى كۆپ تەكرارلاشقا تەۋسىيە قىلاتتى. چۈنكى بۇ سۆز ناھايىتى كۆپ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەشھۇر ئىسلام قوماندانى سالاھىددىن ئەييۇبىمۇ مەزكۇر سۆزلەرنى ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يۆلىنىشى ۋە توغرا يولىنى كۆرسىتىدىغان پروگىراممىسى قىلغان.

ھەقىقەتەن ئۇلار ئاز سۆزلەيدىغان كۆپ ئەمەل قىلىدىغان، سەمىمى- ئىخلاسمەن كىشىلەر بولغاچقا، ئاللاھ ئۇلارنى ئىككى دۇنيانىڭ بەخت-سائادىتى ۋە نىجاتلىقىغا ئېرىشتۈردى ۋە ھاياتلىق كۆرەشلىرىگە بەرىكەت ئاتا قىلدى.

ئاخىرەت ھاياتىنى دۇنيا تۇرمۇشىدىن يۇقىرى بىلىدىغان، يۈكسەك غايە ۋ ە بۈيۈك نىشان بولغان ئاللاھنىڭ قۇلچىلىقىنى روياپقا چىقىرىش، ئاللاھقا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە تەۋھىدنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۇنيانى گۈللەندۈرۈشنى مەڭگۈلۈك ئاخىرەتنىڭ ئۆتكۈنچى كۆرىكى قىلىشتەك ئىنسانىيەتكە بەخت-سائادەت ئىلىپ كىلىدىغان زامان ۋە ماكانغا ئۇيغۇن مۇبارەك پرىنسىپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ غايىسى ۋە نىشانى بولۇپ، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش دۇنيا ھاياتىنىلا كۆزلەش ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

ھەقىقى مۆمىنلەر ئۈمىدسىز بولمايدۇ ۋە ئۇلار دائىم ئاللاھقا يېپىشىپ، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلغاندا ئۈمىدسىزلىك ئۇلارغا يېقىنمۇ كەلمەيدۇ. بەلكى ئۇلار كېچە قاراڭغۇلىقىدىن كېيىن نۇر چىچىپ تاڭنىڭ يۈرۈيدىغانلىقىنى، قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە مۇشەققەتتىن كېيىن چېقىش يولى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. گەرچە جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىق قاتتىق بولسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەۋرەنمەس ئەقىدىسى ۋە يۈكسەك ئىمانى، مىللى غۇرۇرى، ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئالى ھىممىتى بىلەن بۇنىڭدىنمۇ غالىب كېلىدۇ.

ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇ بەيتۇل مۇقەددەسنى پەتھى قىلىدىغان ۋاقىتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇئەنھۇغا خەت يېزىپ خەۋەر بېرىپ رىم قوشۇنىنىڭ قوماندانى، ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، دانىشمەنلىكى مەزكۇر زېمىندا دۇشمەننىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپلۈكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مەسلىھەت سورىغاندا، ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ مەشھۇر سۆزنى ئېيتىدۇ: «بىز رىمنىڭ قوماندانى ئەرتەبۇنغا  ئەرەبلەرنىڭ قوماندانى ئەرتەبۇننى چىقاردۇق (يەنى ئەمىر ئىبنى ئاسنى دېمەكچى) ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىگە قاراڭلار». مەزكۇر ئۇرۇشتا ئەمىر ئىبنى ئاس رىملىقلارنى مەغلۇب قىلىپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ پەلەستىننى پەتھى قىلىش يولىنى ئاچىدۇ.

ئىسلام ئۈممەتلىرى شۇنى ئىسىدىن چىقارماسلىقى كېرەككى، ئەقسا مەسچىتىنى تاجاۋۇزچى يەھۇدىيلار 72 يىلدىن كۆپرەك بېسىۋالغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ پەزلى ياردىمى بىلەن مەشھۇر قوماندان سالاھىددىن ئەييۇبى بەيتۇل مۇقەددەسنى قايتىدىن پەتھى قىلىپ ئاللاھنىڭ دىنىنى ھاكىمىيەت ئۇستىگە ئىلىپ چىقتى. پەلەستىن زېمىنىدا خالىس تەۋھىد ئەقىدىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

بۇ قېتىمقى غەلىبىدىن كىشىلەر كۆپ مەمنۇن بولدى، چۈنكى ئۇلار مىللەت ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلاغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق بولىدىغانلىقى، زالىم قەۋمنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش، ئاللاھنىڭ ياردەم ۋە نۇسرىتىگە ئېرىشىش، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيۇشۇش ئارقىلىق مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىدى.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھى بىلەن ھاياتىمىزنى گۇللەندۇرۇش ئارقىلىق، ئاللاھ بەرگەن نېمەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق قىلسۇن. 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 20 )
Go to the Top