كېچىكتۈرسە تۆلەم تۆلەش شەرتى بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەپ ئۆي سېتىۋېلىش توغرىسىدا

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: كېچىكتۈرسە تۆلەم تۆلەش شەرتى بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەپ ئۆي سېتىۋېلىش توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئامېرىكىدا ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن قەرز ئالغان بەزى كىشىلەر قەرز تۆلەش جەريانىدا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بانكا ئۆزى بىلەن قەرز ئالغۇچى ئوتتۇرسىدىكى بەلگىلەنگەن توختام بويىچە ئۆيگە ئۆزى ئىگە بولۇپ، ئۆينى سېتىش ئۈچۈن بازارغا سالىدۇ، ئۆينىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا كەلگۈسىدىكى ئوتتۇز يىللىق پايدىنى قېتىپ باھا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇشتەرى كېلىپ ھەر ئايدا مەلۇم مىقدارغا بۆلۈپ تۆلەش شەرتى بىلەن ئۇ ئۆينى سېتىۋالىدۇ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟.
تەبىئىيكى بۇ يەردە كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان باشقىلاردىن قەرز ئىلىپ بېرىپ ئۆينى ئۆزى بىۋاستە سېتىۋالىدىغان ھالەت، يەنە بىرى بولسا سېتىۋالىدىغان ئۆي ئوخشاش، قەرز ئالمايدۇ، لېكىن ئۆيگە بانكا ئىگە بولىدۇ، ئۆي باھاسىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆينىڭ پۇلىنى بىراقلا بەرمەستىن ئوتتۇز يىلىغا بۆلۈپ بېرىدۇ. ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ يەنە بىر شەكلى بولۇپ ئۇمۇ دەسلەپكى شەكىلگە ئوخشايدۇ يەنى بەزى قۇرۇلۇشچىلار ئۆينى سىلىپ بازارغا سالىدۇ، ئۆينىڭ باھاسى باشقا ئوخشاش ئۆيلەرگە نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ بانكىغا ئوخشاش ئۆينىڭ ئەسلى باھاسىغا كىيىنكى ئوتتۇز يىللىق پايدىنى قېتىپ ساتىدۇ، سېتىۋالغۇچىمۇ خۇددى بانكىغا تۆلىگەندەك، ئۆينىڭ پۇلىنى ئوتتۇز يىلغا بۆلۈپ تۆلەيدۇ، بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە، ئۆينى سېتىۋالغۇچى ۋەدە ئايلىرىنىڭ بىرىدە بەلگىلەنگەن پۇلنى تۆلەشتىن قىينىلىپ قالسا يەنى ئۆز ۋاقتىدا تۆلىيەلمىسە، پۇلنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئايلىق پۇلغا جەرىمانىنى قېتىپ تۆلەيدۇ، بۇنداق قىلىش پەقەت ئۆي پۇلى تۆلەش ئىشلىرىغا خاس بولماستىن بەلكى تۆك پۇلى تۆلەش، مەكتەپ پۇلى تۆلەش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ بولىدۇ، قويۇلىدىغان جەرىمانە ۋاقتىدا پۇل تاپشۇرمىغان ئايغا خاس بولىدۇ، باشقا ئايلار بىلەن ئالاقىسى بولمايدۇ، ئەمما ئايلىق تۆلەيدىغان پۇلنى كېچىكتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇنداق ئەھۋال تەكرارلىنىدىكەن، تۆلەيدىغان جەرىمانىمۇ تەكرارلىنىدۇ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئۆي سېتىۋالسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
قوشۇلغان ۋاختى: 2017-03-18
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/2820538
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
كېچىكتۈرسە تۆلەم تۆلەش شەرتى بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەپ ئۆي سېتىۋېلىش توغرىسىدا
442.1 KB
: كېچىكتۈرسە تۆلەم تۆلەش شەرتى بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەپ ئۆي سېتىۋېلىش توغرىسىدا.pdf
2.
كېچىكتۈرسە تۆلەم تۆلەش شەرتى بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەپ ئۆي سېتىۋېلىش توغرىسىدا
3 MB
: كېچىكتۈرسە تۆلەم تۆلەش شەرتى بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەپ ئۆي سېتىۋېلىش توغرىسىدا.doc
Go to the Top