ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ5/3/1431ھـ/2009-يىلى02-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان جەمئىيىتىگە بولغان يامان تەسىرى، پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىدىكى ئالدامچىلىق، كۆز بويامچىلىق قىلىپ مال سېتىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئىسلامدا چەكلەنگەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ بارلىق ئىشلاردا راستچىل بولۇشىنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-03-01
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/278866
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
294.5 KB
: ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى.doc
2.
ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
142.1 KB
: ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى

 

2010-يىلى 02-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "ئالدامچىلىق-كۆز بويامچىلىقنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان خەتىرى" دېگەن تېمىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:  

گۇناھ-مەسىيەتلەر تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سۈپەتلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇ ھەسەتخۇرلۇق، ئادالەتسىزلىك، ھىلە-مىكىر، ئالدامچىلىق، مۇناپىقلىق، بۇزۇقچىلىق قاتارلىق ناچار قىلمىشلارنىڭ ئىنسان ھاياتىدا داۋاملىشىشىغا قاراپ  شەكىللىنىدۇ. بۇ قىلمىشلاردىن ئىسلام قانۇنى ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرى ۋە بارلىق ئورۇنلىرىدا كەسكىن قارشى تۇرغىنى ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىدىن ئىبارەتتۇر.  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي!». ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېتىش ئۈچۈن قويۇلغان بىر دۆۋە ئاشلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قىلىپ، قولىنى ئۇنىڭ ئارىسىغا تىققان ئىدى، قولىغا ھۆللۈك ئۇرۇلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەي ئاشلىق ئىگىسى!، بۇ نېمە ئىش؟ دېدى. ئۇ كىشى: ئۇنىڭغا يامغۇر چۈشۈپ كەتكەن ئىدى يا رەسۇلۇللاھ -دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەمىسە نېمىشقا ئۇنى كىشىلەر كۆرگۈدەك قىلىپ ئۈستىگە چىقىرىپ قويمىدىڭ؟، كىمىكى ھىلە قىلسا بىزدىن ئەمەس، دېدى. ئالدامچىلىق ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار قىلىدىغان، دوزاخقا سۆرەپ ئىلىپ بارىدىغان ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ بەرىكەتسىز بولىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئامىلدۇر.

ئىسلام ئۆلىمالىرى ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئىسلامدىكى چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن سانىدى ۋە بۇ قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى كەسكىن چەكلىدى.

كىشىلىك جەمئىيەتتىكى بەزىبىر ئەھۋاللارنى مۇلاھىزە قىلىدىغان  بولساق ھىلە-مىكىر، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىككە ئوخشاش ئاللاھ رازى بولمايدىغان تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئالدامچىلىق ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ قاتارىدىن ۋەز-نەسىھەت قىلىشتا، ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچىلارنىڭ خەلقىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ۋە نىكاھ-تۇرمۇش ئىشلىرىدىمۇ كۆرۈلمەكتە. بۇ ناچار قىلمىشنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئەڭ كۆپ تارقالغان ۋە ئاشكارا بولغىنى سودا-مۇئامىلە ئىشلىرىدا شەكىللەنگەن ئالدامچىلىقتۇر. بۇ قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن يىراقلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىغا چوڭقۇر نەزەر سالغان كىشى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىكى ئىنسانىيلىققا زىت نۇرغۇن ئالدامچىلىقنى بايقايدۇ. شۇنىڭدەك سودىدا يالغان سۆزلەش، ساختىپەزلىك قىلىش ۋە ھەقىقەتنى بايان قىلماسلىق، مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇشتەك ئەھۋاللارمۇ كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى سودىلاشقان جايدىن ئايرىلىپ كەتمىگۈچە ئىختىيارغا ئىگە، ئەگەر ئۇلار بىر-بىرىگە راست گەپ قىلسا قولىدىكى نەرسىنىڭ سۈپەتلىرىنى ئوچۇق بايان قىلسا، سودىسى بەركەتلىك بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار قوللىرىدىكى مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرسا ۋە يالغان ئېيتسا، سودىلىرى بەرىكەتسىز بولىدۇ» دېگەن.

بەزىلەر ناچار ماللىرىنى يالغاندىن ماختاپ كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بوياپ ئالداپ ساتىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ قىيامەت كۈنى سۆزلىمەيدىغان، يۈزىگە قارىمايدىغان ۋە دەرتلىك ئازاب بىلەن جازالايدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ بىر تۈرى يالغان قەسەم قىلىپ مېلىنى يۇقىرى باھادا ساتقان كىشىدۇر» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].(يەنى سېتىۋالغۇچىغا: ھازىرلا بىر كىشىگە 150 كويغا بەرمىگەنىدىم، سىلىگە 120 كويغا بېرەي دەپ يالغان سۆزلەيدۇ). ئالدامچىلىقنىڭ يەنە بىر شەكلى مالنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يالغاندىن خېرىدار بولۇپ، باشقىلارنى سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «مالنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يالغاندىن خېرىدار ياللىماڭلار». ئىبنى ئەبى ئەۋپا رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مالنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يالغاندىن خېرىدار بولغۇچى جازانە يېگۈچى خائىندۇر».[بۇخارى رىۋايىتى].

بۇنىڭدىن باشقا قۇرۇلۇش ئىشلىرىدىمۇ، ئىشنى ھۆددە ئالغۇچىلار ئارىسىدا يۈزبېرىدىغان ئالدامچىلىق، ئىشنى دېيىشكەن ۋاقىتتا پۈتتۈرمەسلىك، توختامغا ئەمەل قىلماسلىق ۋە قۇرۇلۇش ئىگىسىگە بىلدۈرمەستىن ھىلە ئىشلىتىپ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى قاتارلىقلاردۇر. ئالدامچىلىق ئەڭ رەزىل قىلمىشلاردىن بولۇپ، ئىنسانىيلىقتىن ھالقىغان دىن، مىللى ئۆرپ-ئادەت، ئىنسانى ئەخلاق ئىنكار قىلىدىغان ناچار ئەخلاقتۇر.

ئاللاھ ھەممەيلەننى بۇنداق ناچار سۈپەتلەردىن ساقلىسۇن. ھاياتىمىزدا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغىلى مۇۋەپپەق قىلسۇن.  

 

 

Go to the Top