قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئوغۇللار قىز ساۋاقدىشى كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى تەڭلىسە قانداق قىلىشى كېرەك؟، يەنى كۆرۈشەمدۇ ياكى كۆرۈشمەمدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-01-30
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/268155
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى
496.5 KB
: قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى.doc
2.
قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى
95.5 KB
: قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى

 

21608-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئوغۇللار قىز ساۋاقدىشى كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى تەڭلىسە قانداق قىلىشى كېرەك؟، يەنى كۆرۈشەمدۇ ياكى كۆرۈشمەمدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ مەسىلىگە كەلسەك؛ ئەسلىدە قىز-ئوغۇللارنىڭ بىر ئورۇندا ياكى بىر مەكتەپتە ياكى بىر سىنىپتا ئارىلىشىپ ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىشى شەرىئىتىمىزدە توغرا دەپ قارالمايدۇ. (چۈنكى قىز-يىگىتلەرنىڭ ياكى ئەر-ئاياللارنىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئارىلىشىپ ئوقۇشى ياكى خىزمەت قىلىشى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىنىمىز قىز-خانىملارنىڭ ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىشىغا ھېچقاچان قارشى ئەمەس، بەلكى قىز-خانىملارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى قوغدىغانلىقىدىن ئۇلارنى ئەركەكلەرنىڭ يامان نىيەت ياكى زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا تەلىم-تەربىيە ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئايرىم شارائىت ھازىرلىنىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. قىز-يىگىت ياكى ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ بىلىم ئىلىش ياكى خىزمەت قىلىش تۈپەيلى جەمئىيەتتە ئەخلاقسىزلىق، كىشىلىك تۇرمۇشتا نورمالسىزلىق ۋە ئائىلىدە ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى، نەتىجىدە مىللەتنى زالالەت ۋە ئازغۇنلۇققا ئىلىپ بارىدىغان ئامىللار بارلىققا كېلىدۇ).

سىز سورىغان سوئالغا كەلسەك؛ ساۋاقدىشى ياكى خىزمەتدىشى بولسىمۇ بىر مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئۆزىگە يات بولغان قىز-خانىملار بىلەن گەرچە ئۇ كۆرۈشكىلى قولىنى تەڭلىگەن ھالەتتىمۇ قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشى توغرا ئەمەس. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللاردىن بەيئەت ئالىدىغان ۋاقىتتا ئۇلارغا: «مەن ئاياللارنىڭ قولىنى تۇتۇپ بەيئەت ئالمايمەن» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېچقانداق يات ئاياللارنىڭ قولىنى تۇتۇپ باقمىدى، ئاياللاردىن ئاغزاكى بەيئەت ئالاتتى». [بۇخارى رىۋايىتى].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە-اﷲ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە اﷲ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە-رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر». [سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت].

ئاياللارنىڭ مەھرەم بولمىغان يات كىشىلەر بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشى ھەر ئىككى تەرەپنى پىتنىگە سالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ۋە دىنىمىزدا چەكلىگەن ئىشلاردىن قول ئۈزۈشى لازىم بولىدۇ.

سالاملىشىش ۋە ئەھۋال سورىشىشقا كەلسەك؛ شەرئى بەلگىلىمە بويۇنچە، پىتنىدىن خالى، يالغۇز ئايرىم تۇرماستىن، ھىجاب بىلەن، نورمال سۆزلەر بىلەن بولسا بولىدۇ(يەنى ئەركىشىنىڭ كۆڭلىگە گۇمان پەيدا قىلىپ قويىدىغان غىلجىڭ سۆزلەر بولماستىن). بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، (نازاكەت بىلەن سۆز قىلساڭلار) دىلىدا نىفاق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالى) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار». [سۈرە ئەھزاب 32-ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىمۇ ئاياللار رەسۇلۇللاھقا سالام بېرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىدىن چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەرنى سورايتتى.

قىز-خانىملار ئۆزىگە مەھرەم بولالايدىغان ئەركەكلەر بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشسە بولىدۇ. مەسىلەن: دادىسى، ئاكا-ئىنىلىرى، تاغلىرىغا ئوخشاش تۇغقانلىرى بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشسە بولىدۇ.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.  


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top