ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 29/1/1431ھـ 2010-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا جانابى ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ ھەددى ھېسابسىز ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ ئاتا-ئېھسانلىرى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىش بولسا بەندىچىلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم ئىكەنلىكى، ئىنسان ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە قۇدرىتىنى ئازراق تەپەككۇر قىلسا ئېدى، ئاللاھنىڭ دىنىغا قايتقان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بولاتتى دېگەن مەزمۇندا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-01-19
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/265519
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا
340 KB
: ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا.doc
2.
ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا
139.3 KB
: ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا

 

2009-يىلى 01- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرى ۋە ساناپ تۈگەتكۈسىز ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن شۈكۈر ۋە ھەمدە ئېيتىشى لازىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا چەكسىز نېمەت، ساناپ تۈگەتكۈسىز ياخشىلىق ئاتا قىلدى، ئۇلار بۇ نېمەتلەرگە شۈكرى ئېيتىپ، تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرىدىكەن ، ئۇلارغا داۋاملىشىپ تۇرىدىغان يەنىمۇ كۆپ نېمەت ئاتا قىلىشنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: نېمىتىگە شۈكۈر قىلساڭلار، ئۇنى تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر كۇفرانى نېمەت قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ دەپ جاكارلىدى».  سۈرە ئىبراھىم 7-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئاشكارا-يوشۇرۇن، كۆرۈنگۈچى ۋە مەخپى بولغۇچى، ئېنىق بولغان ياكى ئېنىقىسىز بولغان نۇرغۇن ئاتا-ئېھسانلارنى بەردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىلمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى (يەنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بەردى). سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (يەنى ماددىي ۋە مەنىۋى) نېمەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى.» [لوقمان سۈرىسى 20- ئايەت].

ئىنسانلارنىڭ قەددى-قامەتلىك، ئەزالىرى بىر-بىرىگە مۇناسىپ، گۈزەل شەكىلدە بولىشىمۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نېمىتىدۇر، شۇنداقلا ئۇلارغا ھالال-ھارامنى، ياخشىلىق-يامانلىقنى، ھىدايەت-ئازغۇنلۇقنى بىلدۈرۈشى، ئاڭلاش-كۆرۈش ۋە ئەقىلمۇ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان  بۈيۈك نېمەتلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، ئاللاھ سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى.» [نەھل سۈرىسى 78-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە يىمەكلىك ئۈچۈن قاتتىق زېمىننىڭ ئاستىدىن تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىپ بەردى، تۈرلۈك ئاپەتلەردىن ساقلىدى، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن سۇ، ھاۋا ۋە نۇردىن ئىبارەت ۋە باشقا ھاياتلىققا سەۋەپ بولىدىغان ئامىللار بىلەن ياردەم بەردى. ھەتتا يېمەكلىككە يارايدىغان دانلارنى ياكى مېۋە-چېۋىلەرنى ياكى كۆكتاتلارنى چىقاردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلۈك (يەنى قۇرغاق) زېمىننى (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىمىز ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتتۇر. بىز زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورما باغلىرىنى، ئۈزۈم باغلىرىنى بەرپا قىلدۇق، شۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق. ئۇلار ئۇنىڭ (يەنى باغلارنىڭ) مېۋىسىنى يېسۇن، (بۇ مېۋىلەرنى) ئۇلارنىڭ قوللىرى ياراتقان ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟.» [سۈرە ياسىن 33- 34- 35 - ئايەتلەر].

ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ھاجىتى مىقدارىدا ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئاسماندىن تاتلىق سۇلارنى تامچىلىتىپ چۈشۈرۈپ بەردى. تۇرمۇشىنى قامدىشى ئۈچۈن ئاسماندىن چۈشكەن سۇلارنى زېمىننىڭ يېقىن قاتلىمىدا ساقلاپ، ئۇلارنىڭ ھاجىتى چۈشكەندە چىقىرىپ بەردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ؟. ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟. ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق. پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نېمەتلىرىگە نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟» [سۈرە ۋاقىئە 68-69-70-ئايەتلەر].

ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىسسىق-سوغۇقتىن ساقلىنىشى، ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ، چىرايلىق زىننەتلىنىشى ئۈچۈن توقۇلۇشى ھەر خىل بولغان، تۈرلۈك كىيىم-كىچەكلەرنى ئاتا قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى-مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر.» [سۈرە ئەئراپ 26-ئايەت].

ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئارام ئىلىشى، ماللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشى، كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ساقلىنىشى، بەدەنلىرىنى راھەتلەندۈرۈش، ھاۋانىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىقىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ئاتا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ كۆڭلى تىنىپ، ئۆزىنىڭ جىنى، مىلى ۋە ئائىلىلىرىدىن خاتىرجەم بولۇپ بەخت ئىچىدە ياشايدۇ.

ئاللاھ ئىنسانلارغا يەنە پەرزەنت ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارنى، ئۆز جىنسىدىن بولغان جۈپتىنى ئاتا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى، بىر-بىرىگە ئۈلپەت بولىشى ۋە ھەمكارلىشىشى شەكىللىنىدۇ. ئاتا-ئانىلارغا ھاياتى دۇنيادا ياردەم ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە  مەنپەئەتى يېتىدىغان پەرزەنتلەرنى نېمەت قىلىپ بەردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەر (نىڭ ئۇنى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار) ئۈچۈن خوتۇنۇڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى.» [نەھل سۈرىسى 72-ئايەت].

ئاللاھ بەندىلەرنىڭ يىراق سەپەرلەرگە ئاتلىنىپ، بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يۈك-تاقىلىرىنى يۆتكىشى ئۈچۈن دېڭىزدا ئۈزىدىغان پاراخۇت ۋە كېمىلەرنى ئاتا قىلدى، بۇ زور ھەجىمدىكى پاراخۇت ۋە كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرەت ئىلاھى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك، يۈك-تاق ۋە باشقا مەنپەئەتلىك نەرسىلىرىنى كۆتۈرۈپ دېڭىز-ئوكيانلاردا ئۈزۈپ يۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مىنىشىڭلار ۋە گۆشلىرىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە ھايۋانلارنى ياراتتى. ئۇلار سىلەرگە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، (قۇرۇقلۇقتا يۈك - تاقلىرىڭلارنى) ئۇلارغا ئارتىسىلەر، (دېڭىزدا) كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر» [سۈرە غاپىر 79-80-ئايەتلەر].

ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ سەپەردىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ يىڭى زاماندىكى تەرەققى قىلغان تۈرلۈك قاتناش ۋاستىلىرىنى ئاتا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىنسان سەپەر جەريانىدا يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدۇ، ئىسسىق-سوغۇقتا قالمايدۇ، ئاچلىق-ئۇسسۇزلۇققا دۇچار بولمايدۇ، جاپا-مۇشەققەت چەكمەيدۇ، قار-يامغۇرلارنىڭ خەتىرىگە دۇچ كەلمەيدۇ، ئوغرى-قاراقچىلارنىڭ خەۋپىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۇلار خۇددى باغ سەيلىسىگە چىققاندەكلا سەپەرنى تاماملايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار» [سۈرە جاسىيە 13-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ.» [نەھل سۈرىسى 8-ئايەت].

ئاللاھ ئىنسانلارنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن دائىم ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ بەدىنى ۋە روھىنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى مەقسەت قىلغۇچى جىن-شەيتانلارنىڭ-ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن- زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاللاھ نىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار.» [سۈرە رەئد11-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا سانسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلىشىدىكى ھېكمەت، ئۇلارنىڭ مەزكۇر نېمەتلەرگە شۈكرى ئېيتىشى ۋە ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماستىن ئىبادەتلەرنى خالىس قىلىشى مەقسەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ياراتقان نەرسىلەر (يەنى دەرەخلەر، تاغلار ۋە بىنالار) دىن (كۈننىڭ ھارارىتىدىن ساقلىنىدىغان) سايىلەرنى قىلىپ بەردى. تاغلاردىن سىلەرگە (غار، ئۆڭكۈرگە ئوخشاش) تۇرالغۇ قىلىدىغان جايلارنى قىلىپ بەردى. سىلەرگە ئىسسىقتىن (ۋە سوغۇقتىن) ساقلىنىدىغان كىيىملەرنى، ئۇرۇشتا سىلەرنى (زىيان - زەخمەتتىن) ساقلايدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى تەييار قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى ئىتائەت قىلسۇن دەپ، سىلەرگە ئەنە شۇنداق مۇكەممەل نېمەتلەرنى بېرىدۇ.» ]نەھل سۈرىسى 81-ئايەت].

ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېمىتى ئىسلام  دىنىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەگەر ئىسلام دىنى بولمىغان بولسا ئېدى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تىلسىز ھايۋانلارغا ئوخشاش ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان، يامانلىقنى ئىنكار قىلمايدىغان، كۈچلۈكلىرى ئاجىزلىرىنى بوزەك قىلىدىغان، ھايۋانلىق دەرىجىسىدىكى بىر ھالەت شەكىللىنەتتى، ئىنسانلارغا ھەر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ ئازابى كېلەتتى.

ھەقىقەتەن ئىسلام دىنى ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك نېمىتى بولۇپ،  شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىشلار ئىنسانلارنىڭ نەپسىنى پاكلاپ، تەدرىجى ھالەتتە  ئىنسانىي كامالەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ.» [سۈرە مائىدە 6-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىپ، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. قەدىمدىن تا ھازىرغىچە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر دۇنيانىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ، مەزكۇر نېمەتنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيانغا ئۇچرىدى. ئاللاھ قۇرئان-كىرىمدە ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىش ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ھەزەر قىلىشنىڭ نىجاتلىق يولى ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بەردى.

ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىڭلار. ئازابى ۋە غەزىپىگە دۇچار بولۇشتىن ھەزەر قىلىڭلار. ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىغا قايتىڭلار. بىز دىننى قەلبىمىزدە بەرپا قىلغاندىن كىيىن ئائىلىمىزدە بەرپا قىلالىشىمىز مۇمكىن، ئائىلىمىزدە پەرپا قىلغاندىن كىيىن جەمئىيەتتە بەرپا قىلىشقا ئاساس سالغان بولىمىز. ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھ بەندىسىنى ئۆز دىنىغا ياردەم بېرىشكە مۇۋەپپەق قىلىشىدىن بۈيۈكراق نېمەت بولمىسا كېرەك.

ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەر ھاياتىدا باياشاتلىق كۆرۈلسە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەيتتى، گوياكى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى دۇنيادىلا بېرىلگەندەك ھېس قىلاتتى. ئۇلار ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىشقا تىرىشاتتى، دۇنيا مەنپەئەتىگە بېرىلمەيتتى ۋە قولىدىكى مال-دۇنيادىن مەغرۇرلىنىپمۇ قالمايتتى.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! قىيىنچىلىق ۋە باياشاتچىلىق كۈنلەردە، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشتا ئۇلارغا ئەگىشىڭلار. قىيامەتتە ئۇلار بىلەن بىرگە جەم بولۇپ ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىش بىلەن  نىجاتلىققا ئېرىشىڭلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ تىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بۇلۇڭلار.» [سۈرە تەۋبە 119-ئايەت].

 


 

Go to the Top