ئەرلەرنىڭ ئاياللار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئەرلەرنىڭ ئاياللار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ھۆكمى
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئۆزىنىڭ يېقىن ئايال ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە باشقا يات ئاياللار بىلەن بولامدۇ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-01-16
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/264817
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئەرلەرنىڭ ئاياللار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ھۆكمى
352.5 KB
: ئەرلەرنىڭ ئاياللار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ھۆكمى.doc
2.
ئەرلەرنىڭ ئاياللار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ھۆكمى
99.4 KB
: ئەرلەرنىڭ ئاياللار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ھۆكمى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئەرلەرنىڭ ئاياللار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ھۆكمى

 

12879- نومۇرلۇق سوئال

ئۆزىنىڭ يېقىن ئايال ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە باشقا يات ئاياللار بىلەن بولامدۇ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ سوئالنى سورۇغۇچى قېرىندىشىمىز ۋە باشقا بۇرادەرلەر يات قىز-خانىملار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلگەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ۋە قاتتىق چەكلەنگەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقان بولسىمۇ مەھرىمى بولالمايدىغان ئايال تۇغقانلىرى شەرىئەت ھۆكمىدە يات ئاياللارغا ئوخشاشتۇر.

ئەمما ئايال تۇغقانلىرى ئىچىدىن ھاممىلىرىغا ئوخشاش (يەنى دادىنىڭ ئايال بىر تۇغقىنى ياكى ئانىنىڭ ئايال بىر تۇغقىنى) يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما ئۇلار بىللەن قۇچاقلىشىپ ۋە سۆيۈشۈپ كۆرۈشۈشتىن چەكلەنگەن ئەۋزەل. (چۈنكى بۇنداق قىلغاندا شەھۋەت قوزغىلىشنىڭ ئېھتىماللىقى بار ۋە بۇ ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ھېسابلىنىدۇ.) ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ بېشى ۋە پېشانىسىغا سۆيۈپ قويسا بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھتىن بۇ ھەقتە سورالغىنىدا شەيخ تۆۋەندىكىدەك  جاۋاپ بەرگەن:

سوئال: مەن رىياد شەھىرىدە تۇرىمەن، ئۇ يەردە مىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم بار (ھاممامنىڭ قىزلىرى، تاغامنىڭ ئايالى ۋە قىزلىرى)، مەن ئۇلارنى زىيارەت قىلغىلى بارغىنىمدا ئۇلار بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشىمەن ۋە سۆيۈپ قويىمەن. ئۇلار ھىجابسىز مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرىدۇ، مەن بۇنىڭدىن قاتتىق ئارامسىزلىق ھېس قىلىمەن. بۇنداق ئەھۋال خىلى كۆپ رايونلاردا ئومۇملىشىپ قالدى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپ: بۇ شەرىئەتكە زىت بولغان ناچار ئادەت بولۇپ، سىزنىڭ ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىڭىز ۋە سۆيۈپ كۆرۈشۈشىڭىز توغرا ئەمەس. چۈنكى تاغىڭىزنىڭ ئايالى، قىزلىرى ۋە ھاممىڭىزنىڭ قىزلىرىغا سىز مەھرەم بولالمايسىز. ئۇلار سىزدىن ھىجابلىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «...سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ...» [ئەھزاب سۈرىسى 53-ئايەتنىڭ بىر قىسمى]. ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە باشقا بارلىق مۆمىنلەرنىڭ ئايالى ئۈچۈن ئومۇمدۇر. بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغىلا خاس دېگۈچىلەرنىڭ سۆزى توغرا ئەمەس ھەم ئىسپاتى يوقتۇر. ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرگە كۆرۈنمەسلىكى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن…» [نۇر سۈرىسى 31- ئايەتنىڭ بىر قىسمى]. سىز ئاللاھ ئايەتتە ئىستىسنا قىلغانلارنىڭ قاتارىدىن ئەمەس، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن سىز تاغىڭىزنىڭ ئايالى، قىزلىرى ۋە ھاممىڭىزنىڭ قىزلىرىغا نىسبەتەن يات ئەر كىشىنىڭ ئورنىدا، يەنى سىز ئۇلارغا مەھرەم بولالمايسىز. سىز ئۇلارغا بۇ پەتىۋانى يەتكۈزۈشىڭىز ۋە ئۇلارغا شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى بىلدۇرۇشىڭىز لازىم. بىز يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا قول ئېلىشىپ ياكى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمەستىن پەقەت ئاغزاكى سالاملاشسىڭىز بولىدۇ.

بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىش ئۈچۈن قولىنى سۇنغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: «مەن يات ئاياللار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەيمەن دېگەن». ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرگىزمۇ يات ئاياللارنىڭ قولىنى تۇتمىدى. ئۇلاردىن ئاغزاكى بەيئەت ئالدى» دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن "ئىپپەت قىسسىسى" توغرىسىدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، مۇنداق دەيدۇ: «مەن سەپۋان ئىبنى مۇئەتتەلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا يۈزۈمنى ياغلىق بىلەن ئورىۋالدىم، ئۇ ھىجاب پەرز قىلىنىشتىن ئىلگىرى مېنى كۆرگەن ئېدى دەيدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. بۇ ھەدىس ھىجاب ئايىتى چۈشكەندىن كېيىنمۇ ئاياللارنىڭ يات ئەرلەردىن يۈزىنى ياپىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك دەلىلدۇر.

ئەر كىشى شەھۋەتسىز ئۆزىنىڭ چوڭ ياكى كېچىك قىزلىرىنى سۆيۈپ قويسا بولىدۇ. ئەمما چوڭ بولسا مەڭزىگە سۆيۈپ قويۇش كېرەك. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ قىزى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قوياتتى. دادىنىڭ بالاغەتكە يەتكەن قىزنىڭ ئېغىزىغا سۆيۈپ قويۇشى ياخشى بولمايدۇ ۋە تەرك ئەتكىنى ئەۋزەل. شۇنىڭدەك قىزلارمۇ دادىسىنىڭ بېشى، قولى ۋە پېشانىسىغا سۆيۈپ قويسا بولىدۇ.

ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلسۇن. ئۇلارغا دىننى چۈشىنىدىغان توغرا چۈشەنچە ئاتا قىلسۇن.

ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.


 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 5 )
Go to the Top