مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە 10 چۈشەنچە

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە 10 چۈشەنچە
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: دوكتۇر ئادىل ئىبنى ئەلى شەددىي
تەرجىمە قىلغۈچى: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تونۇشتۇرش تور بېكىتى www.mercyprophet.org
قىسقىچە چۈشەنچە: بەزى غەيرى مۇسۇلمانلار، خۇسۇسەن غەربلىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە سورىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سورىشى مەقسەتلىك بولۇپ غەرب ئاخباراتلىرىدا بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. رەھمەت پەيغەمبىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش پروگراممىسى مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىشنى ئۆز مەجبۇرىيىتىمىز دەپ قارايمىز ھەمدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچىنى تەقدىم قىلىمىز.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-01-08
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/263682
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە 10 چۈشەنچە
325 KB
: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە 10 چۈشەنچە.doc
2.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە 10 چۈشەنچە
150.7 KB
: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە 10 چۈشەنچە.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە 10 چۈشەنچە

 

بارلىق ھەمدۇ - سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر. دۇرۇت ۋە سالاملار پەيغەمبەر ۋەئەلچىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن .

بەزى غەيرى مۇسۇلمانلار، خۇسۇسەن غەربلىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە سورىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سورىشى مەقسەتلىك بولۇپ غەرب ئاخباراتلىرىدا بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈپ كۆرسىتىشمەكچى بولىشىدۇ. رەھمەت پەيغەمبىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش پروگراممىسى مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىشنى ئۆز مەجبۇرىيىتىمىز دەپ قارايمىز. ھەمدە بۇ سوئالغا پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە تۆۋەندە 10 نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ جاۋاپ بېرىمىز:

1-مۇھەممەدئلەيھىسسالام -ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بىلەن- ئىنسانىيەتنى ئىنسانلارغا، ھايۋانلارغا ۋە تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنۇش ئازغۇنلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، شېرىكى يوق يىگانە بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتەك ئىنسانىي ھۆرمەتكە چىقاردى.

2- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام-ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بىلەن- ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىنى ئازات قىلدى. دىنلارنىڭ زورلۇق- زومبۇللۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇردى. (ئاللاھنىڭ ئىنساندىن بالىسى بار ئىنسانلارنىڭ خاتالىقلىرىغا پىدىيە بېرىش يۈزىسىدىن ئۆزىنى قۇربان قىلغان) دەيدىغان خاتا ئەقىدىلەردىن خالاس قىلدى.  

3-مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چاچتى. ئىنسانلارغا بىر - بىرىنى كەچۈرۈشنى، بىر -بىرىنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگەتتى.  قۇرئان كەرىمنىڭ «دىندا كىشىلەرنى ئۇنىڭغا كىرىشكە زورلاش يوق» دېگەن پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆردى. كىشىلىك ھوقۇقنى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلدى ۋە مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرنىڭمۇ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئەسىرلەرنى خورلىماسلىق پرىنسىپلىرىنى ئەمەلىي رەۋىشتە تەتبىق قىلدى. ھازىرمۇ بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان يەھۇدىي، خرىستىئانلار ۋە باشقا دىنلار مەنسۇبلىرى تەڭلىك، باراۋەرلىك ئىچىدە ھۇزۇر سۈرۈپ كەلمەكتە. بۇ ئىسپانىيىدە مۇندىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»نىڭ تامامەن ئەكسىچە بولۇپ، تارىخ بۇنىڭغا شاھىتتۇر.

4- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن شەپقەت ئۈلگىسى بولۇپلا قالماستىن، ئۇچار قۇشلاردىن تارتىپ ھايۋانلارغىچە رەھمەت ۋە شەپقەتنىڭ ئەلچىسى ئىدى. ئىسلام نەزىرىدە ھايۋانلارنى ئازابلاشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.

5-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش ۋە سۆيۈشنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك نەمۇنىلىرىنى ئېلىپ كەلدى. ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەردىن بىرەرسىنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ ئىمانى قوبۇل بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن جىمى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشنى ئىماننىڭ بىر پارچىسى قىلىپ بېكىتتى. چۈنكى  ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ غايىسى، دەۋىتى بىر ئىدى .

6- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشتا ئەڭ ئۆلمەس نەمۇنىلەرنى ياراتتى. ئىنسانلار ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن، مىللىتى، رەڭگى، تىلى ۋە دىنى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر باراۋەر ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئىسلامنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىدىن سانىدى. بۇ ماۋزۇدا  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشىدىن 3ئاي ئىلگىرى ئوقۇغان ۋىدالىشىش خۇتبىسى يىتەرلىكتۇر.  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش خۇتبىسىدا كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكىگە، ئار - نومۇسىغا تېگىشنىڭ كەچۈرۈلمەس جىنايەت ئىكەنلىكىنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەن ئىدى. بۇ تەخمىنەن 633- مىلادىيە يىلى ئېدى. مەزكۇر ۋاقىت، دۇنيا قانۇن - تۈزۈم، ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى دېگەنلەرنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان دەۋر ئېدى. ئىنسانلار تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن قانۇنلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئارىدىكى چوڭ پەرقنى كۆرۈۋالالايمىز:

1215- مىلادىيە يىلى چوڭ شەرت قانۇنى .

1628 - مىلادىيە يىلى جىسىم ئەركىنلىكى قانۇنى .

1776- يىلى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى ئېلان قىلىنغان.  

1789- يىلى «ئىنسان ھەقلىرى ۋە گراژدانلىق ھوقۇق ۋەسىقىسى»  يېزىلغان ۋە

1948- يىلىغا كەلگەندە ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى خەلقئارادا رەسمىي تۈردە  ئېلان قىلىنغان.

7- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىي ئەخلاقنىڭ شەنىنى كۆتۈردى. راستچىللىق، ۋاپادارلىق، نومۇسچانلىق ۋە باشقىمۇ ئېسىل ئەخلاقلارنى ئىماننىڭ بىر پارچىسى، ئىنساننىڭ تاكامۇللىقى قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق ئەدەپ - ئەخلاققا، ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا سىلە - رەھىم قىلىشقا، ھايۋانلارغا رەھىم قىلىشقا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلدى ۋە ئەمەلىيەتتە تەتبىقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، كۆرەلمەسلىك، دۈشمەنلىك ۋە بارلىق يامان ئەخلاقلاردىن، ناچار قىلىقلاردىن يىراق بولۇشقا چاقىردى ۋە ئۆزىمۇ يىراق بولدى.  بۇ يامان ئەخلاقلاردىن كېلىپ چىققان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدى.

8- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام- ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بىلەن - كىشىلەرنى ئەقىل ئىشلىتىشكە، بىلىم ئىلىشقا، كائىناتنى كەشىپ قىلىشقا، يېڭىلىقلارنى ئېچىشقا تەشەببۇس قىلدى. ۋەبۇ ئىشلارنى ساۋاپلىق ئەمەللەر قاتارىدا سانىدى. بۇ دەل باشقا ھازارەتلەردە ئىلىم- پەن ۋەكائىنات توغرىسىدا سۆز ئاچقان مۇتەپەككۇر ئالىملار ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۇرمىلارغا تاشلىنىپ قاتتىق ئازابلىناتتى ۋە نەتىجىسىدە ئۆلۈمگە مەھكۇم بولاتتى. (ياۋروپادا گالىلې گالىلو يەرشارىنى يومىلاق دەپ ئېلان قىلغىنى سەۋەبلىك چېركاۋ زوراۋانلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان چاغلاردا، ئىسلام دۇنياسىدا ئىبنى رۇشدى، خارەزمى، ئىبنى ھەيسەم، فارابى، ئىبنى سىنا قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەر بىرى مېدىتسىنا، جۇغراپىيە، خېمىيە، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە، ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىلىم - پەنلەرگە تۇنجى بولۇپ ئۇل سالغان ۋە دۇنياغا ئېلان قىلغان كىشىلەر بولۇپ تونۇلغان ئېدى.- تەرجىمان -)

9- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتىگە تامامەن مۇۋاپىق كېلىدىغان، ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىدىغان، ئىنسانىي ھەۋەسلىرىنى -باشقا دىنلارغا ئوخشاش - بوغۇپ قويماستىن، مەلۇم پرىنسىپلار ئاستىدا قاندۇرىدىغان، روھ بىلەن نەپىس ئىككىسىنىڭ ئىستەكلىرىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى مۇناسىپ ھالدا ھەل قىلىدىغان، مەدەنىيەتلىك، ئىلغار ۋە ھەر قانداق ئەسىرنىڭ شارائىتىغا، يۈكسەك تەرەققىياتىغا تولۇق ماسلىشىدىغان بىر دىننى ئېلىپ كەلدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ دىن ئىلىم- پەن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىكى بىلىم ئادەملىرىنىڭ ئىزدىنىش ماۋزۇسى ۋە كۆڭۈل ھەۋىسى بولۇپ كەلمەكتە . باشقا قەۋملەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ھازارەتلىرىدە بولسا ئىنسانلارنى، ئىنسانلىق تەبىئىتىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىشلارغا يېتەكلىگەن. ئىبادەتكە قىزىققانلارنى ئۇلارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى بولغان توي قىلىشتىن ۋەزۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتەك ئىنسانىي تەبىئىى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرغان . زالىمغا قارشى تۇرماسلىققا تەشەببۇس قىلغان. نەتىجىدە مەزكۇر مەدەنىيەت ۋە ھازارەتنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دىنىنىڭ تەلىماتلىرىدىن يۇز ئۆرۈگەن. ھەمدە پەقەت نەپسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدىغان ئەمما روھنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلالمايدىغان ماددىي ئالەمگە چۆكۈپ كەتكەن .

10- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  پۈتۈن دۇنياغا ئىنسانىي قېرىنداشلىقنىڭ ئەڭ ئۆچمەس ئۈلگىلىرىنى تەقدىم قىلدى. ئۇ «ئىنسانلار خۇددى تاغاقنىڭ چىشلىرىغا ئوخشاش ھەممە بىردەك باراۋەردۇر»دېگەن ئۆلمەس شوئارنى ياڭرىتىپ چىقىش بىلەن ھەق - ھوقۇقتا، ھۆرمەتتە، دىنىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەشتە پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئوخشاش ۋە باراۋەر ئىكەنلىكىنى، ئاق تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى، ئىنسانلىقتا ھەممە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلدى. ئارتۇقچىلىق پەقەت ئىمان ۋە تەقۋالىقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.  ئىنسانلار ھەقىقىي ئىنسانىي قېرىنداشلىقنىڭ ھۇزۇر- ھالاۋىتىنى  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ سايىسىدا تېتىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىنغا خىزمەت قىلىش ۋەئۇنىڭغا مەنسۇپ بولۇشتا ھەممە ساھابىلىرىغا ئوخشاش پۇرسەت بەردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رىملىق سۇھەيب، ئىرانلىق سەلمان، ھەبەشىستانلىق بىلال قاتارلىقلار ئەرەب قېرىنداشلىرى بىلەن بىر سەپتە خىزمەت قىلغان. ئۇلار باشقا پۈتۈن مىللەتلەرگە ئۈلگە بولغان ھالدا تا ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ نامى  تىللاردا داستان بولماقتا، روھلىرى دىللاردا يادلانماقتا .

ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن ۋە مۆمىنلەرنى ئىماندا مۇستەھكەم قىلسۇن . ئامىن ...

ئاخىرىدا : يۇقىرىدىكى 10 نۇقتىنىڭ ھەر بىرىنى دەلىللەر ئارقىلىق تەپسىلى بايان قىلىش كېرەك ئىدى چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان تۆھپىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ھەممىنى بۇ قىسقا ماقالىدا بايان قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ . ئوقورمەنلەر بۇ ماۋزۇدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن رەھمەت پەيغەمبىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش پروگراممىسىنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلسا بولىدۇ .

بەت ئادرېسى : www.mercyprophet.com

ئاللاھنىڭ رەھمىتى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى پەيغەمبەرلەرگە، ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋەتابىئىنلەرگە، تا قىيامەتكىچە رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدا ماڭغانلارغا بولسۇن.


 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top