زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان تەسىرى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان تەسىرى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 15/1/1431ھـ 2009-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا زەھەرلىك چېكىملىك ۋە مەست قىلغۇچى ماددىلارنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان زېيىنى، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زېيىنى ھاراققا نىسبەتەن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكى، زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ۋاستلىق ياكى ۋاستىسىز شۇغۇللانغۇچى كىشىلەرنىڭ ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن بۇ رەزىل قىلمىشتىن قەتئى قول ئۇزۇشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-01-07
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/263657
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان تەسىرى
331 KB
: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان تەسىرى.doc
2.
زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان تەسىرى
162.3 KB
: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان تەسىرى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان تەسىرى

 

2010-يىلى 01-ئاينىڭ 01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە،  "گۇناھ ۋە جىنايەتنىڭ جازاسى جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىنىڭ جەمئىيەتكە ۋە شەخسكە يەتكۈزگەن زىيىنىنىڭ ئېغىر-يەڭگىللىكىگە ئاساسەن بولىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كاپىر بولغانلارغا ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى دىنىدىن) توسقانلارغا ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئۈچۈن ئازاب قىلىمىز». [سۈرە نەھل 88-ئايەت].

شەخس ۋە جەمئىيەتكە زىيىنى ئەڭ چوڭ بولغان، ساھىبنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلارنىڭ بىرى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە مەس قىلغۇچى ماددىلارنى ئىستىمال قىلىشتۇر. بۇ يولغا كىرىپ ۋە ئادەتلىنىپ قالغان كىشى ئاقىۋەتتە ۋەيران بولىدۇ. ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە بۇ كېسەللىك يامرايدىكەن، بۇ جەمئىيەتتە يامانلىق ئومۇملىشىدۇ، تۈرلۈك بۇزۇقچىلىق، ئەخلاقسىزلىق، گۇناھ-مەسىيەت، بالا-قازالار بارلىققا كېلىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن ئەقىللىق، دانىشمەن ئىسلاھاتچىلارمۇ مەزكۇر ئىشلارنى توسۇشقا چارە قىلالمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھاراقنى ئىستىمال قىلىشتىن يىراق تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ بارلىق رەزىللىكلەرنىڭ مەنبەسىدۇر.» [ھاكىم رىۋايىتى]. زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زېيىنى ھاراققا نىسبەتەن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىلەر بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان نۇرغۇن زىيانلىق تەرەپلىرى بار.

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئۈندۈرۈلگەن ياكى دورا شەكىلدە ياسالغان ياكى يېمەك-ئىچمەك شەكىلدە ئىستىمال قىلىنىدىغان ياكى يىڭنە ئارقىلىق ياكى پۇراش ئارقىلىق كەيىپ قىلىنىدىغان ھەممە تۈرلىرىنى ھارام قىلغان. ئىسلام شەرىئىتى ھەرقانداق ھالەتتە زەھەرلىك چېكىملىك ئىستىمال قىلىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ. زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلەنگەن كىشى ئۆزىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ھاياتىنى ۋەيران قىلغاندىن سىرت، ئىنسانلىق تەبىئىتىدىن ۋەھشىيلىككە ئۆزگىرىدۇ. ئۇنداق كىشىدىن ھېچقانداق ياخشىلىق ئۈمىت قىلىنمايدۇ. خەلقئارادىكى بىلىم ئىگىلىرى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز زىيىنىنى كۆرگەندىن كېيىن جەمئىيەتنى بۇ زىياندىن قۇتقۇزۇپ قىلىشنى دۇنياغا مۇراجىئەت قىلدى.

زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلەنگەن كىشى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەقلىنى يوقىتىدۇ، ئەدەپ-ئەخلاقتىن چەتنەپ، رەزىللىك-جىنايەت يوللىرىغا قەدەم قويىدۇ، ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى تەرك قىلىدۇ، زېيىنى كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شەيتان ئۇنى پەزىلەتتىن يىراقلاشتۇرۇپ، رەزىللىككە يېتەكلەيدۇ. ئۇنداق كىشىدە توغرا كۆز قاراش بولمايدۇ، ئامانەت ۋە ئىشەنچنى يوقىتىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك ئۇ كىشىنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىتىنى بۇزۇۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئائىلىسى ۋە مەھرەملىرى، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ياكى خىزمەتلىرىدە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئادەتلەنگەن ئىنسان ھېچقانداق كىشىگە مەنپەئەت يەتكۈزەلمىگەندىن سىرت كىشىلىك جەمئىيەتكە يۈك بولىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىدە بىرەر كەسىپ قىلىش، پۇل-مال توپلاش، ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيىلەشتەك غايە ۋە نىشانلار بولمايدۇ، ئەكسىچە پۇل-مالنى بۇزۇپ-چېچىپ، جىنايى قىلمىشلارنى كەسىپ قىلىپ زەھەرلىك چېكىملىككە سەرپ قىلىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا ئەرلىك غۇرۇرىنى يوقىتىپ ئەر-ئايال دەپ ئايرىماستىن بۇزۇقچىلىق قىلىشقا مايىل بولىدۇ.

زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانلىرىدىن بىرى: زەھەرلىك چېكىملىككە گىرىپتار بولغان كىشىگە تائەت-ئىبادەت قىلىش ئېغىر كېلىدۇ، ياخشى كىشىلەرنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىدىن يىراقلىشىدۇ، ئىبادەت، زىكىردىن قاچىدۇ، ئاسىيلىق، جىنايەتنى ياخشى كۆرىدۇ، رەزىل ۋە ناچار كىشىلەرنى ياقتۇرىدۇ، ئۇلار بىلەن ئۈلپەتلىشىدۇ ۋە ئۇلارغا شەيتان يېتەكچى بولىدۇ، رەھمەت پەرىشتىلىرى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ-دە، نەتىجىدە جەھەننەمگە لايىق بولىدۇ. مادامىكى ئاللاھقا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بارىكەن، تەۋبىگە ئالدىرىشى لازىم. ئەگەر تەۋبە قىلماستىن داۋاملاشتۇرسا ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ھاراققا، ئىچكۈچىگە، قۇيۇپ بەرگۈچىگە، ئىشلەپ چىقارغۇچى،ئىشلەپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغۇچى، يەتكۈزۈپ بەرگۈچى، يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغۇچى، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىغا لەنەت قىلدى، ئاللاھ تائالا  بىر رۇمكا ھاراق ئىچكەن كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ھاراق ئىچكەنلەرنى قىيامەت كۈنى دوزاخ ئەھلىنىڭ تەر ۋە يىرىڭلىرى بىلەن سۇغۇرۇش ۋە  ئازابلاش ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر.» [تەبەرانى رىۋايىتى].

زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەت جەھەتتە ھاراقتىن چوڭ بولغاچقا، ھاراق ئىچىشتىن چەكلىگەن ۋە بۇنىڭغا بېكىتىلگەن جازالارنىڭ ھەممىسى زەھەرلىك چېكىملىككىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. بۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان زېيىنى؛ جەمئىيەتتە رەزىللىك، پاھىشە ۋە تۈرلۈك بۇزۇقچىلىق يامرايدۇ، ئائىلىلەر ۋەيران بولىدۇ، پىتنە-پاسات، بالا-قازالار ئومۇملىشىدۇ، نەتىجىدە ئىنساننى، ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن ياشاشتىن مەھرۇم قىلىدۇ.

ئىنسانى شەيتانلار زەھەرلىك چېكىملىك تېرىش ۋە ئىشلەپ چىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك مەقسىتىگە يېتىدۇ. بىرىنچى: جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلىشىغا ئاساس سىلىپ، كىشىلەرنى ھايۋانلارچە ئوي-پىكىرسىز ياشاشقا ئىلىپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىككىنچى: شۇ ئارقىلىق ھارامدىن پۇل-مال توپلاش.

زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق توپلىغان پۇل-ماللار نېمىدېگەن رەزىل-ھە! بۇ يول ئارقىلىق تاپقان پۇلدا ياخشىلىق ياكى بەرىكەتمۇ بولمايدۇ.

زەھەرلىك چېكىملىك كىشىلەر قەلبىنى بۇزىدۇ، ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ كىشىلىك تۇرمۇشتا خارلىق، نۇمۇسسىزلىققا سەۋەپ بولغاندىن سىرت نەسلىنىڭ ئۈزۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

ئى زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئىنسان! سەن ئۆزۈڭنى ۋە جەمئىيەتنى ۋەيران قىلىپ، ئۆز مىللىتىڭ پەرزەنتلىرىنى زەھەرلەپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشىڭ بىلەن توپلىغان مال-دۇنيانىڭ ساڭا نېمە پايدىسى بار؟!. سەن ئۆزۈڭنى ئىنسان دەپ قارايدىغان بولساڭ بەلكىم مىللەتنىڭ كېلىچىكى بولغان ياش قىز-يىگىتلەرنىڭ ئىستىقبالىغا ئولتۇرمىغان بولاتتىڭ. ئۇنىڭ ئەكسىچە دىنى ۋە غۇرۇرۇڭ بىلەن ياشاشقا ئىنتىلگەن بولاتتىڭ. ھېلىھەم كېچىكمەيسەن، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ مىللەتنىڭ ساپاسىنى چۈشۈرىدىغان، ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان رەزىل قىلمىشىڭدىن قول ئۈزگىن. ئاللاھ سېنى ۋە بىزنى بۇ پىتنىدىن سالامەت قىلسۇن.

قېرىنداشلار! ئاللاھغا تەۋبە قىلايلى، كىشىلەرنى ياخشىلىققا يېتەكلەشتە ئۈلگە بولايلى، ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى يامانلىققا يېتەكلەشكە سەۋەپ بولۇپ قالمايلى، مىللىتىمىز ئىچىدىن زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئىچىملىككە گىرىپتار بولغان قىز-يىگىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن مەغپىرەت ۋە ھىدايەت تىلەيلى. ئاللاھنىڭ دىنىغا قايتىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش، ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقارمايلى. مىللەتنىڭ دىنى ۋە مىللى تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئىمانى بۇرچى ۋە دىنى ۋە مىللى ئىسلاھاتنىڭ جىددى تەقەززاسىدۇر.

جانابى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 6 )
Go to the Top