هل تصح صلاة التسابيح؟

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: هل تصح صلاة التسابيح؟
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هل ورد حديث يؤيد صلاة التسابيح ؟ إذا كان الجواب بنعم ، فما هو مصدره ؟.
تأريخ الإضافة: 2010-01-05
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/263379
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
تەسبىھ نامىزى ئوقۇش دۇرۇس بولامدۇ؟
474.5 KB
فتح: تەسبىھ نامىزى ئوقۇش دۇرۇس بولامدۇ؟.doc
2.
تەسبىھ نامىزى ئوقۇش دۇرۇس بولامدۇ؟
115.5 KB
فتح: تەسبىھ نامىزى ئوقۇش دۇرۇس بولامدۇ؟.pdf
نبذة موسعة

 

تەسبىھ نامىزى ئوقۇش دۇرۇس بولامدۇ؟

 

14320- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

تەسبىھ نامىزى ئوقۇشنى كۈچلاندۇرىدىغان ساغلام ھەدىسلەر بايان قىلىنغانمۇ؟ ئەگەر بايان قىلىنغان بولسا، بۇ ھەدىسلەرنىڭ مەنبىيىنى قانداق بىلىمىز؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

جاۋاپ :

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

تەسبىھ نامىزى ئوقۇش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن ھەدىس بايان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ھەدىسنى بەزى ھەدىس تەتقىقاتچىلىرى ھەسەن(يەنى ھۆججەتلىككە يارايدىغان) دېگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ھەدىسشۇناس ئالىملار بۇ ھەدىسنى زەئىپ(ئاجىز ھۆججەتكە يارىمايدۇ)  دېگەن قاراش بىلەن شەرىئەتتە بۇ نامازنى ئوقۇش بۇيرۇلمىغانلىقىنى كۇچلاندۇرىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتىدىن بۇ ناماز توغرىسىدا سورالغاندا، ئۆلىمالار بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:

تەسبىھ نامىزى ئوقۇش دىندا ئەسلى يوق بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ توغرىدا سۆزلەنگەن ھەدىسلەر بېكىتىلگەن ھەدىسلەردىن ئەمەس بەلكى ئىنكار قىلىش تىگىشلىك ھەدىسلەردىن بولۇپ، بەزى ئالىملار بۇ ھەدىسلەرنى توقۇلما ھەدىسلەردىن دەپ قارىغان.

(پەتىۋا كومىتېتى توپلاملىرى8-توم 163-بەتكە قارالسۇن ).

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين مۇنداق دېگەن: تەسبىھ نامىزى ئوقۇش شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان . بۇ توغرىدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر زەئىپ بولۇپ، ئىمام ئەھمەد بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھۆججەتكە يارىمايدىغانلىقىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ مەزكۇر نامازنى ئوقۇش توغرا ئەمەس دېگەن . شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مەزكۇر ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ : " بۇ توقۇلما ھەدىس بولۇپ بۇرۇنقى ئىماملاردىن ھېچبىرى بۇ نامازنى ئىبادەت دەپ قارىمىغان ". ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ سەمىمىيىتىگە رەھمەت قىلسۇن . بۇ ناماز توغرىسىدا ئازراق پىكىر قىلغان كىشى بۇ نامازنىڭ سۈپەتلىرى، قانداق ئادا قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە ھېچبىر ئۇچرىمايدىغان ئىشلارنى كۆرىدۇ . ئەگەر بۇ نامازنى ئوقۇش شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان بولسا ئېدى، مەزكۇر نامازنىڭ ئەجرى ۋە پەزىلىتىنىڭ يۇقىرىلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ نۇرغۇن كىشىلەردىن رىۋايەت قىلىنغان بولاتتى . يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئىللەتلەر تۇپەيلىمۇ بۇ نامازنىڭ ساغلام ئىبادەت ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىش مۇمكىن. بۇ نامازدىكى ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش، ھەدىستە بۇ نامازنى كۈندە بىر قېتىم ياكى ھەپتىدە بىر قېتىم ياكى ئايدا بىر قېتىم ياكى يىلدا بىر قېتىم ياكى ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ ئوقۇش بايان قىلىنغان، بۇ، مەزكۇر ھەدىسنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . ئەگەر تەسبىھ نامىزى ئوقۇش يولغا قويۇلغان بولسا ئېدى دائىم ئوقۇشقا بۇيرىلاتتى ۋە كىشىلەر ئۈچۈن بۇنداق پەرقلىق شەكىلدە ئىختىيارلىق بېرىلمىگەن بولاتتى . شۇنىڭغا ئاساسەن ئەقىل ئىگىسى بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ نامازنى سۈننەت دەپ ئېتىقات قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

مىنارۇل ئىسلام پەتىۋالار توپلىمى 1- توم  203- بەتكە قارالسۇن

ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.


 

 


 

 


 

 


 

 

Go to the Top