آداب الكلام مع النساء

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: آداب الكلام مع النساء
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: سمعت حكماً يتعلق بإباحة كلام الرجل مع المرأة في الحالات التالية فهل هذا صحيح:
الحالات هي :أن يسأل عن حال أسرتها والأغراض الطبية وفي البيع والشراء ولسؤالها للتعرف عليها عند الزواج وللدعوة إلى الإسلام فهل هذا صحيح وما الدليل؟
تأريخ الإضافة: 2009-12-14
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/260424
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
قىز-خانىملار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى
496 KB
فتح: قىز-خانىملار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى.doc
2.
قىز-خانىملار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى
122.9 KB
فتح: قىز-خانىملار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى.pdf
نبذة موسعة

 

قىز-خانىملار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى

 

1497-نومۇرلۇق سوئال

ئەرلەرنىڭ يات قىز-خانىملار بىلەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ھالەتلەردە، يەنى ئائىلە ئەھۋالى، سودا-سېتىق ئىشلىرى، توي قىلىدىغان قىزلار بىلەن تونۇشۇشى ئۈچۈن بەزى سوئاللارنى سورىشى ۋە ئىسلامغا دەۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا، ئەھۋال سوراپ پاراڭلىشىشى دۇرۇس بولىدۇ دېگەنگە ئالاقىدار ھۆكۈمنى ئاڭلىدىم، بۇ ساغلام كۆز قاراشمۇ؟ ئەگەر مەزكۇر ھۆكۈم توغرا بولسا ئۇنىڭ دەلىلى نېمە؟.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھغا خاستۇر.

ئەرلەرنىڭ يات قىز-خانىملار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن شەرىئەتتە بىرقانچە شەرتلەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ شەرتلەر تۆۋەندىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ.» [ئەھزاب 53-ئايەتنىڭ بىر قىسمى]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، (نازاكەت بىلەن سۆز قىلساڭلار) دىلىدا نىفاق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ (يەنى پىسق-پۇجۇر تەمەسىدە بولۇپ قالىدۇ)، گۇماندىن خالى ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار.» [ئەھزاب سۈرىسى32-ئايەت]. ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: "يەنى قىز-خانىملار ئەرلەرگە نازلانغان قىياپەتتە سۆزلىمەسلىكى كېرەك. ئاللاھ ئۇلارنى تەمكىنلىك بىلەن سۆزنى ئايرىپ قىلىشقا بۇيرىدى، يەنى ئۇلارنىڭ سۆزنى كەسكىن، ئىخچام قىلىشى، غىلجىڭلىق قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى  قەلبتە ئالاقە قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھالەتتە بولماسلىقى كېرەك. شۇ دەۋرىدىكى ئەرەب ئاياللىرى ئەرلەر بىلەن سۆزلەشكەندە، ئىنچىكە ئاۋازدا نازلىنىپ سۆزلەيتتى. بۇ ئىستىلى بۇزۇق، ئەخلاقسىز ئاياللارنىڭ سۆزلەش ئۇسلۇبىغا ئوخشاش بولۇپ قالغانلىقتىن، پاك ئاياللارنىڭ ئۇلارغا ئوخشاپ قىلىشى چەكلەنگەن.

ئايەتتىكى «ياخشى سۆز» دېگەن جۈملە، توغرا سۆزلەش دېگەنلىك بولۇپ، بۇنى شەرىئەت پرىنسىپى ۋە ئىنسان تەبىئىتىمۇ ئىنكار قىلمايدۇ. قىز-خانىملارنىڭ يات ئەرلەر بىلەن سۆزلەشكەندە  پەس ئاۋازدا سۆز قىلىشى، ۋارقىراپ-جارقىراپ قوپال سۆزلەرنى قىلماسلىقى تەۋسىيە قىلىنىدىكەنۇ، ئېرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە تېخىمۇ ئەدەپ بىلەن سۆزلەش ۋاجىپ بولىدۇ.  

يات قىز-خانىملار بىلەن سۆزلىشىش مەلۇم سەۋەپتىن بولۇپ، سوئالغا جاۋاپ بېرىش، سادا-سېتىق قىلىش ياكى ئائىلە ساھىبىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە باشقا ئىشلار بولۇپ، بۇ جەرياندا سۆزنى قىسقا قىلىش، سۆزنىڭ ماۋزۇسى ۋە ئۇسلۇبىدا شەكلىنىش بولماسلىق كېرەك.

يۇقىرىدا ئەرلەرنىڭ يات قىز-خانىملار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى بىلدۈرىدىغان بىرقانچە تۈرلۈك ئىشلارنى مىسال ئۈچۈن بايان قىلدۇق. ھەر قانداق ئەركەك يات قىز-خانىملار بىلەن سۆزلەشكەندە شەرىئەت بېكىتكەن شەرتلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ھەتتا دىنى تەشۋىقات، سوئالىغا جاۋاپ بېرىش، سودا-سېتىق قىلىش قاتارلىق جەريانلاردىمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

جانابى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

موضوعات متعلقة ( 1 )
Go to the Top