قىز-خانىملارنىڭ تار كىيىملەر بىلەن ناماز ئوقۇشى توغرىمۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: قىز-خانىملارنىڭ تار كىيىملەر بىلەن ناماز ئوقۇشى توغرىمۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: قىز- خانىملارنىڭ ئىشتان ياكى تار كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇشى توغرىمۇ؟، شەرىئەتنىڭ ئاياللارغا ناماز ئۈچۈن بېكىتكەن كىيىم پاسونى بارمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.  
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-12-01
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/256059
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
قىز-خانىملارنىڭ تار كىيىملەر بىلەن ناماز ئوقۇشى توغرىمۇ؟
516.5 KB
: قىز-خانىملارنىڭ تار كىيىملەر بىلەن ناماز ئوقۇشى توغرىمۇ؟.doc
2.
قىز-خانىملارنىڭ تار كىيىملەر بىلەن ناماز ئوقۇشى توغرىمۇ؟
137.2 KB
: قىز-خانىملارنىڭ تار كىيىملەر بىلەن ناماز ئوقۇشى توغرىمۇ؟.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

قىز-خانىملارنىڭ تار كىيىملەر بىلەن ناماز ئوقۇشى توغرىمۇ؟

 

32993-نومۇرلۇق سوئال

قىز- خانىملارنىڭ ئىشتان ياكى تار كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇشى توغرىمۇ؟، شەرىئەتنىڭ ئاياللارغا ناماز ئۈچۈن بېكىتكەن كىيىم پاسونى بارمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.  

 بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

شەرىئەتنىڭ قىز- خانىملار ئۈچۈن نامازدا كۆرسەتكەن كېيىم پاسونى ئۇلارنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى قولىدىن باشقا بارلىق ئەزالىرىنى يۆگەيدىغان، بەدەن شەكىللىرىنى ئىپادىلىمەيدىغان كەڭرى، ئازادە كىيىمدۇر.

نامازدا قىز- خانىملارنىڭ كىيىملىرى ھەممە بەدىنىنى يۆگەيدىغان بولۇشىنىڭ شەرت قىلىنىشىنىڭ دەلىلى: ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇئەنھا قىز- خانىملارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان كىيىملىرى توغرىسىدا سورالغىنىدا: «قىز- خانىملار بېشىغا ياغلىق چىگىپ پۈتۈن بەدىنىنى تاپىنىغىچە يۆگەيدىغان ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ ناماز ئوقۇيدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 639-ھەدىس]. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بالاغەتكە يەتكەن قىزلارنىڭ ياغلىق بىلەن باشلىرىنى ئوراپ ئوقۇغان نامىزىنى ئاللاھ قوبۇل قىلىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇدتا 641-ھەدىس، تىرمىزى(377)، ئىبنى ماجە(655)ھەدىسلەردە رىۋايەت قىلغان. ئەلبانىي سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا(7747) سەھىھ ھەدىس دېگەن].

قىز- خانىملارنىڭ كىيىمى يۈزىدىن باشقا بارلىق بەدىنىنى يۆگەيدىغان بولىشى مۇھىم بولۇپ، ئۆلىمالار ئۇلارنىڭ نامازدا ئىككى ئالقىنى بىلەن قەدىمىنى يۆگەشنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى.  كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئىككى ئالقىنىنى يۆگەشنى پەرھىز ئەمەس دەپ قارىدى. ئىمام ئەھمەد بۇ توغرىدا ئىككى خىل قاراشتا بولدى. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە يۆگەش پەرھىز ئەمەس دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئەڭ كۈچلۈك كۆز قاراشتۇر.

قىز- خانىملارنىڭ نامازدا ئىككى قەدىمىنى يۆگەشنى مالىكىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب كۆز قارىشىدىكى كۆپچىلىك ئالىملار پەرھىز دېگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى يۇقىرىدىكى قاراشنى كۈچلاندۇرغان ئاساستا پەتىۋا چىقارغان(6178).

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: خانىم-قىزلارنىڭ نامازدا يۈزىدىن باشقا ھەممە بەدىنى ئەۋرەت ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئالقىنى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس، بەزىلەر يۆگەشنى پەرز دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ئوچۇق قويۇشقا رۇخسەت قىلغان. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىك بار. ئالىملارنىڭ ئىختىلاپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۆگەش ياخشىدۇر. ئەمما كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بويۇنچە قىز- خانىملارنىڭ نامازدا ئىككى قەدىمىنى يۆگىشى ۋاجىپتۇر. ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 10-توم 410-بەت.

ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، سۇپيانى سەۋرى ۋە مۇزنى قاتارلىقلار قىز- خانىملار نامازدا ئىككى قەدىمىنى يۆگىمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە مىرداۋىي قاتارلىقلارمۇ بۇ كۆز قاراشنى تاللىدى.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن شەرھى مۇمتىئ ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-توم 161-بىتىدە "بۇ مەسىلە توغرىسىدا بۇ يەردە كەسكىن روشەن دەلىل يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى تەيمىيە ئەركىن ھۆر ئاياللارنىڭ ھەممە بەدىنى ئەۋرەت، ئەمما ئۆيىدە ئوچۇق قويىدىغان يۈزى، ئىككى ئالقىنى ۋە ئىككى قەدىمى ئەۋرەت ئەمەس دېگەن قاراشتا بولغان دەپ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئاياللار ئۆيىدە كۆينەك كىيەتتى، ھەممە ئاياللارنىڭ ئىككى-ئۈچ قۇردىن كىيىمى بولمايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىسى ئايلىق ئادەت كۆرۈپ، كۆڭلىكىگە قان يۇقۇپ قالسا، بۇنى يۇيۇۋېتىپ شۇ كۆينەكتە ناماز ئوقىۋېرەتتى، ئۇلارنىڭ ئىككى ئالقىنى ۋە ئىككى قەدىمى نامازدىمۇ ۋە باشقا ۋاقىتتىمۇ ئەۋرەت ھېسابلانمايتتى. شۇنىڭغا ئاساسەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا بۇ يەردە ئىنساننىڭ كۆڭلى قانائەت تاپقۇدەك دەلىل يوق. مەنمۇ بۇنىڭدا ئىبنى تەيمىيەنىڭ قارىشىغا قوشۇلىمەن. كەسكىن قىلمىساقمۇ بۇنى ئىشنىڭ توغرىسى دەپ قارايمەن. قىز- خانىملار نامازدا ھەرقانچە ئۇزۇن كىيىم كىيسىمۇ سەجدە قىلغاندا قەدەملىرى ئېچىلىپ قالىدۇ. مۇغنىي(1349)، ئەلمەجمۇئ(3171)، بەدائىئ سەنائىئ(5121)، ئەل ئىنساپ(1452)، ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار توپلىمى(22114) قاتارلىق ئەسەرلەرگە قارالسۇن".

ئەگەر  قىز- خانىملارنىڭ كىيىمى نىپىز بولۇپ بەدىنى ئىپادىلىنىپ قالسا، تېرىسىنىڭ رەڭگى مەلۇم بولۇپ قالسا، بۇ بەدەننى يۆگەيدىغان كىيىم ھېسابلانمايدۇ. ئىمام نەۋەۋىي رەۋزەتۇت تالىبىين ناملىق ئەسىرى 1-توم 284-بەتكە، ئەلمۇغنىي 2-توم 286-بەتكە قارالسۇن.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئەھلىدىن مەن تېخى كۆرمىگەن ئىككى تۈرلۈك كىشى بولۇپ: يوغان ۋە ئۇزۇن قامچىلىرى بىلەن ئىنسانلارنى قورقۇتىدىغان ياكى ئۇرىدىغان كىشىلەر،(بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ياللانما ساقچى ۋە لەشكەرلەردىن ئىبارەت. لەشكەرلەر ئۆز ۋاقتىدا قامچىلىرى بىلەن قورقۇتسا ھازىر قوراللىرى بىلەن مىللىتىنى قورقۇتىۋاتىدۇ.-مۇھەررىر-) يەنە بىرى، كۆرۈنۈشكە كىيىم كيىگەن ھەقىقەتتە يالىڭاچ ئاياللاردۇر...» [مۇسلىم رىۋايىتى 2128-ھەدىس].

بۇ ھەدىستىكى (كۆرۈنۈشكە كىيىم كيىگەن ھەقىقەتتە يالىڭاچ ئاياللاردۇر) دېگەن سۆزنى ئىمام نەۋەۋىي ئەل مەجمۇئ ناملىق ئەسىرىدە(43998) بەدىنىنىڭ رەڭگىنى سۈپەتلەپ بېرىدىغان نىپىز كىيىم كىيگۈچىلەردىن ئىبارەت دېگەنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىبنى ئابدۇلبەر ئەتتەمھىيد ناملىق ئەسىرىنىڭ 13-توم 204-بىتىدە: "ھەدىستىكى (كۆرۈنۈشكە كىيىم كيىگەن ھەقىقەتتە يالىڭاچ ئاياللاردۇر) دېگەن سۆزدىن بولغان مەقسەت، بەدىنىنىڭ رەڭگىنى سۈپەتلەپ بېرىدىغان نىپىز كىيىم كىيگۈچى ئاياللار بولۇپ، ئۇلار ئىسىمدا كىيىم كىيگۈچى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يالىڭاچ ھېسابلىنىدۇ".

كىيىمنىڭ كەڭرى-ئازادە بولىشىنىڭ دەلىلى: ئۇسامە ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىگە دىھيەتۇل كەلبى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىيە قىلغان نىپىز پاختا كىيىمنى ماڭا كەيدۈرۈپ قويدى، مەن ئۇنى ئايالىمغا كەيدۈرۈپ قويدۇم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەندىن: ھىلىقى پاختا رەختتىن توقۇلغان كىيىمنى كىيمەمسەن؟ دەپ سورىغانىدى، مەن: ئايالىمغا كەيدۈرۈپ قويدۇم دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئايالىڭغا ئېيتقىن ئۇ كىيىمنىڭ ئىچىگە ئىچ كىيىمى كىيىۋالسۇن، ئۇ كىيىم نىپىز، ئۇنىڭ بەدەن شەكلىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ قويىدۇ دېدى.» بۇ ھەدىسنى بەيھەقىي سۇنەنۇن كۇبرا ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-توم 234-بەتتە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن. بۇ ھەدىسكە ئاساسەن خانىم-قىزلارنىڭ تار بەدەن پىگورلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان تار شىم ۋە ئىشتانلارنى كىيىشى توغرا ئەمەس.(ئەمما ئابايىلارنىڭ ئىچىگە كىيىشى بۇ ئايرىم ئىشتۇر.)

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ: "گەرچە بۇ شىم (پادىچى ئىشتىنى) كەڭرى-ئازادە بولسىمۇ توغرا ئەمەس، چۈنكى بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىشتان ئەسلىدە ئەرلەرنىڭ كىيىدىغان كىيىمىدۇر. ئىبنى ئۇسەيمىن رىسالىلىرى ۋە پەتىۋالار توپلىمى 12-توم 286-بەت.

مەزكۇر كىيىملەر بىلەن ئوقۇلغان ناماز (گەرچە كىيىش چەكلەنگەن تار كىيىم بىلەن بولسىمۇ) دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ بىلەنمۇ ئەۋرەتنى يېپىش دېگەن شەرت ھاسىل بولدى.

شەيخ سالىھ پەۋزان مۇنداق دەيدۇ: ئىنسان بەدىنىدىكى ئەزالارنى ، ئاياللارنىڭ بەل كاسىلىرى، پىگورلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ بوغۇم  شەكىللىرىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ بېرىدىغان تار كىيىملەرنى كىيىش توغرا ئەمەس. بۇنداق تار كىيىملەرنى ئەرلەرنىڭمۇ ۋە ئاياللارنىڭمۇ كىيىشى توغرا ئەمەس. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ كىيىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئاياللار بۇنداق كىيىملەرنى كىيىشى بىلەن پىتنىگە سەۋەبچى بولىدۇ.

بۇ شەكىلدىكى كىيىملەرنى كىيىپ  ناماز ئوقۇش مەسىلىدە، ئىنسان تار كىيىملەر بىلەن ناماز ئوقۇغان بولسا، ئەۋرىتى يىپىلغانلىقتىن ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ. لېكىن تار كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇغانلىقىغا گۇناھكار بولىدۇ، چۈنكى ئۇ تار كىيىم كىيىش بىلەن نامازنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن قىز- خانىملارنىڭ بۇنداق كىيىملەرنى كىيىشى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلمايدىغان، نىپىزلىكىدىن بەدەن شەكىللىرى-پىگورلىرىنى ئىپادىلىمەيدىغان، پۈتۈن بەدىنىنى يۆگەيدىغان كەڭرى-ئازادە كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك. ئەلمۇنتەقا شەيخ پەۋزان پەتىۋالار توپلىمى 3-توم 454-بەت.  

ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 9 )
Go to the Top