چوڭ گۇناھتىن تەۋبە قىلىش توغرىسىدا

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: چوڭ گۇناھتىن تەۋبە قىلىش توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن شەيتاننىڭ كەينىگە كېرىپ دىنىمىزدا چەكلەنگەن گۇناھنى ئىشلەپ سالدىم. مەن ھازىر ئىشلىگەن قەبىھ قىلمىشىمغا تەۋبە قىلىشنى خالايمەن. قۇرئان كەرىمدىكى نۇر سۈرىسىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، مەندە ئىپپەتلىك، نومۇسىنى ساقلىغان مۇسۇلمان قىز بىلەن نىكاھلىنالمايدىكەنمەن دېگەن چۈشەنچە پەيدا بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-10-24
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/248609
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
چوڭ گۇناھتىن تەۋبە قىلىش توغرىسىدا
427.5 KB
: چوڭ گۇناھتىن تەۋبە قىلىش توغرىسىدا.doc
2.
چوڭ گۇناھتىن تەۋبە قىلىش توغرىسىدا
91.7 KB
: چوڭ گۇناھتىن تەۋبە قىلىش توغرىسىدا.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

چوڭ گۇناھتىن تەۋبە قىلىش توغرىسىدا

 

624-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن شەيتاننىڭ كەينىگە كېرىپ دىنىمىزدا چەكلەنگەن گۇناھنى ئىشلەپ سالدىم. مەن ھازىر ئىشلىگەن قەبىھ قىلمىشىمغا تەۋبە قىلىشنى خالايمەن. قۇرئان كەرىمدىكى نۇر سۈرىسىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، مەندە ئىپپەتلىك، نومۇسىنى ساقلىغان مۇسۇلمان قىز بىلەن نىكاھلىنالمايدىكەنمەن دېگەن چۈشەنچە پەيدا بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟، مېنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنىم، جانابى ئاللاھنىڭ مېنى دوزاخ ئوتىدا ئازابلىشىنى يەڭگىللىتىشى ئۈچۈن دۇئادا بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن.

جاۋاب:

بارچە ھەمدۇ-سانا ئۇلۇغ ئاللاھقا خاستۇر.

1- جانابى ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ. قۇرئان كەرىم سۈرە زۇمەر 53-ئايىتىنى ئوقۇڭ ۋە تەپەككۇر قىلىڭ. جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

2- سىز تەۋبىڭىزنى خالىس نىيەت بىلەن جانابى ئاللاھقا يۈزلىنىپ تەۋبە قىلىڭ. سىزنى ھارام ئىشلارغا ئىلىپ بارىدىغان ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن يىراق بولۇڭ، ياخشى ئەمەل گۇناھلارنى يۇيۇپ تاشلايدۇ.

3- سىز ئىشلىگەن گۇناھلىرىڭىزغا چىن دىلىڭىزدىن تەۋبە قىلغان بولسىڭىز، سىزدىن زىناخور دېگەن نام ئېلىپ تاشلىنىدۇ ۋە پاك، ئىپپەتلىك مۇسۇلمان قىز بىلەن نىكاھلىنالايسىز.

4- مۆمىننىڭ ھېممىتى ۋە ئۈمىدى ئۈستۈن بولۇشى كېرەك، ئۇ پەقەت جانابى ئاللاھتىن دوزاخنىڭ ئازابىنى يەڭگىلىتىشنى تەلەپ قىلماستىن بەلكى دوزاخ ئوتىدىن ئازات قىلىشىنى سورىشى لازىم.

مۇسۇلمان ياخشى سالىھ ئەمەللەرنى قىلش ئارقىلىق ئۆزىدىن سادىر بولغان گۇناھلارغا تەۋبە ئىستىغپار ئېيتىپ، جانابى ئاللاھتىن جەننەتكە بولۇپمۇ "پىردەۋسۇل ئەئلا"غا كېرىشىگە مۇيەسسەر قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىشى كېرەك.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.

 

Go to the Top