ئاياللار رامزاندا ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق تەييارلاش جەريانىدا ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەك؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاياللار رامزاندا ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق تەييارلاش جەريانىدا ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەك؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: شاراپەتلىك رامزان ئېيىدا قىلىش ياخشى كۆرۈلىدىغان ۋە ساۋابى زىيادە بولىدىغان ئەمەللەردىن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋىتىنى كۆپ قىلىش، كۆپ زىكىر ئېيتىش، ئىستىغپار ئېيتىش ۋە كېچىدە ناماز ئوقۇشتىن ئىبارەت ئەمەللەرنى ياخشى بىلىمەن. مېنىڭ كۈندىلىك ئەمىلىم بولغان ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق تەييارلاش، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش جەريانىدا قايسى زىكىر ۋە دۇئالارنى داۋاملاشتۇرسام پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلغانلاردىن ھېسابلىنىمەن؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-10-03
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/235308
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئاياللار رامزاندا ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق تەييارلاش جەريانىدا ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەك؟
500 KB
: ئاياللار رامزاندا ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق تەييارلاش جەريانىدا ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەك؟.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاياللار رامزاندا ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق تەييارلاش جەريانىدا ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەك؟

 

65875-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

شاراپەتلىك رامزان ئېيىدا قىلىش ياخشى كۆرۈلىدىغان ۋە ساۋابى زىيادە بولىدىغان ئەمەللەردىن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋىتىنى كۆپ قىلىش، كۆپ زىكىر ئېيتىش، ئىستىغپار ئېيتىش ۋە كېچىدە ناماز ئوقۇشتىن ئىبارەت ئەمەللەرنى ياخشى بىلىمەن. مېنىڭ كۈندىلىك ئەمىلىم بولغان ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق تەييارلاش، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش جەريانىدا قايسى زىكىر ۋە دۇئالارنى داۋاملاشتۇرسام پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلغانلاردىن ھېسابلىنىمەن؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

سىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئايدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولغانلىقىڭىز ۋە بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىڭىزگە جانابى ئاللاھ ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

سىز يۇقىرىدا زىكىر قىلغان ياخشى ئەمەللەردىن سېرىت يەنە: سەدىقە قىلىش، مىسكىنلەرگە تائام بېرىش، ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىش، مۇمكىن بولسا ئاخىرىدا ئېتىكاپ قىلىش قاتارلىقلارمۇ بار، سىز تاماق تەييارلىغاچ ئېيتىدىغان سۆزلەردىن: تەسبىھ، تەھلىل، تەكبىر، ئىستىغپار، دۇئا، ئەزان ئوقۇلغاندا مۇئەززىننىڭ سۆزىنى تەكرارلاش قاتارلىقلار بولۇپ، تىلىڭىز دائىم ئاللاھنى يادىتىش بىلەن ھەرىكەتلىنىپ تۇرسۇن، سىز ئېيتىدىغان ئازغىنە سۆزلەر ئارقىلىق ئېرىشىدىغان كۆپ ساۋاپلارنى غەنىمەت بىلىڭ. سىزنىڭ ھەر بىر ئېيتقان تەسبىھلىرىڭىز (يەنى سۇبھان ئاللاھ) بىر سەدىقە، ھەر بىر تەھمىدىڭىز(يەنى ئەلھەمدۇلىللاھ) بىر سەدىقە، ھەر بىر تەكبىرىڭىز(ئاللاھۇ ئەكبەر) بىر سەدىقە، ھەر بىر تەھلىلىڭىز(لا ئىلاھە ئىللەللاھ) بىر سەدىقە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ دىنىڭلاردا، ھەر سەھەردە ھەر بىرىڭلارغا قارىتا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك سەدىقە باردۇر. ھەر بىر تەسبىھ (سۇبھانەللاھ) سەدىقە، ھەر بىر ھەمدە (ئەلھەمدۇلىللاھ)سەدىقە، ھەر بىر تەھلىل(لائىلاھە ئىللەللاھ) سەدىقە ۋە ھەر بىر تەكبىر(ئاللاھۇ ئەكبەر) سەدىقە ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇش سەدىقە، يامانلىقتىن توسۇش سەدىقىدۇر. چاشكا ۋاقتىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش بولسا يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ.»[بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تىلغا يەڭگىل، تارازىدا ئېغىر، مېھرىبان ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك ئىككى كەلىمە سۆز بار، ئۇ بولسىمۇ:" سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى"جانابى ئاللاھ ھەمدۇ-ساناغا ئەڭ لايىقتۇر ۋە  بارچە ئەيىب-نۇقساندىن پاكدۇر"، سۇبھانەللاھىل ئەزىم"جانابى ئاللاھ پاك ۋە ئۇلۇغدۇر  دېگەن كەلىمىلەردۇر.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىپ (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى) "جانابى ئاللاھ ھەمدۇ-ساناغا ئەڭ لايىقتۇر ۋە  بارچە ئەيىب-نۇقساندىن پاكدۇر دېسە"، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتە بىر خورما دەرىخى تىكىلىدۇ.» [ تىرمىزى رىۋايەت قىلغان].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەستەغپۇرۇللاھەللەزى لا ئىلاھە ئىللا ھۇۋەلھەييۇلقەييۇم ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھى(ئى ئاللاھ! سەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن، مەڭگۈ ھايات، قۇدرەتلىك زاتتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇ ئاللاھغا تەۋبە قىلىمەن)دېسە ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. گەرچە ئۇ كىشى جەڭدىن قېچىشتەك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يەر يۈزىدىكى قايسى بىر مۇسۇلمان گۇناھ ۋە تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈشكە دۇئا قىلمىسىلا، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن تىلىگىنىگە باراۋەر بىر يامانلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ» دېگەن ئىدى، كىشىلەر ئارىسىدىن بىرى: ئۇنداقتا بىز دۇئانى كۆپ قىلساق بولغىدەك دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ نېمىتى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپتۇر» دېدى.[تىرمىزى رىۋايەت قىلغان].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، مۇئەززىنغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ دېگىنىنى دەڭلار، ئاندىن ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار. كىمكى ماڭا بىر دۇرۇت ئېيتسا، ئۇ بىر دۇرۇت سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون رەھمەت ئاتا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھدىن مەن ئۈچۈن ۋەسىلە سوراڭلار. ئۇ ۋەسىلە جەننەتتىكى بىر شەرەپلىك ئورۇن بولۇپ، ئۇ ئورۇن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا بەندىگە بېرىلىدۇ، مەن شۇ بەندىنىڭ مەن بولۇپ قېلىشىمنى ئارزۇ قىلىمەن. كىمكى ماڭا ئاللاھدىن شۇ ئورۇننى سورىسا ئۇنىڭغا مەن چوقۇم شاپائەت قىلىمەن.» [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەزاننى ئاڭلىغاندا" ئى مۇشۇ مۇكەممەل چاقىرىقنىڭ ۋە ئادا قىلىنغۇچى نامازنىڭ رەببى ئاللاھ! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەسىلە ۋە پەزىلەتنى بەرگىن ۋە ئۇنى سەن ۋەدە قىلغان، ماختىلىدىغان مەرتىۋىگە يەتكۈزگىن"دېسە، ئۇنىڭغا مەن چوقۇم قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىمەن.» [بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان].

ئاللاھ تائالا بىز ۋە سىزگە پايدىلىق ئىلىم ئاتا قىلىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلسۇن.

جانابى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 6 )
Go to the Top