مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەك

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەك
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 6/10/1430ھـ 2009-يىلى09-ئاينىڭ25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا مۇسۇلماننىڭ رامزان ئېيىدىن كېيىنمۇ تائەت-ئىبادەتتە بوشاشماستىن ۋە سۇسلۇق قىلماستىن داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ لازىملىقى، رامزان ئېيىدا ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئاللاھ باشقا ئايلاردىمۇ ئىبادەت قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-10-01
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/234657
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەك
340.5 KB
: مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەك.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەك

 

2009-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۇنبەرگە چىقىپ ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاپ جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە چەكسىز شۈكۈر ئېيتىش كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم سىلەرگە ئاشكارا-يوشۇرۇن نېمەتلەرنى بېرىشكە قادىر بولالمايدۇ ۋە ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم سىلەرگە كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن سىلەرنى قوغدىيالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر.» نەھلى سۈرىسى 53- ئايەت.

ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئاتا قىلغان كاتتا نېمەتلىرىنىڭ بىرى پەرز ئەمەللەر بولۇپ، بۇ ئەمەللەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبى پاكلىنىدۇ، نەپسى تاۋلىنىدۇ ۋە تەربىيىلىنىدۇ، مەرتىۋىسى يۇقىرى بولىدۇ، ياخشىلىقلىرى زىيادە بولىدۇ، دائىم نېمەتلىنىدىغان  مەڭگۈلۈك جەننەتتە ئۇلارنى ئاللاھغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھارام ئىشلاردىن، نەپسىنى زالالەتكە يۈزلەندۈرۈدىغان ئاسىيلىقتىن، ساھىبىنى خار قىلىدىغان، دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ۋە ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان، ھازىر ياكى كىيىن ئازابقا دۇچار قىلىدىغان، دائىملىق ئازابنىڭ ئورنى بولغان جەھەننەمدە جازالىنىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلەشتەك نېمەتلەرگە مۇيەسسەر قىلدى.

تائەت-ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان ئىتائىتى جانابى ئاللاھقا ھېچقانداق مەنپەئەت يەتكۈزمەيدۇ. شۇنىڭدەك گۇناھ-مەسىيەت ئۆتكۈزگۈچى ئاسىيلارنىڭ گەردەنكەشلىكىمۇ جانابى ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە داغ تەككۇزەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ (يەنى ھەر ئادەم قىلغان گۇناھىغا ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ)، ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر» سۈرە زۇمەر7-ئايەت.

مۇسۇلمانلار رامزان ئېيىنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن ياخشىلىق ۋە بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرىنى يۇقىرى قىلىدۇ، قەلبلىرىنى پاكلايدۇ. رامزاندا ۋە ئۇنىڭ غەيرىدە ئاخىرقى ھاياتىغىچە دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا دەۋەت قىلغۇچى، دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچى كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى كاتتا بولىدۇ. مۇسۇلمان دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن ئىنتىلىۋاتقان نەرسىلىرىگە ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنسىرەۋاتقان يامانلىقتىن ساقلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، "پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر" دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: "قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر" دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: "قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر" دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: "قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر" دەيدۇ.» سۈرە پۇسسىلەت 30، 31، 32-ئايەتلەر.

سۇپيان ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «يا رەسۇلۇللاھ! ماڭا ئىسلامدا پايدىلىق بولغان بىر سۆزنى ئېيتىپ بەرسىلە، بۇ سۆزنى سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ گۇۋاھلىق بەرگىن، كىيىن شۇ سۆزۈڭدە مۇستەھكەم تۇرغىن دېدى».

ئىماننىڭ تەمىنى تېتىغان، رامزان ۋاقىتلىرىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىش بىلەن لەززەت تاپقان، ھەر تۈرلۈك ياخشىلىق يوللىرىغا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئىقتىساد سەرپ قىلغان قېرىندىشىم! قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشنى ئاسىيلىققا ئالماشتۇرماڭ، مەڭگۈلۈك جەننەتتىكى ھاياتلىقنى غەپلەتتە ياشاپ دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق راھىتىگە تىگىشىۋەتمەڭ. شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىڭ. شەيتان رامزاندا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، قويۇۋېتىلگەندىن كىيىن مۇسۇلمانلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق شەيتاننى ئۆزىڭىزدىن يىراق قىلىڭ. قۇرئاننىڭ ھۆكمىگە تولۇق ئەمەل قىلسىڭىز، ئاخىرەتنىڭ خارلىقىدىن ساقلىنىسىز، قۇرئانغا ئەمەل قىلىش بىلەن ئاللاھ سىزنىڭ مەرتىۋىڭىزنى يۇقىرى قىلىدۇ. سۈننەتكە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق مۇھسىن كىشىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان نېمەتلەرگە ئېرىشىسىز. ياخشىلىقتىن كىيىن يەنە ياخشى ئىش قىلىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش نېمىدېگەن گۈزەل ئىش-ھە!. ئۇنىڭ ئەكسىچە تائەت-ئىبادەتتىن كىيىن چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش نېمىدېگەن ئۇياتسىزلىق ۋە ناچار ئەخلاق-ھە!. ياخشىلىقتىن كىيىن قىلىنغان ياخشىلىققا ساۋاپ ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى زىيادە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ.» سۈرە مۇھەممەد 17 -ئايەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە (يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا) ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر.» سۈرە ھۇد 114- ئايەت. مۇئاز  رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەيەردە بولساڭ ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلغىن، خاتالىقتىن كىيىن ياخشى ئىش قىلساڭ، ياخشىلىقىڭ خاتالىقىڭنى ئۆچۈرىدۇ. كىشىلەر بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن». ياخشىلىقتىن كىيىن سادىر بولغان خاتالىق ياخشى ئەمەلنى بىكار قىلىپ ساھىبىنى ساۋابتىن مەھرۇم قىلىدۇ ياكى چوقۇم قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ.

ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەر ئالتە ئاي ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ رامزان ئېيىغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلسا، يەنە ئالتە ئاي رامزاندا قىلغان ئىبادىتىنىڭ قوبۇل بولىشىنى تىلەپ دۇئا قىلاتتى. بىشىرىل ھاپىي رەھىمەھۇللاھقا بىرى: "بەزى كىشىلەر رامزاندا تىرىشىپ ئىبادەت قىلىدۇ، رامزاندىن كىيىن ئىبادەتنى تەرىك قىلىدۇ دېگەندە، ئۇ كىشى: ئۇلار رامزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاللاھنى تونۇمايدىغان ناچار كىشىلەر  ھېسابلىنىدۇ" دېگەن.

بارلىق ئايلارنىڭ پەرۋەردىگارى بىر بولۇپ، مۇسۇلمانلار ھەر ۋاقىت ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھغا يېقىنلىشىدۇ.

ئى ئىنسانلار! دۇنيا مەڭگۈ تۇرىدىغان جاي ئەمەس.  دۇنيانىڭمۇ يوقىلىشى ۋە ئاخىرلىشىشى نېمىدېگەن تىز-ھە!. ئىسمى بەرىكەتلىك بولغان ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ قا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى.» سۈرە يۈنۈس 45-ئايەت. بۇ دۇنيانىڭ مىقدارى ئۇلار قەبىرلىرىدە تۇرۇپ قەبرىدىن قىيامەت مەيدانىغا چىققۇچىلىك ۋاقىت بولۇپ بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ (ئۇلارغا): «زېمىندا قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ.» سۈرە مۆئمىنۇن 112-ئايەت. ئىنساننىڭ ئۆلۈمدىن بۇرۇنقى ھايات مۇددىتى بولسا، ئۇ ۋاقىتنى ئىنسان ئۆزى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ، ھاياتى ئاخىرلاشقاندا ئۆتكەن ھاياتىنىڭ ناھايىتى قىسقا ئاز ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بەرزەخ ھاياتى بولسا (ئىنسان قەبرىگە دەپنە قىلىنىپ قىيامەت مەيدانىغا چىققۇچىلىك بولغان ۋاقىت) ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ ئۇنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىم بىلمەيدۇ. ئىنسانلار قەبرىدىن قوزغىتىلغاندا بۇ ۋاقىتنىڭمۇ بەك قىسقا ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

قېرىنداشلار قالغان ھاياتىڭلارنى ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتى ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈچۈن تەقدىم قىلىڭلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاخىرەت ھاياتىغا نىسبەتەن دۇنيا ھاياتى بەك قىسقىدۇر». سىلەر ئۈچۈن ئۆتكەن ھاياتتىن زور ئىبرەت ئېلىشىڭلار مۇمكىندۇر. تۈنۈگۈنكى نەرسىلەر بۈگۈندىن بىھاجەت قىلالمايدۇ، بۈگۈنكى نەرسىلەر ئەتىدىن بىھاجەت قىلالمايدۇ. سىلەردىن بۇرۇنقى كىشىلەرمۇ ئۆزلىرىگە بىرىلگەن دۇنيا نېمەتلىرىدىن بەھرى ئالدى ۋە مەنپەئەتلەندى. نەتىجىدە بۇ نېمەتلەر يوقۇلۇپ قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرى قالدى.

مۇسۇلمان مېھرى شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە جەننەت نېمەتلىرىنى ئۈزۈپ قويىدىغان، دەرتلىك ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. ئىنساننى نەپسى تۈرلۈك ناچار ئىشلارغا، بىدئەت-خۇراپاتلارغا، چەكلەنگەن شەھۋەت، ئازدۇرغۇچى شۈبھە، ھارام مال، ئاخىرەتتىن توسۇپ قويىدىغان دۇنيا، پەرز ئەمەللەرگە سەل قاراشقا يېتەكلەيدۇ. يۇقۇرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەننەتنىڭ يوللىرىنى ئۈزۈپ قويىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزاندا روزا تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ». ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭغا مۇلاقات بولغىنىڭغا قەدەر (ئۆز ئىشىڭدا) سەئيى - ئىجتىھات قىلىسەن (يەنى ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن)، نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ، نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ، (ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال - خۇرام قايتىدۇ، نامە - ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم، «ۋاي دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)، دوزاخقا كىرىدۇ.» سۈرە ئىنشىقاق 6- ئايەتتىن  12- ئايەتكىچە.          

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى رامزاندا ھاسىل قىلىنغان روھى ئۆزۈقىمىزدىن كېلەر يىلى رامزانغا قەدەر يېتەرلىك پايدىلىنىشىمىزغا، بوشاشماستىن ياراتقۇچىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى ياخشىلاپ، ئۇ زاتتىن كىلىدىغان نۇسرەت ۋە زەپەرلەرنى قولغا كەلتۇرۇشكە شارائىت ھازىرلاشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

 

 

 

Go to the Top