ينبغي للصائم أن يحرص على السحور ولو كان قليلاً

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: ينبغي للصائم أن يحرص على السحور ولو كان قليلاً
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: كثيراً ما نسمع عن السحور في شهر رمضان المبارك ، ونسمع في الأحاديث التي تلقى في المساجد أن السحور بركة ، لكننا أحياناً لا نشتهي السحور بسبب العشاء المتأخر ونترك هذه البركة . فهل علينا إثم في ذلك؟
تأريخ الإضافة: 2009-09-17
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/233102
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
روزا تۇتقۇچى ئازراق بولسىمۇ سوھۇرلۇق يېيىشى كېرەك
493.5 KB
فتح: روزا تۇتقۇچى ئازراق بولسىمۇ سوھۇرلۇق يېيىشى كېرەك.doc
نبذة موسعة

 

روزا تۇتقۇچى ئازراق بولسىمۇ سوھۇرلۇق يېيىشى كېرەك

 

130209-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

رامىزان ئېيىدا سوھۇرلۇق يېيىشنىڭ پەزىلىتى ۋە بەرىكىتى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەرنى ئاڭلىدۇق، لېكىن بىز بەزى ۋاقىتلاردا كەچلىك تاماقنى كېيىنرەك يىگەنلىكىمىز ئۈچۈن سوھۇرلۇق يېيىشنى كۆڭلىمىز تارتمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بەرىكەتنى تەرك قىلىمىز، بىزگە بۇنىڭ گۇناھى بولامدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

ھەقىقەتەن سوھۇرلۇق يېيىش سۈننەت ۋە ئاللاھغا يېقىنلىشىدىغان ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى سوھۇرلۇق يېيىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «سوھۇرلۇق يەڭلەر، شۈبھىسىزكى سوھۇرلۇقتا بەرىكەت باردۇر.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ تۇتقان روزىمىز بىلەن ئەھلى كىتابلار يەنى يەھۇدىي-ناسارالارنىڭ تۇتقان روزىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق سوھۇرلۇق يېيىش بىلەن ئايرىلىدۇ.» پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ سوھۇرلۇق يەيتتى، سوھۇرلۇق يېيىش پەرز ئەمەس بەلكى سۈننەت بولۇپ، سوھۇرلۇق يېمىسە گۇناھ بولمىسىمۇ لېكىن سۈننەتنى تەرك قىلغان بولىدۇ. ئازراق بولسىمۇ سوھۇرلۇق يېيىش كېرەك. ئاسان ھەزىم بولىدىغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش كېرەك. بىر قانچە تال خورما ياكى بەزى يېمەكلىك بىلەنمۇ بولىدۇ ياكى تاماقنى كۆڭلى تارتمىسا ئازراق سۈت ياكى مېۋە-چېۋە ياكى سۇ ئېچىۋەتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن سوھۇرلۇقنى تەرك قىلماسلىق كېرەك. سوھۇرلۇق يېيىشتە بەرىكەت بولۇپ، روزا تۇتقۇچىنىڭ كۈندۈزلۈك ئىشلىرىنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا ياردەمچى بولىدۇ. روزا تۇتقۇچى ئازراق بولسىمۇ سوھۇرلۇق يېيىشى كېرەك. مۇسۇلمانلار ئازراق بولسىمۇ سوھۇرلۇق يەپ بۇ بەرىكەتنى زايا قىلىۋەتمەسلىكى لازىم.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

 

موضوعات متعلقة ( 4 )
Go to the Top