رامزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلارغا قانداق نەسىھەت قىلىمىز؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلارغا قانداق نەسىھەت قىلىمىز؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: رامزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلار بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولىمىز؟ ئۇلارنى روزا تۇتۇشقا دەۋەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇللار قايسى؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-08-31
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/231869
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
رامزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلارغا قانداق نەسىھەت قىلىمىز؟
589 KB
: رامزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلارغا قانداق نەسىھەت قىلىمىز؟.doc
2.
رامزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلارغا قانداق نەسىھەت قىلىمىز؟
127.5 KB
: رامزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلارغا قانداق نەسىھەت قىلىمىز؟.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

رامزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلارغا قانداق نەسىھەت قىلىمىز؟

  

50745-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

رامزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلار بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولىمىز؟ ئۇلارنى روزا تۇتۇشقا دەۋەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇللار قايسى؟

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

رامزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتۇشقا دەۋەت قىلىش، ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش، روزىغا سەل قاراپ كۆڭۈل بۆلمەيدىغان كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش زۆرۈر بولۇپ بۇ تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن بولىدۇ:

1- رامزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلارغا، رامزاندا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، روزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك سۆزىدە بايان قىلغىنىدەك: «كىمكى رامزاندا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. ئۇلارغا روزا تۇتقۇچىلارغا بېرىلىدىغان كاتتا ساۋاپلارنى سۆزلەپ بېرىش كېرەك. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ روسۇلىغا ئىشەنسە، ناماز ئوقۇسا، رامىزان روزىسىنى تۇتسا،  ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلسا ياكى جىھادنى نىيەت قىلىپ ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرىدە تۇرسا ھەقىقەتتە ئاللاھ ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى: بۇ خوش-خەۋەرنى كىشىلەرگە يەتكۈزەيلىمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن جەننەتتە يۈز ئالى ئورۇن بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئورۇنلارنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلىدى، ھەر ئىككى ئورۇننىڭ ئارىلىقى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك كېلىدۇ، ئاللاھدىن بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭلار پىردەۋس ئاتلىق جەننەتنى سوراڭلار، چۈنكى ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئالىيسىدۇر، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئاللاھنىڭ ئەرشى بار، جەننەتنىڭ ئېرىق-ئۆستەڭلىرى ئۇنىڭدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.» [بۇخارى رىۋايەت قىلغان]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئەززەۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ: روزا مەن ئۈچۈندۇر، بەندەم مەن ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك ۋە شەھۋىتىنى تاشلىدى، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى ئۆزۈم بىرىمەن. رامزان روزا تۇتقۇچىلارغا قالقان بولىدۇ، روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن قوش خۇرسەنلىك بولۇپ بىرى ئىپتار قىلغاندا يەنە بىرى ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئۇچراشقاندا بولىدۇ، روزا تۇتقۇچىنىڭ ئېغىزىنىڭ پۇراقلىرى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا مىسكى-ئەنبەرنىڭ پۇرىقىدىن خۇش بۇي بولىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]. بۇ مەنادىكى ھەدىسلەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىشى ۋە رامزاننىڭ پەزىلىتى، روزا تۇتقۇچىنىڭ مەرتىۋىسى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈشى لازىم.

3- ئۇلارنى روزا تۇتمىغانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ بۇنىڭ چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئەبى ئۇمامە ئىبنى باھىلى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «مەن ئۇخلاۋاتسام، چۈشۈمدە ئىككى كىشى كېلىپ مىنىڭ بىلىكىمدىن تۇتۇپ مىنى قورقۇنۇچلۇق بىر تاغنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ ماڭا تاققا چىققىن دېدى، مەن: چىقالمايمەن دېسەم، ئۇلار بىز ساڭا ياردەم بىرىمىز دېدى،  مەن تاققا يامىشىپ چىقىپ تۈزلەڭلىككە يەتكەندە قاتتىق ئاۋازلارنى ئاڭلىدىم، ئۇلاردىن بۇ نېمە ئاۋاز؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: بۇ دوزاخ ئەھلىنىڭ نالە-پەريادى دېدى، ئۇنىڭدىن كىيىن مىنى تاغ يولىدا كىكىرتەكلىرىدىن ئېسىلىپ قويۇلغان، جاۋغايلىرى يىرتىلغان، ئېغىزلىرىدىن قان ئېقىپ تۇرغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلدى،  ئۇلار كىم؟ دەپ سورىسام، ئۇلار رامزاندا روزا تۇتۇپ ۋاقىتتىن بۇرۇن ئىپتار قىلغۇچىلار دەپ جاۋاپ بەردى.» [ئىبنى خۇزەيمە ۋە ئىبنى ھەببان رىۋايەت قىلغان]. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ: "بۇ رامزاندا روزا تۇتۇپ ۋاقىت توشۇشتىن بۇرۇن قەستەن ئىپتار قىلغانلارنىڭ جازاسى، ئەمما پەقەت روزا تۇتمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ دېگەن. ئاللاھ بىزنى دۇنيا-ئاخىرەتتە تىنىچ-خاتىرجەم قىلسۇن.

4- روزا تۇتۇشنىڭ يەڭگىل-ئاسان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدىغان خۇرسەنلىك، رازىلىقنى، كۆڭۈل خاتىرجەملىكنى، قەلبنىڭ راھىتىنى ۋە رامزاندا كىچە-كۈندۈزدە قۇرئان ئوقۇش ۋە ناماز ئوقۇشتىن ھاسىل بولىدىغان ئىبادەتنىڭ لەززەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش كېرەك.

5- ئۇلارنى بەزى دىنى دەۋەت سورۇنلىرىغا ئىلىپ بېرىش، روزا تۇتۇش، رامزاننىڭ مۇھىملىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزاندىكى ئەھۋالى توغرىسىدىكى بەزى كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىش كېرەك.

6-  ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىش ۋە دەۋەت قىلىشتىن زېرىكمەستىن، ئۇلارغا مۇلايىملىق بىلەن چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ توغرا يولغا يۈزلىنىشى ۋە خاتالىقلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن دۇئا قىلىش كېرەك.

ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.  

 

يەنە قاراڭ ( 1 )
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 16 )
Go to the Top