زاكاتنى قەرزدار ۋە خىزمەتچىگە (توي قىلىۋېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ) بەرسە بولامدۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: زاكاتنى قەرزدار ۋە خىزمەتچىگە (توي قىلىۋېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ) بەرسە بولامدۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: خىزمەتچى بولسىمۇ قەرزدار بولسا ئۇ كىشىگە زاكات بەرسە بولامدۇ؟، مېنىڭ توي قىلمىغان بىر ئىنىم بولۇپ، ئۇ يېڭىدىن خىزمەتكە چىقتى، ئايلىق مائاشىدىن باشقا كىرىمى يوق، توي قىلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكات ئايرىغان پۇلدىن بەرسەم بولامدۇ؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-07-24
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/227834
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
زاكاتنى قەرزدار ۋە خىزمەتچىگە (توي قىلىۋېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ) بەرسە بولامدۇ؟
496.5 KB
: زاكاتنى قەرزدار ۋە خىزمەتچىگە (توي قىلىۋېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ) بەرسە بولامدۇ؟.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

زاكاتنى قەرزدار ۋە خىزمەتچىگە (توي قىلىۋېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ) بەرسە بولامدۇ؟

 

133007- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

خىزمەتچى بولسىمۇ قەرزدار بولسا ئۇ كىشىگە زاكات بەرسە بولامدۇ؟، مېنىڭ توي قىلمىغان بىر ئىنىم بولۇپ، ئۇ يېڭىدىن خىزمەتكە چىقتى، ئايلىق مائاشىدىن باشقا كىرىمى يوق، توي قىلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكات ئايرىغان پۇلدىن بەرسەم بولامدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: گەرچە خىزمەتچى بولسىمۇ قەرزى بولۇپ تۆلەشكە قادىر بولالمىسا، ئۇنىڭغا زاكات مېلىدىن بەرسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىمۇ زاكات بېرىش دۇرۇس بولىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھ نىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھ نىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » تەۋبە سۈرىسى 60- ئايەت.

ئەگەر يېنىدا قەرزنى ئادا قىلغۇدەك پۇل-مىلى بولسا ئۇ كىشىنىڭ زاكات ئىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ.

ئىككىنچى: توي قىلىشنى مەقسەت قىلغان، ئىسراپ قىلمىغان ئاساستا تۇرمۇش خىراجىتىدىن قىسىلغان كىشى بولسا، ئۇ كىشىگە زاكات مېلىدىن بەرسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىمۇ زاكات ئىلىشى دۇرۇس بولىدىغان پىقىرلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيندىن: "بىر كىشى يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي تېپىشقا لايىق كەسىپ قىلالايدىكەن، توي قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ لېكىن توي خىراجىتىگە يەتكۈدەك ئىقتىسادى يوق ئىكەن، ئۇ كىشىنىڭ تويىنى زاكات مىلى بىلەن قىلىپ قويسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: بولىدۇ، ئۇ كىشىنى زاكات مېلىدىن سەرپ قىلىپ، مېھرى ھەققىگە يەتكۈدەك پۇل بېرىپ ئۆيلەپ قويساق دۇرۇس بولىدۇ".

پېقىرغا زاكات مېلىدىن بېرىپ ئۆيلەپ قويۇشنىڭ دۇرۇس بولۇشتىكى سەۋەب نېمە؟ بىر كىشىگە كۆپ بەرسە بولامدۇ؟ دەپ سورالغىنىدا، مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: "ئىنساننىڭ توي قىلىشقا بولغان ھاجىتى بەزى ۋاقىتتا يېمەك-ئىچمەككە بولغان ھاجىتىگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئالىملار، باشقا بىرىگە نەپىقە قىلىشى ۋاجىپ بولغان كىشى ئىقتىسادى يېتىشسە ئۇنى ئۆيلەپ قويۇشى كېرەك، ئوغلى توي قىلىش يېشىغا يەتسە يېنىدا توي قىلغۇدەك ئىقتىسادى بولمىسا دادىسىنىڭ ئۇنى ئۆيلەپ قويۇش مەجبۇرىيىتى بار. بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق دەۋرىنى ئۇنتۇپ، پەرزەنتلىرى تويىنى قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلسا تەر تۆكۈپ پۇل تېپىپ توي قىلىڭلار دەيدىكەن، بۇنداق دېيىش توغرا ئەمەس، پەرزەنتىنى ئۆيلەپ قويۇشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ ئۆيلەپ قويماسلىق ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. قىيامەت كۈنى ئوغلى ئاتىسى ئۈستىدىن ئاللاھغا شىكايەت قىلىدۇ". (ئىسلام ئاساسلىرى پەتىۋا توپلىمى 440- بەت).

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتىدىن، ئىپپىتىنى ساقلاش ئۈچۈن توي قىلىشنى مەقسەت قىلغان ياشقا زاكات بېرىش دۇرۇسمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئۆرپ ئادەتتە ئىسراپچىلىق بولمىغان ھالەتتە توي قىلغۇدەك ئىقتىسادى  بولمىغان كىشىگە، زاكات بېرىش دۇرۇس بولىدۇ".

پەتىۋالار توپلىمى10-توم 17-بەت.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 5 )
Go to the Top