أمانة الله [ تربية الأولاد ]

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: أمانة الله [ تربية الأولاد ]
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ علي بن عبد الرحمن الحذيفي24/7/1430هجري، وتحدث فضيلته عن الأمانة التي أودعها الله لبني آدم ووعد الذي أعد الله من أحسن في أدائها ووعيد من فرط في هذه الأمانة ومنها رعاية الأولاد وتربيتهم وغيرها من الأمور التي تتعلق بحياة الاجتماعية الإنسانية .
تأريخ الإضافة: 2009-07-20
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/226591
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىگە يۇكلىگەن ئامانىتى
381.5 KB
فتح: ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىگە يۇكلىگەن ئامانىتى.doc
نبذة موسعة

 

 

ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىگە يۇكلىگەن ئامانىتى

 

2009-يىلى 07- ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە يۈكلىگەن ئامانىتى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى: ئامانەت ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەر ئۈستىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتتۇر. بارلىق مەخلۇقاتلارنى سىنايدىغان ۋە تەكشۈرىدىغان ئىمتىھانلارنىڭ بىرىدۇر. ئامانەتنى تولۇق ئادا قىلغان كىشى كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ. سەل قارىغان ۋە زايا قىلىۋەتكەن كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تىگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى (يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭ (ئېغىرلىقى) دىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر. (مەزكۇر ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئاللاھ ئازابلايدۇ، (مەزكۇر ئامانەتكە رىئايە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، (ئاللاھ مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر .» ئەھزاپ سۈرىسى 72- 73 ئايەت. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا پەرز قىلىنغان ئامانەتنى تولۇق ئادا قىلغانلارغا ساۋاپ، زايا قىلىۋەتكەنلەرگە ئازاپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە، ئىختىيارى ھالەتتە ئامانەتنى ئاسمان-زېمىنغا، تاغلارغا تەڭلىدى، ئۇلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۇلۇغلاپ، ئامانەتنى زايا قىلىۋېلىشتىن قورقۇپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەم ئەلەيھىسسالامغا تەڭلىگەنتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىكى جاپا-مۇشەققەتنى بىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدى». ئامانەت بولسا ئاللاھنىڭ ۋە بەندىلەرنىڭ ھوقۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنسانلار ئۈستىدىكى ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا ھوقۇقى ئاللاھنى بىر بىلىشتۇر. (يەنى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن خالىس ئىبادەت قىلىشتۇر.) يەككە-يىگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلغان كىشى شېرىكتىن ساقلىنىپ جەننەتكە كېرىدۇ. ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەن ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھ تىن غەيرىنى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» مائىدە سۈرىسى 7 2 - ئايەت.

پەرزەنتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان ساغلام پرىنسىپ ئۇستىدە يېتىلدۈرۈش، بارلىق ياخشىلىققا باشلاپ، يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا-ئانىلار ئۇستىگە يۈكلەنگەن بۈيۈك ئامانەت ۋە كاتتا پەرزلەرنىڭ بىرىدۇر . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا - چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھ نىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ » تەھرىم سۈرىسى 6- ئايەت. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيىتىڭلار دائىرىسىدە سورىلىسىلەر، يول باشچى ئەتراپتىكى كىشىلەرگە مەسئۇل بولۇپ ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئائىلە باشلىقى ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇپ ئۆز ئائىلىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۆيىگە مەسئۇل بولۇپ ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن سوئال قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ مال-مۈلكىگە مەسئۇل بولۇپ ئۇمۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە سوئال قىلىنىدۇ». پەرزەنتلەر ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىندۇر. ئۇلار ئاتا-ئانىنىڭ ھاياتىغا مەدەت بولۇپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان، زېمىننى گۈللەندۈرىدىغان، ئىزباسارلارنى قالدۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىر-بىرىگە مېھرى-شەپقەت قىلىدىغان، كۆيۈنىدىغان ھەمكارلىق ئاستىدىكى بىر جەمئىيەت شەكىللىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئاللاھ سىلەر (نىڭ ئۇنى - ئۈلپەت ئېلىشىڭلار) ئۈچۈن خوتۇنۇڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئۇلار باتىلغا (يەنى بۇتلارغا) ئىشىنىپ ئاللاھ نىڭ نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلامدۇ؟ » نەھلى سۈرىسى 72 - ئايەت.

مۇسۇلمان ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئامانەتكە كۆڭۈل بۆلسە، ئۇلارنى توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان قىلىپ تەربىيىلىسە، ياخشى ئىشلارنى ياقتۇرۇپ قىلىدىغان، يامان ئىشلارنى ئۆچ كۆرۈپ يىراقلىشىدىغانغا ئادەتلەندۈرسە بۇ ئۇلار ئۈچۈنمۇ، ئاتا-ئانىسى ۋە جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ چوڭ ئۇتۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. سەھىھ مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: « ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى توختايدۇ، پەقەت ئۈچ تۈرلۈك ئەمىلى داۋاملىشىدۇ، يەنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى قىلىدىغان سالىھ پەرزەنت، مەنپەئەتلىك ئېلىم ۋە داۋاملىشىپ تۇرىدىغان سەدىقىلەردىن ئىبارەت» دېيىلگەن.

قېرىنداشلار! ئاخىرەتتە ئاتا-ئانىلارنى خۇرسەن قىلىدىغان پەرزەنتلەردىن بولۇڭلار!.  قۇرئان-ھەدىسنىڭ دەلىللىشىچە ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى قىيامەت كۈنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەننەتتە بىرگە بولىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋەتمەستىن ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلەرگە نېمەت ئاتا قىلغۇچى، ئۆز كەرىمى بىلەن سېخىلىق قىلغۇچى زاتتۇر. ئاللاھ نېمە دېگەن ئۇلۇغ - ھە !.

ئاللاھ تەرىپىدىن يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماستىن ياكى ھۆددىسىدىن چىقماستىن ئامانەتنى زايا قىلىۋەتكەن كىشى دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر . ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ (قاتتىق ئازاب) بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقۇتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! (ئازابىمدىن) قورقۇڭلار » زۇمەر سۈرىسى15-16- ئايەتلەر.

پەرزەنتلەر ھاياتىنىڭ باشلىنىشىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ تولۇق كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ياخشى تەربىيە قىلىشىغا بەك ئېھتىياجلىقتۇر. چۈنكى ئۇلار ياخشى-ياماننى ئايرىيالمايدۇ . بالاغەتكە يەتكەن ياشلار پاك بولۇپ شەيتاننىڭ ئۇلارنى تەدرىجى يامانلىققا يېتەكلەپ، يولدىن چىقىرىپ مەنىۋىيىتىنى ۋەيران قىلىشى ئاسان بولىدۇ . ئۇلارنى كۈزەتمەستىن ۋە كۆڭۈل بۆلمەستىن ئۆز ھالىغا قويۇشنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى خەتەرلىكتۇر. پەرزەنتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە دائىم كۈزۈتۈپ تۇرۇش بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى ئەخلاقى بۇزۇلۇش ۋە تۇيۇق يولغا كېرىپ قىلىشتىن ساقلايدۇ. ئۆتكەن دەۋرلەردىكى بۇزۇقچىلىقنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىنساننىڭ قول ئۈزۈشى ئاسان ئىدى. لېكىن ھازىرقى ئەسىردىكى بۇزۇقچىلىق بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن ياشلارنى ئاخىرقى ھاياتىغىچە ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان ۋەيران قىلىدىغان بۇزۇقچىلىقتىن ئىبارەت بولۇپ بۇنىڭدىن پەقەت ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشى بىلەن سەمىمى تەۋبە قىلىپ ئىسلامى ھاياتنى تاپقانلارلا ساقلىنىپ قالالايدۇ.  

مۇسۇلمان ياشلىرى دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ھەسەت قىلىنىپ نىشان قىلىنغان بولۇپ ئۇلار ئۈچۈن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇرۇلۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ ئېشىكى كەڭرى ئېچىلغان، پاھىشە-مۇنكەر ئىشلارغا يېتەكلەيدىغان، قەلبدىن ئىسلامنى يوق قىلىدىغان، ئەخلاقنى بۇزىدىغان مېدىيا ۋاستىلىرى، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمەنلىرى ياساپ چىققان زەھەرلىك چېكىملىكلەر، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدىغان يامان دوست-بۇرادەرلەر، چەكلەنگەن تور بېكەتلىرى، ئېنتىر تورى ئارقىلىق  قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىش ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆپلىكى، مىڭلارچە كىشىلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقە قىلىشنىڭ ئاسان بولىشى، ياشلارنى زېمىندا بۇزۇقچىلىققا يېتەكلەيدىغان سىرتتىن ئېقىپ كىرگەن ئازغۇن پىكىرلەر، يات ئەللەردىن مۇسۇلمانلار دىيارىغا سىڭىپ كىرىپ ياشلارنى ئازدۇرىۋاتقان يېرىم يالىڭاچ ئايال ۋە ئاققۇن پاھىشىلەر كەڭ تارقالغان، ھايا-نومۇس كۆتۈرۈلگەن بۇ جەمئىيەت توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆزۈمدىن كېيىن ئەرلەرگە ئاياللاردىن بەكرەك پىتنە بولىدىغان بىر نەرسە قالدۇرمىدىم» بۇخارىي رىۋايىتى.

مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرى دىندىكىلەرگە ئۆزىگە زىيانلىق بولغان پايدىسى بولمىغان ئىشلاردا قارىغۇلارچە ئەگىشىشمۇ پىتنىدۇر. ياشلارنى ياخشىلىققا يېتەكلەپ يامانلىقتىن ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلە ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش، ھەر بىر شەخس ۋە ئورۇننىڭ ئۆز دائىرىسىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ ئۆزى ئىمانى ۋە مىللى مەجبۇرىيەتتۇر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى دىنى ئاڭ، مىللى ئۆرپ-ئادەت ۋە ئۆزگۈرلۈكنى ساقلاپ ئىناق-ئىتتىپاق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن. ئاللاھ قەلبلىرىمىزنى بىرلەشتۇرۇپ بىر نىشان بىلەن ھەق يولدا دادىل قەدەم تاشلىغىلى مۇۋەپپەق قىلسۇن.

Go to the Top