نصائح للطلاب بعد انقضاء الدراسة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: نصائح للطلاب بعد انقضاء الدراسة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه خطبة الجمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ حسين بن عبدالعزيز آل الشيخ10/7/1430هجري، وبين فضيلته في خطبته عن بعض النصائح موجهة للطلاب والطالبات وللوالدين بحث أبنائهم على حسن استغلال الإجازة بما ينفع في الدنيا والآخرة
تأريخ الإضافة: 2009-07-08
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/222297
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
يىللىق ئىمتىھاندىن كېيىنكى نەسىھەت
398.5 KB
فتح: يىللىق ئىمتىھاندىن كېيىنكى نەسىھەت.doc
نبذة موسعة

 

يىللىق ئىمتىھاندىن كېيىنكى نەسىھەت

 

2009- يىلى 07- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئەۋلادلىرىمىز يىللىق ئىمتىھانىسىنى تۈگەتتى، ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە، ئۇلارغا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا دائىم مۇۋەپپەقىيەت ۋە نىجاتلىق ئاتا قىلىشىنى سورايمىز" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرقانچە نۇقتىدا توختىلىپ ئۆتىمىز:

بىرىنچى: ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىمتىھان كۈنلىرىدە پەرزەنتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىنى دائىم كۈزۈتۈپ تۇرۇشى ياخشى ئىش بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار باشقا ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ تەتىل مەزگىللىرىدە پەرزەنتلەرنى كۈزۈتۈش ۋە دەرسلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن قول ئۈزىدۇ. بۇ زور خاتالىق، ئامانەتكە كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىر كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. ئەۋلادلار ئاللاھنىڭ ئاتا-ئانىلارغا تاپشۇرغان ئامانىتى بولۇپ، ئۇلارغا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش، بارلىق ئىشلىرىنى كۈزۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك. ھازىرقىدەك ئەتراپتا بۇزۇقچىلىق ۋە پىتنە-پاسات يامرىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى يامان نىيەتلىك ناچار، ئەخلاقسىز كىشىلەرگە ئالدىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى ئالاھىدە كۈچەيتىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا - چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھ نىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ» تەھرىم سۈرىسى 6-ئايەت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇل، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرسىدىن سورىلىدۇ، ئائىلە باشلىقى ئۆز خانىدانىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرسىدىن سۇئال قىلىنىدۇ». مۇسۇلمانلار رايۇنلىرىدا تەتىل پەسىللىرىدە تۈرلۈك ياخشى پائالىيەتلەر جانلىنىدۇ، قۇرئان-ھەدىس يادلاش ئورۇنلىرى، پايدىلىق ئېلىم-پەن كەچ-كۇرسلىرى ۋە ئىلمى مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەۋلادلارنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپلەپ بېلىم ئېلىشقا يۈزلىنىشكە چاقىرىق قىلايلى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەرزەنتىڭىزگە ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگۈتۈڭ، سىز ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن ئىشتىن سۇئال قىلىنىسىز، پەرزەنتىڭىز بۇنى ئۆگەنگەندىن كىيىن سىزگە ياخشىلىق قىلىپ، بويسۇنۇشتىن سۇئال قىلىنىدۇ» دېگەن. سەئدى ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «بىز پەرزەنتىلىرىمىزگە قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەندەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى ئۆگۈتەتتۇق» دېگەن.

(دېمەك؛ پەرزەنتلىرىمىزنى يىتەرلىك دىنى ساۋاتقا ئىگە قىلىش بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىشقا بولمايدىغان ئىمانى ۋە مىللى بۇرچىمىز. پەرزەنتلىرىمىزگە دىنى ۋە پەننى بىلىمنى بىر ۋاقىتتا ئىلىپ بېرىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىمىز، ۋەتەن مىللەتنىڭ كىلىچىكى ئۈچۈن داغدام يول ھازىرلىغان بولىمىز. ساغلام ئۇسۇلدا يەتكۇزۇلگەن دىن ھېچقاچان مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشىنى توسۇپ قويمايدۇ، بەلكى دىن مىللەتنى تەرەققى قىلىشقا ئۇندەيدۇ ۋە ياخشى ھايات كەچۇرۇشكە تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنداقلا مىللەتنىڭ باشقا دىنسىز مۇلھىدلاردىن پەرقلىق ھالدا مىللەت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشتى ۋە قوشىدۇ. (بۇنىڭ تىپىك مىساللىرى ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايان). بىز ئاللاھقا يىقىنلاشساق، ئاللاھ بىزگە يىقىنلىشىدۇ. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ روھىيىتىمىزنى گۇللەندۇپ، مىللەت ۋە  ۋەتەننىڭ بىشىغا كەلگەن ئېغىر كۇلپەتلەرنى ئەقىدىنى چىقىش قىلغان ئاساستا بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىشىمىز ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسىدۇر. يەنىلا ھۇشىمىزنى تاپماي، ئاللاھنى تونۇماستىن، يۈز بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق ئەھۋاللاردىن ئىبرەت ئالماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزدىكى ئۆرنىمىزنىڭ نەلەرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلماستىن ياشاۋېرىشىمىزنىڭ ئۆزى، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ھالاكەت گىرداۋىغا ئېتتىرغانلىقىمىزدۇر. قېرىنداشلار! ئاللاھتىن قورقايلى! بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يۈزبەرگەن ترادىگىيىلىك ۋەقەدىن ئاچچىق ساۋاق ئىلىپ، كىم بولىشىمىزدىن قەتئى نەزەر دىنى ۋە مىللى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشايلى! ئىنساندەك ياشىشىمىز ئۈچۈن ئۆز ھەق-ھۆقۈقلىرىمىزنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. مۇبارەك شېھىتلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت، ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىگە سەبرى ۋە جاسارەت تىلەيلى. ئاللاھ دىيارىمىزدىكى بارچە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھىمايىسىدا ساقلىسۇن.-مۇھەررىر-)

ئىككىنچى: ساغلام ئەقىل ۋە نۇرلۇق قەلب ئىگىلىرى ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ياخشى نەتىجىلەرنى كۆزەتكەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمتىھانىنى ئەسلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن ئاسمان-زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» مۇلۇك سۈرىسى 1-ئايەت. دۇنيا ھاياتى ئاخىرەتنىڭ تېرىقچىلىق مەيدانى بولۇپ، بۇنى پەرز-ۋاجىبلارنى تولۇق ئادا قىلىش، بۇيرۇقلارغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلەردىن يىراق بولۇش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىراش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش كېرەك. بۇ ئىمتىھان مەيدانىدا مەغلۇپ بولغان، پۇرسەتنى زايا قىلىۋەتكەن، يامان ئىشلارغا سەرپ قىلغان كىشىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«بۇ كۈندە بەندىلەرنىڭ (ياخشى يامان ئەمەللىرىنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر ». ئەئراپ سۈرىسى 8- ئايەت

ئۈچىنچى: ئاتا-ئانىلار  پەرزەنتلەرنىڭ ھەر بىر ھاياتلىق باسقۇچىدا ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە كاتتىلاش ئېڭىنى سىڭدۇرۇش كېرەك. ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولسا، ئاللاھنىڭ بۇ ئالى نېمىتىگە رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈك نېمەت ئاتا قىلغۇچى، بالا-مۇسىبەتتىن ساقلىغۇچى، مۇۋەپپەقىيەت ۋە نىجاتلىقنىڭ بىر ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشى لازىم، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ساڭا ئاللاھ نىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم چوقۇم سېنى ئازدۇرۇشنى قەستلەيتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر» نىسا 113-ئايەت.

بۇ ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداپ، غەزىپىدىن ساقلىنىشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا شۈكۈر ئېيتىش لازىم. پەرزەنتلەرنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا قوپاللىق قىلىپ ئەيىبلەشتىن ساقلىنىشى كېرەك. چۈنكى پەرزەنتلەر ئۈچۈن بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. مېھرىبانلىق بارلىق ياخشىلىقنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. ئاتا-ئانىنىڭ مېھرىبانلىقىدا پەرزەنتلەر ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىپ، قايتىدىن تېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىق، مۇشەققەتتىن كېيىن خۇرسەنلىك بولىدۇ. كىمىكى ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىپ، تېرىشىش ئارقىلىق ئاللاھغا ئىلتىجا قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە چېقىش يولى بېرىدۇ. كىم تىرىشسا نەتىجە قازىنىدۇ. كىم تېرىسا ھوسۇل ئالىدۇ.

تۆتىنجى:تەتىل پەسلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ بوش ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتنى ئاللاھغا يېقىنلىشىدىغان، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھ رازى بولىدىغان ھەر تۈرلۈك ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن تاماملاش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«بەش ئىش كىلىشتىن بۇرۇن بەش ئىشنى غەنىمەت بېلىڭ: قېرىلىقتىن بۇرۇن ياشلىقنى، كېسەللىكتىن بۇرۇن ساقلىقنى، كەمبەغەللىكتىن بۇرۇن بايلىقنى، ئالدىراشلىقتىن بۇرۇن بوش ۋاقىتنى، ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ھاياتلىقنى غەنىمەت بىلىش كېرەك.»    

بەشىنچى: تەتىل پەيتلىرىدە بىر قىسىم ئادىمى شەيتانلار ياش ئەۋلادلارنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇلارنى تۈرلۈك ئەيشى-ئىشرەت ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە قىزىقتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر - بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ» ئەنئام 112-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

ئىسلام ياشلىرى! كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى! ئەخلاقنى يوقىتىدىغان، يولسىزلىققا يېتەكلەيدىغان، ئازغۇنلۇققا پاتۇرۋېتىدىغان پىتنىلەردىن ھەزەر قىلىڭلار. ئازغۇنلارنىڭ ئۇۋىلىرىدىن، گۇناھ-مەسىيەت ئورۇنلىرىدىن، شەكلىك جايلاردىن يىراق بولۇڭلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئى مۆمىنلەر! دۈشمەنلەرنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇڭلار». ئى ياش يىگىتلەر ۋە ياش قىزچاقلار! يامان نىيەتلىك دوستلىرىڭلارنىڭ سىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن گۇناھ-مەسىيەت، ئەيشى-ئىشرەت ئورۇنلىرىغا يىتەكلىشىدىن ھەزەر قىلىڭلار. نۇرغۇن ياشلار يامان نىيەتلىك دوستلىرىنىڭ سەۋەبىدىن يولدىن چىقىپ كېتىپ تۈرلۈك ئەخلاقى بۇزۇلۇشقا دۇچكەلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« بۇ كۈندە دوستلار بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداق ئەمەستۇر) » سۈرە زۇخرۇپ 67-ئايەت.

ئىسلام دىنىنىڭ ئالاگىدىلىكلىرىدىن بىرى، بۇ دىن ئوتتۇرىھال دىندۇر.  بۇخارىيدا سالمان رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ئەبى دەردا رەزىيەللاھۇئەنھۇ ۋە ساھابىلارغا ئېيتقان بۇ سۆزىنى رىۋايەت قىلغان: "سىنىڭ ئۈستۈڭدە ئاللاھنىڭ ھەققى بار، ئۆز نەپسىڭنىڭ ھەققى بار، ئائىلە-بالىلىرىڭنىڭ ھەققى بار، ھەر بىرىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلغىن دېگەن". پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سالمان رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ سۆزىنى تەستىق قىلغان.  بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئەقىللىق كىشى ئۆز نەپسى ئۈچۈن ئۈچ خىل ۋاقىت ئاجرىتىدۇ، بىر ۋاقىتتا ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىدۇ(زىكىر، ئىبادەت بىلەن بولىدۇ) يەنە بىر ۋاقىتتا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئالىدۇ. يەنە بىر ۋاقىتنى بوش قويۇپ ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قالغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىدۇ. ئېسىل ئەدەپ-ئەخلاق دائىرسىدە ئىلىپ بېرىلىدىغان كۆڭۈل ئىچىشلەرمۇ بۇنىڭ دائىرىسىدە بولىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «مەن بىر سەپەردە يەڭگىل ۋاقتىمدا(ئورۇق) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئۇتۇپ چىقتىم، كېيىن سەل سەمرىگەندىن كېيىن مۇسابىقىلەشكەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇتۇپ چېقىپ بۇ ئۆتكەنكىگە تەڭ بولدى دېدى» دېگەن.

ئاتا-ئانىلار تەتىل پەسلىدە پەرزەنتلەرنى خۇرسەن قىلىپ، چارچاشلىرىنى تۈگىتىپ، غەم-قايغۇلىرىنى يوق قىلىپ، ئىسلامدا يولغا قويۇلغان مەنپەئەتلىك ئىشلارغا يېتەكلەپ، بۇزۇقچىلىق-پاساتچىلىققا چۈشۈپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئاللاھ تائالا پەرزەنتلىرىمىزنى ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيىلىشىمىزگە مۇۋەپپەق قىلسۇن.


 

 

Go to the Top