بقاء الذكر الحسن للعبد

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: بقاء الذكر الحسن للعبد
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ صلاح بن محمد البدير 26/ 6/ 1430-هجري، تحدث فضيلته عن بقاء الذكر الجميل واستمرار الثناء الحسن ، والميت الطيب والحمد الدائم بعد رحيله من الدنيا ، وأن هذه نعمة عظيمة يختص الله بها من يشاء من عباده ممن بذلوا الخير ونشروا الاحسان ونفعوا الخلق .
تأريخ الإضافة: 2009-06-21
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/220889
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
مۇسۇلمانلار مىللەت سۆيەر ئوغلانلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ!
381.5 KB
فتح: مۇسۇلمانلار مىللەت سۆيەر ئوغلانلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ!.doc
نبذة موسعة

 

مۇسۇلمانلار مىللەت سۆيەر ئوغلانلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ!

 

2009-يىلى 06-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ،   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتلەرگە، «ئىنسان دۇنيادا مەڭگۈ ياشىمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرى ئەسلىنىپ تۇرىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىنسان دۇنيادا مەڭگۈ ياشىمايدۇ، لېكىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە گۈزەل ئەخلاقى مەڭگۈ ئەسلىنىپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن ئالىملار ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەر دۇنيادىن كەتكەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى، ماختالغۇچى سۈپەتلىرى ھەممە جايدا زىكىر قىلىنىپ، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشكە تەرغىب قىلىدۇ.

ئىنسان دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى، ماختالغۇچى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەسلىنىشىمۇ ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىگە بەرگەن بۈيۈك نېمىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ بۇ نېمەتكە ئۆز بەندىلىرىدىن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىدىغان، خەيرى-ئېھساننى سۆيىدىغان، ئەپۇچان، تەقۋادارلىق بىلەن ئېسىل خىسلەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنى بىرگە داۋاملاشتۇرغان خالىغان كىشىلەرگە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن، ئۇلارنى بىز پاك - خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشلەر قىلدۇق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر، ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر، بۇ ۋەز - نەسىھەتتۇر، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت بار، (ئۇ) تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇقتۇر» ساد سۈرىسى 45-ئايەتتىن 50-ئايەتكىچە.

يەنى بۇ ئەسلىنىدىغان گۈزەل، ماختىلىش شان-شەرەپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نامىنى بەلەن ۋە يۇقىرى قىلدۇق» مەريەم سۈرىسى 50-ئايەت. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ يۇقىرىقى ئايەتنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: (يەنى گۈزەل مەدھىيەلەرنى ئاتا قىلدۇق).

ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئارىسىدا قەدىر-قىممىتى ھەممىدىن يۇقىرى، نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان، ئەڭ كاتتا، شەرەپلىك، ئەخلاقى تەرەپتىن كىشىلەرگە نەمۇنە بولغۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق» سۈرە شەرھ 4-ئايەت.

ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەيياش رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتچى ئالىملار ئۆلۈپ كەتسىمۇ نامى ئەسلىنىپ تۇرىدۇ. بىدئەتچىلەر ئۆلسە، ئۇلارنىڭ نام نىشانىسىمۇ يوقىلىدۇ. چۈنكى سۈننەتكە ئەگەشكۈچى كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ئەھيا قىلىپ تارقىتىدۇ. ئۇلار يەنى ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارسلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ: «سىنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق» دېگەن ئايەتتىن نېسىۋىسى بولىدۇ-ئەلۋەتتە. بىدئەتچىلەر بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ: «ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام-نىشانى قالمايدۇ» دېگەن ئايەتتىن تىگىشلىك نېسىۋىسىنى ئالىدۇ.

ئادىل، پاراسەتلىك، كۈچلۈك، غەيرەتلىك، ئۆز خەلقىنى ھىمايە قىلىدىغان، دىنىغا، ئەقىدىسىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە ياردەم بېرىدىغان پادىشاھ-يول باشچىلارنى خەلق ئۇلۇغلايدۇ، ئىسلام ئەھلى ھۆرمەتلەيدۇ، ئالىملار ۋە تارىخچىلار مەدھىيىلەيدۇ. تەقۋادار، كەمتەر، كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەلىم بېرىش ۋە خەيرى-ئېھسان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ئالىملارنىڭ دۇنيادا مەڭگۈ نامى ئۆچمەيدۇ. كىشىلەر قەلبىدە قەدىر-قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھغا بولغان ئىخلاسى، سۈننەتكە ئەگىشىشى، دىنى ئىلىملىرى ئەسلىنىپ تۇرىدۇ ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدۇ.

پېقىر-مىسكىنلەرگە، ھاجەتمەنلەرگە ياخشىلىق ۋە خەيرى-ئېھسان قىلغۇچى، مىللەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى قاتارلىقلارغا مەبلەغ سالغۇچى سېخى كىشىلەر ئۈچۈن خەلق ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ نامى تارىختا   مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلانغان، كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزۈشتىن قول ئۈزگەن، مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىپ، گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا باشقىلارنى رازى قىلىشقا تىرىشقان، قەلبى ساغلام، ئەقىل-پاراسەتلىك توغرا پىكىرلىك، ئۆزىنىڭ تېلىنى، قولىنى ۋە ئەزالىرىنى ھارامدىن  ساقلىغان كىشى ئابرۇيلۇق ئېسىل كىشىلەردىن بولۇپ، ئەۋلادلار ئۇلارنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ ۋە پەخىرلىنىدۇ.

بىر دانىشمەن كىشى بالىلىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "پەرزەنتلىرىم! كىشىلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەرنى كۆرمىسە ھېسداشلىق قىلىدۇ، ئۆلۈپ كەتسەڭلار سىلەر ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىدۇ". دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ، ھېچ كىشى ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمايدۇ، ئۇلاردىن ئايرىلغانلىقىغا بىئارام بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ تىلغا ئالغۇدەك، ئەسلىگۈدەك ياخشى نامى، پايدىلىق ئىشلىرى، گۈزەل ئەخلاقى، مېھرى-شەپقەت، كۆيۈمچانلىق ئەمەللىرى بولمايدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى» سۈرە دۇخان 29-ئايەت. زېمىندا ئۇلار ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىلمايدۇ، ئەسلىنىدىغان ياخشى ئىشلىرى بولمايدۇ، ئۇلار گوياكى دۇنيادا ياشىمىغاندەك نام-نىشانسىز يوقىلىدۇ.

كىشىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلغۇچى، ھەسەتخور، تېلى زەھەر، تەكەببۇر، زالىم، ھاكاۋۇر، قوپال، ياۋۇز كىشىلەرنىڭ نامى قالمايدۇ. ئەكسىچە زېمىندا ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىك، قەلىبلەردە نەپرەت قالىدۇ. ئەمرۇ ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا بىر بەندىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاخىرقى ھاياتىغىچە ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئېشىكىنى ئېچىۋېتىدۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ» بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان.

كىشىلەر ئاللاھدىن رازى بولۇپ، ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ساۋابى يىتىپ تۇرىدىغان، ئاللاھمۇ ئۇلاردىن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەردىن؛ بارلىقىنى ئېلىمگە بېغىشلاش، قۇرئان-ھەدىسلەرنى ئوقۇش، ساغلام ئەقىدىلەرنى تارقىتىش، پايدىلىق كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرۇش، نەشىر قىلىپ تارقىتىش، مەسچىت، مەكتەپ، دوختۇرخانىلارنى ياساش، تۇرۇبا ئورنىتىپ، قۇدۇق كولاپ كىشىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، سەدىقىلەرنى كۆپ قىلىش، خەيرى-ئېھساننى داۋاملاشتۇرۇش، ئاجىز-بىچارىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىش، يوقسۇل-مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىش، زۇلۇم قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىش، تۈرمىدىكىلەرنى قۇتۇلدۇرۇشقا، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا تېرىشىش، بىمارلارنىڭ دىلىنى خۇرسەن قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش، ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىش، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مىللەتنى ياخشىلىق، تەقۋالىق، ھىدايەت، ئىسلاھاتتا بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك خىزمەتكە تۆھپە قوشۇش. ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانغا ئۆلگەندىن كېيىنمۇ يەتتە تۈرلۈك ئىشنىڭ ساۋابى يېتىپ تۇرىدۇ: ئېلىم ئۆگەتكەن، ئىرىق-ئۆستەڭ چاپتۇرغان ياكى تۇرۇبا ئورناتقان، خورما ياكى مېۋىلىك كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلغان، مەسچىت ياسىغان، قۇرئان-ھەدىسلەرنى ئەۋلادلارنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن ۋەخپە قىلغان ۋە ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۆزى ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىپ مەغپىرەت تەلەپ قىلىدىغان ياخشى پەرزەنتلەرنى قالدۇرغان كىشىدىن ئىبارەت».

ھەرقانداق كىشىنىڭ ياخشىلىق، خەيرى-ئېھسانلىرى داۋاملاشسا، ئومۇمغا مەنپەت يەتكۈزسە ئۇ كىشىگە بولغان مۇھەببەت راۋاجلىنىدۇ، مىللەت ئارىسىدا ياخشى نامى قالىدۇ. ئالقىش-دۇئالار داۋاملىشىدۇ.

ئى مۇسۇلمانلار! ئۆز نەپسىڭلار ئۈچۈن ياخشى ئىش پائالىيەتلەرنى قالدۇرۇڭلار. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ساۋابى داۋام قىلىدىغان، ئەجرى ئۈزۈلمەيدىغان، مۇسۇلمانلاردىن سەمىمى دۇئالار يوللىنىپ تۇرىدىغان  تائەت-ئىبادەت، ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى كۆپ قىلىڭلار.

مىللەت ھېچقاچان ۋاپادار ئەۋلادلىرىنى ئۇنتۇمايدۇ. (يەنى دىنى ئېتىقاد، مىللى كىملىك، ۋەتەنگە مەنسۇپ بولۇش يولىدا بەدەل تۆلىگەن ئىماندار، جەسۇر، شىجائەتلىك ئوغلانلىرىنى مەڭگۈ ئەسلىسە، دىنىنى، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى سېتىپ يەۋاتقان، مىللى مۇناپىقلاردىن نەپرەتلىنىدۇ ۋە ئىنتىقام ئالىدۇ.-م-)

ئاللاھ ھەممەيلەننى دۇنيادا ياخشىلىققا مۇيەسسەر  قىلىپ، ئاخىرەتتە ئۆز رەھمىتىگە مۇۋەپپەق قىلسۇن.

 

 

Go to the Top