الزلازل

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الزلازل
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ صلاح بن محمد البدير 27/ 5/ 1430-هجري، بين فضيلته عن الزلازل وسبب وقوعها ، وأنها غضب من الله- عز وجل- وتذكير للعباد للرجوع عن المعاصي وحث على الاستغفار والإكثار منه .
تأريخ الإضافة: 2009-05-27
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/208854
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
يەۋتەۋرەش ئاپىتى ۋە ئىبرەت
338.5 KB
فتح: يەۋتەۋرەش ئاپىتى ۋە ئىبرەت.doc
2.
يەۋتەۋرەش ئاپىتى ۋە ئىبرەت
150.9 KB
فتح: يەۋتەۋرەش ئاپىتى ۋە ئىبرەت.pdf
نبذة موسعة

 

يەۋتەۋرەش ئاپىتى ۋە ئىبرەت

 

2009-يىلى 05- ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

  ئىمام شەيخ ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن، مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ تالاغا تەقۋادارلىق قىلىشقا چاقىرىپ «ئاللاھنىڭ زېمىننى يارىتىشتىكى ھېكمەت ۋە قۇدرىتى» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ بارلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتتى. ئۇ مەڭگۈ ئىبادەت قىلىنغۇچى ۋە مەدھىيىلەنگۈچى ئىلاھتۇر. ئاللاھ تائالا يەر شارىنى مۇستەھكەم، مەخلۇقاتلارنىڭ ياشىشىغا مۇناسىپ قىلىپ ياراتتى. بۈيۈك تاغلارنى زېمىنغا تۈۋرۈك قىلدى. زېمىننى مۇستەھكەم ئېغىزلار بىلەن چىڭىتتى، بۇلاقلارنى چىقاردى. مەخپى بايلىقىنى ئاشكارا قىلدۇردى. ئۆستەڭلەرنى ئاقتۇردى ۋە زىرائەتلەرنى ئۆستۈردى. دەرەخلەرنى كۆكەرتتى، مېۋىلەرنى ئىنسانلارغا نېمەت قىلدى ۋە زېمىندا ياشايدىغان جانلىقلارنى پەيدا قىلدى. ئۇلارنى ھەممە تەرەپكە تاراتتى. ئىش پۈتكەندە، يەنى زېمىنگە بېرىلگەن مۇددەت توشقاندا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن زېمىن ھەرىكەتلىنىپ ئۆز قوينىدىكى ئۆلۈكلەرنى چىقىرىدۇ. ئۆز ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بارلىق ياخشى-يامان ئىشلاردىن خەۋەر بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى(يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى-يامان ئىشلارنى)مەلۇم قىلىدۇ، (ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمىر قىلغانلىقىدىندۇر، بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش(يەنى نەتىجىسىگە ئېرىشىش) ئۈچۈن توپ-توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ». ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ۋە نەسىھەتلىرى كۆپ بولۇپ  بۇنىڭ بەزىسىنى دۇنيادا بەندىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، قورقۇتۇش، سەگەكلەشتۈرۈش ۋە ئەسلىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت بەندىلەرنى قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز» قەتادە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ كىشىلەرنىڭ ئىبرەت ئىلىشى، ئەسلىشى ۋە ھەق تەرەپكە قايتىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خالىغان كىشىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ". ئاللاھنىڭ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان، قورقۇتىدىغان ۋە سەگەكلەشتۈرىدىغان ئالامەتلىرىدىن يەر تەۋرەش ۋە كۈن-ئاي تۇتۇلۇش، قاتتىق بوران، تارقىلىشچان كېسەل قاتارلىقلاردۇر.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى ئېلىم كۆتۈرۈلىدۇ، يەر تەۋرەش كۆپ بولىدۇ، ۋاقىتتا بەرىكەت قالمايدۇ، پىتنە-پاسات ئاشكارا بولىدۇ، ئۆلۈم-يېتىم كۆپىيىدۇ، مال-دۇنيا سەلدەك تېشىپ كېتىدۇ» بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇشۇ ئۇممەتنىڭ ئىچىدە بۆھتان قىلىش، يەر يۇتۇپ كېتىش ۋە سۈرىتى شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق ئىشلار بولىدۇ دېگەندە، مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى: يارەسۇلۇللاھ! بۇ ئىش قاچان بولىدۇ؟دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇلارنىڭ ئىچىدە زىنا-پاھىشىلەر ئاشكارا قىلىنىپ، ناخشا-مۇزىكىلار ياڭراپ،  سورۇنلاردا ھاراق-شاراپلار  ئاشكارا ئىچىلگەندە بولىدۇ دېدى» بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇشۇ ئۇممەتنىڭ ئاخىردا بۆھتان قىلىش، يەر يۇتۇپ كېتىش ۋە سۈرىتى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق ئىشلار بولىدۇ دېگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: يارەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ ئارىمىزدا ياخشى كىشىلەر بولسىمۇ ھالاك بولۇپ كېتىمىزمۇ؟! دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە؛ زىنا-پاھىشىلەر ئاشكارا قىلىنسا شۇنداق بولىدۇ دېدى». بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

سەپىيە بىنتى ئەبى ئۇبەيدە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىسىدا يەرتەۋرەپ ھەتتا كارۋاتلار غاراسلاپ كەتتى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە ۋەز ئېيتىپ: سىلەر يېڭىدىن گۇناھلارنى سادىر قىلغاننىڭ جازاسىغا ئۇچرىدىڭلار، بۇ ئىش يەنە تەكرارلانسا مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن چىقىپ كېتىمەن دېدى" (ئىبنى ئەبى شەيبە ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ زامانىسىدا كۇپە شەھىرىدە يەر تەۋرىگەندە، ئۇ كىشىلەرگە: "ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھدىن قايتىشىڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ، تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشقا قايتىڭلار" دېدى.

ئۆتكەن بىرقانچە كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ھادىسىسى كاتتا ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ ئاللاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن جازا ۋە قورقۇنچىدىن ئىبارەت، گۇناھ-مەسىيەتتىن قول ئۈزۈش ئارقىلىق ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ تەۋبە قىلغان، قورققان، بىئارام بولغان، مىسكىن، بىچارە، ئاللاھ تەرەپكە قايتقۇچى ئىكەنلىكىڭلارنى ئاشكارا قىلىپ كۆپ دۇئا قىلىڭلار. سەدىقە، خەير-ئېھسان قىلىشقا ئالدىراڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ ئەسلەڭلار. ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇپ ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار.

قەتادە مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسانغا تىكەن سانجىلىش، شوخا كىرىپ كېتىش ۋە غەم-قايغۇغا پېتىش قاتارلىق ئىشلار، ئىنساندىن سادىر بولغان مەلۇم گۇناھ سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئاللاھ ئىنساننىڭ كۆپ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىدۇ".

ئەبى مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا كۈن تۇتۇلغانىدى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەت بولۇپ قىلىشتىن بىئارام بولۇپ ئەنسىرەپ مەسچىتكە كەلدى، رۇكۇ-سەجدىلەرنى ئۇزۇن قىلىپ ناماز ئوقۇدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدىم، كىيىن ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئاللاھنىڭ ھەقلىقىنىڭ ئالامەتلىرى بولۇپ، بۇ بىر كىشىنىڭ ھاياتى ۋە ماماتى سەۋەبىدىن بولمايدۇ، لېكىن بۇنى ئاللاھ بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ، بۇنداق ئىشلارنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا ئاللاھنى ئەسلەش، كەچۈرۈم تەلەپ قىلىش ۋە دۇئا قىلىشقا ئالدىراڭلار».

ئاللاھ تائالا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئۆزى ھىمايە قىلسۇن ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆزىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدىغان سالاھىيەتلەرگە مۇۋەپپەق بولىدىغان ئەمەللەرگە مۇيەسسەر قىلسۇن.

 

 

 

Go to the Top