مقاومة إغراء النساء

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: مقاومة إغراء النساء
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: مشكلتي هي العلاقات مع الفتيات التي لا أستطيع أن أقاومها. الحمد لله لا أرتكب الفاحشة وأصلي وأصوم لكن فيما يتعلق بالنساء فأنا ضعيف ماذا أفعل؟
تأريخ الإضافة: 2009-05-22
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/208256
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
ھەقىقەتەن ئاياللار ئەرلەرنى ئازدۇرامدۇ؟
475.5 KB
فتح: ھەقىقەتەن ئاياللار ئەرلەرنى ئازدۇرامدۇ؟.doc
نبذة موسعة

 

ھەقىقەتەن ئاياللار ئەرلەرنى ئازدۇرامدۇ؟

 

3234-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئاللاھغا ماختاشلار بولسۇن. مېنىڭ قىيىنچىلىقىم، مەن قىزلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ئۆزۈمنى يىغىشقا قادىر بولالمىدىم، مەن ناماز ئوقۇيمەن، روزا تۇتىمەن، لېكىن ئاياللارغا ئالاقىدار ئىشلاردا ئۆزۈمنى تۇتۇشتىن ئاجىز كېلىمەن. مەن بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟، بۇ ھەقتە نەسىھەت بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى ھەقىقەتەن راستتۇر: «مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئەرلەر ئاياللارنىڭ پىتنىسىدىنمۇ زىيانلىقراق بىر پىتنىگە دۇچ كەلمەيدۇ». بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن دۇنيا گۈزەل ۋە شېرىندۇر، ئاللاھ سىلەرنى دۇنيادا ئورۇن باسار قىلىپ، سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، مال-دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن پەخەس بولۇڭلار، ھەقىقەتەن بەنى ئىسرائىلدىكى بۇزۇقچىلىق ئالدى بىلەن ئاياللاردا بولغان ئىدى» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

قېرىندىشىم سىزگە ھازىرقى ۋە كىيىنكى ئىككى ئىش بار، ئەمما ئىلگىرى سەل قاراپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭىزغا ھازىر سەمىمىيلىك بىلەن تەۋبە قىلىپ خاتالىقلىرىڭىزنى ئۆچۈرىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزگەرگەنلىكىڭىزنى ھەقىقى تۈردە ئىپادىلەڭ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە:  «بىر كىشى يات بىر ئايالنى سۆيۈپ كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن پالانى جايدىكى باغدا بىر ئايال بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئۇ ئايالنى قۇچاقلاپ سۆيۈۋالدىم، ماڭا قانداق جازا كېلىدۇ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بەرمىگەن. شۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا: «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە(يەنى ئەتتىگەن-ئاخشامدا) كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇڭلار، ھەقىقەتەن ياخشىلىق خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ» دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغان، ھىلىقى ئادەم: يا رەسۇلۇللاھ! بۇ ئايەت مەن ئۈچۈنمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن» دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

بۇنىڭدىن كىيىن سىزنىڭ بۇزۇقچىلىق، ئەر-ئاياللار ئارلىشىپ تۇرىدىغان ئورۇنلارغا بېرىشىڭىز قەتئى توغرا بولمايدۇ، سىز ئاياللارغا ئالاقىدار ئىشلاردا ئۆزۈمنى تۇتۇشتىن ئاجىز كېلىمەن دەيسىز، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ پاراڭلىشىپ، چاقچاقلىشىپ، شەيتانى ئىشلارغا ئۆزىڭىز يول ئىچىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇتراتقۇلىقىغا تاقابىل تۇرالمايمەن دەيسىز؟!. بۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن سۆز ئەمەس، بۇ سۆزىڭىز قوبۇل قىلىنمايدۇ. "شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ" ، سىز پىتنە-پاسات ۋە بۇزۇقچىلىق ئورۇنلىرىغا بېرىشتىن يىراق بولسىڭىز ئۆز نەپسىىڭىزنى  ھارامغا بېرىلىشتىن ساقلاپ قالالايسىز. ئاللاھدىن قورقۇڭ، ئاللاھ سىزنىڭ نېمە قىلىشىڭىزنى كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ، ئاقىۋىتى ھارامغا ئىلىپ بارىدىغان يولغا قەدەم بېسىشتىن ساقلىنىڭ، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ يولغا قەدەم باسسىڭىز بۇنىڭدىن قايتىشىڭىز ئىلگىرىكىدىنمۇ قېيىن ۋە ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى ئويلاڭ. ياخشى ھەمراھلار بىلەن ئارىلىشىپ، ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇپ، ھارامغا ئىلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن چەكلىنىپ ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭ، توي قىلىش ئارقىلىق ئىپپىتىڭىزنى ساقلاڭ، ئاللاھ سىزنى ئاياللارنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىسۇن ۋە سىزگە قەتئى ئىرادە ھەقىقى ئىمان ئاتا قىلسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

 

موضوعات متعلقة ( 1 )
Go to the Top