مۇھىت ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۇزەمدۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مۇھىت ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۇزەمدۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: ئەسما بىنتى ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان ئىدىم. ئاتا-ئانىلىرىمدىن بىرى گەرچە ئاتاقتا مۇسۇلمان بولسىمۇ لېكىن ئىسلامغا ئەمەل قىلمايدۇ. ماڭا مۇسۇلمانلىق ھالىتىدە قېلىش بەكمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ. چۈنكى مەن بىر كاپىر دۆلىتىدە ياشايمەن، يەنە كېلىپ بۇ يەردىكى مەن بىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچقايسىسى ھەقىقىي مۇسۇلمانلار ئەمەس. ماڭا بۇ ھەقتە تەكلىپ ۋە نەسىھەت بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-05-18
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/208040
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مۇھىت ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۇزەمدۇ؟
429.5 KB
: مۇھىت ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۇزەمدۇ؟.doc
2.
مۇھىت ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۇزەمدۇ؟
130 KB
: مۇھىت ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۇزەمدۇ؟.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇھىت ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۇزەمدۇ؟

 

6053- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:  

مەن بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان ئىدىم. ئاتا-ئانىلىرىمدىن بىرى گەرچە ئاتاقتا مۇسۇلمان بولسىمۇ لېكىن ئىسلامغا ئەمەل قىلمايدۇ. مەن دائىم ئائىلەم تەرىپىدىن ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرايمەن. بەزىدە دىنىمىزدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش ماڭا تولىمۇ ئاۋارىچىلىق تۇيۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىقىپ كۆڭۈل ئاچىمەن. (ئۇسۇل ئوينايمەن ياكى يىگىتلەر بىلەن كۆرۈشىمەن، دېگەندەك) بۇنداق قىلىشىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.

. ماڭا مۇسۇلمانلىق ھالىتىدە قېلىش بەكمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ. چۈنكى مەن بىر كاپىر دۆلىتىدە ياشايمەن، يەنە كېلىپ بۇ يەردىكى مەن بىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچقايسىسى ھەقىقىي مۇسۇلمانلار ئەمەس. ماڭا بۇ ھەقتە تەكلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن..

جاۋاب:

بارچە مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.

سىز دۇچ كەلگەن مەسىلە تولىمۇ ئۆتكۈر ۋە ئېغىر مەسىلە ئىكەن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق بويسۇنۇشىڭىز كېرەك. بىز سىز دۇچ كەلگەن مەسىلىنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمىز ۋە سىزنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىڭىزنى يىراقتىن ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. سىزگە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىشنى لايىق تاپتۇق:

بىرىنچى: سىز ئېيتقان سىزگە مۇسۇلمان بولۇشىڭىزغا ئۈندەۋاتقان ئاۋاز ئاللاھ تەرىپىدىن سىزگە ئىمانى ئىلھام ۋە چاقىرىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: « بەزى ئادەم بالىلىرىغا شەيتان ۋەسۋەسە قىلىپ تۇرىدۇ، بەزى ئادەم بالىلىرىغا پەرىشتىلەر يول كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شەيتاننىڭ ئىلكىگە چۈشۈپ قالغان ئادەمگە شەيتان ھەرۋاقىت گۇناھلارنى ئېسىگە سېلىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەسلىككە كۈشكۈرتۈپ تۇرىدۇ. پەرىشتىلەر يول كۆرسىتىدىغان ئادەم بالىلىرىغا پەرىشتىلەر ھەر ۋاقىت ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشنى ئېسىگە سېلىپ تۇرىدۇ. كىمكى كېيىنكىسىگە يولۇقسا ئۇنىڭ ئاللاھتىن كەلگەنلىكىنى بىلسۇن ۋە ئاللاھقا ھەمد ئېيتسۇن، كىمكى ئالدىنقىسىغا ئۇچرىسا ئۇنىڭغا شەيتاندىن كەلگەنلىكىنى بىلسۇن ۋە شەيتاندىن پاناھ تىلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇدى: « شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقۇتىدۇ، يامان ئىشلارغا (يەنى بېخىللىققا، زاكات بەرمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ ». بەقەرە سۈرىسى 268-ئايەت.  سۇنەن تىرمىزى، 2914-ھەدىس، دەرىجىسى ھەسەن.

بۇ يەردىكى شەيتان ئىبلىس ياكى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ۋەسۋەسە قىلىش بولسا ئۇنىڭ يېقىن كېلىپ كىشىنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە ئىنسان قەلبىنىڭ ئىبلىس ياكى پەرىشتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. «يامان ئىشلارنى ئېسىگە سېلىپ تۇرىدۇ»، مەسىلەن، كۇفرى، ئەخلاقسىزلىق ۋە خاتا ئىشلار دېگەندەك. «ھەقىقەتكە ئىشەنمەسلىك»، يەنى ئاللاھنىڭ ھەققىنى،; پەرۋەردىگارلىقىنى ئىنكار قىلىش، ئېنىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان بەزى ئىشلارنى، مەسىلەن تەۋھىدنى، پەيغەمبەرلىكنى، قىيامەتنى، سوئال-سوراقنى، جەننەت ۋە دوزاخنى ئىنكار قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ. «پەرىشتىلەر يول كۆرسىتىدىغان ئادەم بالىلىرىغا، پەرىشتىلەر ھەرۋاقىت ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ»، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش دېگەندەك ياخشى ئەمەللەرنى ئېسىگە سالىدۇ، « ھەقىقەتكە ئىشىنىشنى» مەسىلەن، كىتابلارغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

«كىمكى ئۇنىڭغا ئۇچرىسا» دېگەندە شۇ كىشىنىڭ ئۆزى شۇ ئەھۋالغا يولۇقۇشنى، شۇ ئەھۋالنى بايقاشنى كۆرسىتىدۇ ۋەھاكازالار. «ئۇنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى بىلسۇن» دېگەن جۈملە ئارقىلىق بۇنىڭ ئاللاھنىڭ ناھايىتى چوڭ رەھمىتى ۋە نېمىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتسۇن» يەنى بۇ ئاللاھنىڭ ناھايىتى زور نېمىتى بولغانلىقتىن، شۇنداقلا ئۇ كىشى ئاللاھ تەرىپىدىن پەرىشتىلەر ئارقىلىق ھىدايەتكە يېتەكلىنىش شەرىپىگە نائىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «كىمكى ئىلگىرىكىگە ئۇچرىسا» دېگەن جۈملە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچراشنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوقۇغان «شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقۇتىدۇ، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ »» . دېگەن ئايەتتىكى « فەھشا» ( يامان ئىش) ھەر تۈردىكى گۇناھلارنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ھەدىس ئارقىلىق بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزنى چۈشەنگەن بولسىڭىز كېرەك. سىز تىلغا ئالغان «قانداقتۇر بىر ئاۋاز» سىزگە ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلمەكتە، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئېلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ ئوقۇڭ. سىزنى سىرتقا چىقىپ ئويناشقا، ناچار ئادەملەر بىلەن ئالاقە باغلاشقا كۈشكۈرتىۋاتقىنى شەيتاندۇر. شۇڭا ھەرقېتىم مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەن چېغىڭىزدا ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تىلەڭ.

ئىككىنچىدىن: ئەتراپىڭىزدىكى چۈشكۈن روھلاردىن ئەنسىرىمەڭ. پەقەت بۇ دۇنيادىكى قىسقىغىنا خۇشاللىقى ئۈچۈن نەپسىگە قۇل بولۇپ ياشاۋاتقان كاپىرلار قەۋمى سىزنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەختىڭىز ئۈچۈن تىكلىگەن نىشانىڭىزنى بۇراپ قويمىسۇن. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇنداق دېگەن: « ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر (يەنى كۇففارلار) گە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ » سۈرە ئەنئام 116-ئايەت.

سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ (لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ » سۈرە يۇسۇف103- ئايەت.

سىڭلىم، قېنى ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەگەر بىر ئىنسان بۇ دۇنيادا پەقەت ھاۋايى-ھەۋەسكىلا بېرىلىپ ياشىسا، گۇناھلارغا پاتسا، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھاراق ئىچىپلا ئۆتسە، جېدەل چىقىرىپ شەھۋانىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ھايۋانلاردەك ياشىسا ئۇنىڭ نېمە قىممىتى بولىدۇ؟! ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر » سۈرە ئەئراف 179 -ئايەت.

ئۈچىنچىدىن: سىز ھازىر بىر توپ كۇففارلارنىڭ ئارىسىدا، ئەتراپىڭىزدىكى ئاتالمىش مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزىنىڭ دىنىدىن ئىسلام دېگەن ئىسىمدىن باشقا ھېچنېمە بىلمەيدىغان تولىمۇ ناچار بىر مۇھىتتا ياشاۋېتىپسىز. ئەتراپىڭىزدا سىزنى ئازدۇرۇپ تۇرىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە چىڭ يېپىشىشىڭىز، ھەردائىم ئۇنىڭغا سىزنى گۇناھلاردىن ساقلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىڭ، دىنىڭىزدا مۇستەھكەم قىلىشنى سوراڭ. تۆۋەندىكى دۇئانى دائىم ئوقۇپ تۇرۇڭ: «يا مۇقەللىبەل قۇلۇب سەببىت قەلبى ئەلا دىينەك » (ئى قەلبلەرنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچى ئاللاھ، قەلبىمنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن). چۈنكى بىزنىڭ ئانىمىز، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا جەنابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دائىم « يا مۇقەللىبەل قۇلۇب سەببىت قەلبى ئەلا دىينەك » دېگەن دۇئانى ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن «ئى رەسۇلۇللاھ، بىز ساڭا ۋە سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىمان كەلتۈرىمىز، سەن بىزدىن ئەنسىرەمسەن؟!» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شۇنداق، چۈنكى كىشىلەرنىڭ قەلبى ئاللاھنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىدۇر، ئاللاھ خالىسا ئۇنى بۇراپ قويىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى 2066-ھەدىس. ئۇ بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن.

تۆتىنچىدىن: باشقا بىرەر مۇسلىمە بىلەن تونۇشۇشقا تىرىشىڭ، شۇنىڭدا ئىككىڭلار بىر-بىرىڭلارغا ھەقنى ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلالايسىلەر. ئاتا-ئانىڭىزنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە ھەقىقەتكە دەۋەت قىلىڭ. نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىمانغا كىرىشىگە سەۋەب بولغان ۋە بولىۋاتىدۇ.

ئاخىرىدا بىز ئاللاھتىن سىزنى خاتىرجەملىك يولىغا باشلىشىنى، سىزنى ئىسلامدا مۇستەھكەم قىلىشىنى، ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيمىز. سىزگە ئاللاھنىڭ يول كۆرسىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ئاللاھ يېتەكلىگەن ئىنسان ھېچقاچان ئازمايدۇ.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.


 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 3 )
Go to the Top