خطر(إنفلونزا الخنازير) على العالم

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: خطر(إنفلونزا الخنازير) على العالم
اللغة: أيغوري
الكاتب: محمد يوسف
نبذة مختصرة: يبين الكاتب في مقالته سبب تحرم الحنزير في الشريعة الإسلامية، وخطر الإنفلونزا الخنازير على العالم، ويجب على الإنسان أن يفكر لماذا تظهر مثل هذه البلاء تارة بعد تارة؟ وها هنا يقتضي على المسلم أن يتمسك بدينه أكثر عندما تظهر مثل هذه الكوارث، ولعل هذا تنبيه من الله الواحد القهار على مجتمع إنسانية حتى يتبين لهم الحق.
تأريخ الإضافة: 2009-05-08
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/206947
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
چوشقا زۇكۇمى ئىنسانىيەتنى ساراسىمىگە سالماقتا
328 KB
فتح: چوشقا زۇكۇمى ئىنسانىيەتنى ساراسىمىگە سالماقتا.doc
نبذة موسعة

 

چوشقا زۇكۇمى ئىنسانىيەتنى ساراسىمىگە سالماقتا

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

خەلقئارادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇش زۇكۇمىغا خاتىمە بېرىلمەي تۇرۇپ، ئالەمشۇمۇل ئىقتىساد چۆكۈش كرىزىسى يۈزبەردى، پۈتۈن دۆلەتلەر بۇ كرىزىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقان قايغۇلۇق كۈنلەردە،  نۆۋەتتىكى چوشقا زۇكۇمى ناھايىتى تىز سۈرئەتتە تارقىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى ساراسىمىگە سالماقتا. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بۇ قېتىمقى چوشقا زۇكۇمى مېكسىكىدا باشلانغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن يۈزلەرچە ئادەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوشقا زۇكۇمىنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرىۋالدى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلدى.  بۇ ۋىرۇس ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ھەقىقەتەن چوڭ تەھدىت بولماقتا.

خەلقئارا سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چوشقا زۇكۇمى ياشلار تەبىقىسىدىكى تېنى ساق كىشىلەرگە كۆپ يۇققان. بۇ ۋىرۇس ئادەتتە بالىلار ۋە ياشانغانلارغا تىز يۇقىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا ۋە دورا ئىختىرا قىلىنغىنى يوق. سەۋەب شۇكى، چوشقا زۇكۇمىنىڭ مىكروبى باشقا مىكروبلاردىن پەرقلىق بولۇپ، داۋاملىق تۈردە يېڭىلىنىپ تۇرغانلىقتىن بەدەننىڭ مىكروبلارغا قارشى ئېممىنۇت كۈچى ھامان ئاجىز كېلىدىكەن ۋە بۇ ۋەزىپىنى كۈچەيتىدىغان دورا، ئوكۇللار پايدا بەرمەيدىكەن. چوشقا زۇكۇمى ئىنسانلارغا تېگىدىغان پەسىللىك زۇكامنىڭ مىكروبىغا ئوخشاپ كىتىدىكەن، ئەمما چوشقا زۇكۇمىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلار بولسىمۇ، ئادەملەرنى چوشقا زۇكۇمى ۋىرۇسىدىن قوغدايدىغان دورا ۋە ۋاكسىنىلار يوق.

مەلۇمكى، چوشقا زۇكۇمىنىڭ مىكروبلىرى چوشقىلارغىلا يۇقاتتى. ئەمما ھازىر تارقىلىۋاتقان ۋىرۇس بولسا چوشقىغا يېقىن كەلگەن ئادەملەرگىمۇ يۇقىدىكەن. ئادەمدىن-ئادەمگە يۇقۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، يۇقۇملانغانلار ئىچىدە ھازىرگە قەدەر شىپا تاپقانلار يوق.

ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بۇنىڭ تەدبىرىنى ئالغان. ئېنىقكى، ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ۋابانىڭ تارقىلىشىدىن قورقماسلىققا ھەقلىق. چۈنكى مۇندىن 1400يىل بۇرۇن  ئاللاھ تائالا  چوشقا گۆشى ۋە ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ھارام قىلغاندىن بىرى مۇسۇلمانلار چوشقىدىن ۋە ئۇنىڭ تېرىسى، گۆشى، يۇڭى ۋە ھەر قانداق نەرسىسىدىن يىراق تۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن چوڭ ئىلتىپاتى ئىدى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىنىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، (ئېگىزدىن) يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، ھايۋانلار (تەرىپىدىن ئۈسۈپ) ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋان (نىڭ گۆشىنى يېيىش) ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا) بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. ئەزلام (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە پال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈچ پارچە ياغاچ) بىلەن پال سېلىشىڭلار ھارام قىلىندى، بۇ گۇناھتۇر، كاپىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار (نى يوقىتىش) دىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، ئۇلار دىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم، كىمكى ئاچلىقتا، ئىلاجسىزلىقتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە گۇناھ بولمايدۇ) ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر». مائىدە سۈرىسى 3-ئايەت

چوشقىنىڭ زىيانلىق ۋە سالامەتلىككە تەھدىت ئىكەنلىكى بۇنىڭدىن 1400يىللار بۇرۇنقى چاغلاردا ئاللاھ تائالا ۋەھيى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە بىلدۈرگەن ۋە مۇسۇلمانلارنى چوشقا گۆشى يېيىش ۋە چوشقىنىڭ قانداقلا بىر نەرسىسىنى ئىشلىتىشتىن قاتتىق مەنئى قىلغان.

يۇقىرىقى ئايەتتە ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا زىيانلىق بولغان، مىكروب تارقىتىدىغان، پاسكىنا نەرسىلەردۇر. ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېگەن جۈملە ئاللاھنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ ۋە چوشقىنىڭ گۆشىنى يېيىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سالىدىغان زىيانلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بەندىلىرىگە بىلدۈرگەنلىكتىن ئىبارەت مېھرىبانلىقى ئالاھىدە زىكىر قىلىنغان. تەبىئىيكى، بۇ ئاللاھنىڭ ھېسابسىز مېھرىبانلىقلىرىدىن بىر مېھرىبانلىقتۇر. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاللاھ بەندىلىرىنى بىر ئىشتا توسۇشى ياكى ئۇلارنى بىر ئىشقا بۇيرۇشى  ئۇلارنى ئاسراش ۋە ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىش ئۈچۈندۇر.

ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ھەر زامان كېلىپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چىقىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ كارامەتلىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، كۆرەڭلىگەن ھەر بىر زاماندا، ئاللاھ تائالا پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان، ئىنسانلارنى كۆرەڭلەتكەن ئىلىم-پەننىڭمۇ كۈچى يەتمەيدىغان بىر بالايى ئاپەتلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، ھەتتا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئېتىراپ قىلغۇنچە قەدەر ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: تۇپان بالاسى، پىرئەۋن قەۋمىگە ئەۋەتكەن چېكەتكە بالاسى، كەبىنى يىقىتماقچى بولغان ئەبرەھە قوشۇنىغا ئەۋەتىلگەن قۇش (تاش بالاسى) بالاسى ۋە باشقىلار بۇنىڭ مىسالى.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ» دېگەن. شۇرا سۈرىسى30-ئايەت

ئاللاھقا مىڭ شۈكرىكى، نۆۋەتتىكى چوشقا زۇكۇمىنىڭ مىكروبى چوشقا گۆشى يېيىلمەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھېچبىرىدە بايقالمىدى. مۇندىن كېيىنمۇ ئاللاھ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى، خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارنى، جۇملىدىن دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ئامىن.

چوشقا زۇكۇمى تارقالغان جايلار خۇسۇسەن چوشقا گۆشى يېيىلىدىغان ۋە چوشقا يېتىشتۈرۈلىدىغان مەملىكەتلەردۇر.

ئاللاھنىڭ ھېكمەتلىرىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەمما مەيلى پايدىلىق، مەيلى زىيانلىق ھەممە ئىشنىڭ ئاللاھنىڭ خاھىشى بىلەن بولىدىغانلىقى ئىنتايىن ئېنىق بىر مەسىلە. چۈنكى پايدا-زىيان، ياخشىلىق ۋە مۇسىبەت ھەممىسى ئاللاھتىن دەپ ئېتىقاد قىلىش ئىماننىڭ جۇملىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا نۆۋەتتىكى چوشقا زۇكۇمى ئارقىلىق ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئۇنۇتقانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانمۇ ياكى بەزى بەندىلىرىنى جازالاشنى خالىغانمۇ؟ بۇ تەرىپىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. ئەمما بىز پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ساق-سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىق تىلەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئۇلۇغ دىنىمىز رەھمەت ۋە شەپقەت دىنى، بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز پۈتۈن ئالەملەرگە-ئىنسانىيەتكە، ھايۋانلارغا، تەبىئەتكە، ئۇچار قۇشلارغا ۋە كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن شەپقەت پەيغەمبىرىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «بىز سېنى پەقەت ئالەملەر ئۈچۈن رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق» دەيدۇ.

چوشقا زۇكۇمى سەۋەبىدىن مىسىر، لىۋان ۋە سۇرىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر، دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىش قارارىنى رەسمى ئېلان قىلدى ۋە ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پۇقرالىرىنى ئامېرىكا ۋە مېكسىكا قاتارلىق ۋىرۇس تارقالغان دۆلەتلەرگە سەپەر قىلىشتىن چەكلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئامانلىقىنى ھىمايە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەھىيە ئىشلىرى ئورگىنى، چوشقا زۇكۇمىغا گىرىپتار بولغۇچىلار ئەگەر بۇ سۈرئەتتە كېتىۋەرسە، 20-ئەسىردە ئىنسانىيەت بېشىدىن كەچۈرگەن 3 قېتىملىق ۋاباغا قىياس قىلغاندا، نوپۇسىنڭ يۈزدە 50پىرسەنتى ھالاك بولىدىغانلىقى قىياس قىلىنماقتا.

1918-يىلى ئىسپانىيىدە، 1957-يىلى ئاسىيادا، 1968-يىلى شىياڭگاڭدا تارقالغان چوشقا زۇكۇمى ۋاباسى سەۋەبلىك دۇنيادا 40 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ھازىرغىچە چوشقا زۇكۇمى بايقالغان  10 نەچچە كۈندىن بۇيان مېكسىكا ۋە ئامرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، ئىسپانىيە، نىيۇزىنلاندىيە، ئاۋسترالىيە، ئېرلاندىيە، دانىيە، شىۋىتسىيە، كولۇمبىيە، پارانسىيە، ئىسرائىلىيىدە، جوڭگۇ، جەنۇبى كورىيە قاتارلىق 22دىن ئارتۇق دۆلەتتە  1124 دىن كۆپرەك ئادەم رەسمى يۇقۇملانغان، ئىككى يۈزدىن كۆپ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. دۇنيادا 2000 دىن كۆپرەك كىشى يۇقۇملىنىش گۇماندارى بولۇپ تەكشۈرۈلمەكتە.

(دېمەك؛ نۆۋەتتىكى چوشقا زۇكىمىدىن ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆز لايىقىدا ھەزەرلىنىشى كېرەك بولۇپ، كىسەل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تاراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ بۇ ۋىرۇستىن ساقلىغانلىقىغا يۈزمىڭلارچە ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، ئىسلامدىن ئىبارەت بۈيۈك دىن ۋە ئەقىدە بىلەن نېمەتلەندۇرگەنلىكىدىن پەخىرلىنىشىمىز، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ئەۋج ئىلىۋاتقان ناشايان ئىشلاردىن قول يېغىپ، دىنى ۋە مىللى ئىسلاھاتقا يۈزلىنىشىمىز، جەمئىيىتىمىزدە ئىسلامىي ئەخلاقنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن بىر باشلىنىش بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ئىنسانىيەت ساراسىمگە چۆمۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، «بىز توڭگۇز گۆشى يىمىگەندىكىن دەپ» ئۆزىمىز بىلگەن يولىمىزدا مىڭىۋەرمەستىن، ئاللاھقا قايتايلى، ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى بولغان قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسكە مەھكەم ئېسىلايلى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن: "ئى ئاللاھ! بىزنى بۇ كېسەللىكتىن ساقلاپسەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىزنى بۇنىڭغا ئوخشىغان كېسەللىكلەردىن ساقلىغىن" دەپ ئاللاھقا يېلىنايلى. بەلكىم بۇ ئاللاھقا تۆۋە قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ئاخىرقى بىر پۇرسەت بولۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى تىببى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، چوشقا زۇكۇمى چوشقا گۆشى ئىستىمال قىلمىغانلاردىمۇ كۆرۈلۈپ قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنى مەنىۋىي ۋە جىسمانى كېسەللىكلەردىن ساقلاپ، ئەقلىمىزنى ئاللاھنىڭ كائىناتلىرى توغرىسىدا پىكىر يۇرگۇزۇپ، دىنى ۋە مىللى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقىلى، جىسىملىرىمىزغا ساغلاملىق ئاتا قىلىپ، ئاللاھ زارى بولىدىغان يول بىلەن يېڭى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگەللەپ مىللەتنى گۇللەندۇرىغان قەتئى ئىرادە ۋە قەيسەرلىك ئاتا قىلسۇن. ئامىن-مۇھەررىر-)

 

 

Go to the Top