ئىسلامدا چوشقا گۆشىنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى سەۋەب

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئىسلامدا چوشقا گۆشىنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى سەۋەب
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە:
خرىستىئان مۇرىتى توڭگۇز گۆشىنىڭ ھارام بولىشىدىكى سەۋەبنى سوراپ، ئىسلام نېمە ئۈچۈن توڭگۇز گۆشىنى ھارام قىلدى؟، ئۇمۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان جانلىقلىرىدىن بىرى ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا ئاللاھ نېمە ئۈچۈن توڭگۇزنى ياراتتى؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلسە.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-05-05
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/206545
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئىسلامدا چوشقا گۆشىنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى سەۋەب
495 KB
: ئىسلامدا چوشقا گۆشىنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى سەۋەب.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىسلامدا چوشقا گۆشىنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى سەۋەپ

 

12558- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

خرىستىئان مۇرىتى توڭگۇز گۆشىنىڭ ھارام بولىشىدىكى سەۋەبنى سوراپ، ئىسلام نېمە ئۈچۈن توڭگۇز گۆشىنى ھارام قىلدى؟، ئۇمۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان جانلىقلىرىدىن بىرى ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا ئاللاھ نېمە ئۈچۈن توڭگۇزنى ياراتتى؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلسە.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنىمىزدا چوشقا گۆشىنى يېيىشنى كەسكىن ھارام قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە چوشقا گۆشى، يەنى چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر». سۈرە ئەنئام 145-ئايەت.

ئاللاھ بىزگە رەھمەت قىلىپ، ئاسانچىلىق يارىتىپ پاكىزە نەرسىلەرنى يېيىشنى دۇرۇس قىلىپ بەردى، پەقەت نىجىس نەرسىلەرنىلا ھارام قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» سۈرە ئەئراف 158-ئايەت

بىز چوشقىنىڭ نىجىس، پاسكىنا ھايۋان ۋە بۇنى يېيىشنىڭ ئىنسانغا ئەڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىدە، ئۇنىڭ مەينەت-پاسكىنا، نىجاسەتلەر ئىچىدە ياشايدىغانلىقىدىن قىلچىلىكمۇ شەك قىلمايمىز، قەلبى ساغلام ۋە ئىپپەتلىك كىشىلەر ئۇنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە بولغان زىيىنى ۋە ئاللاھ ياراتقان مىجەز-خۇلقنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا قول ئۇزاتمايدۇ.

ئىككىنچى: چوشقا گۆشىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ئىنسان بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى تېببىي ئالىملار ھازىرقى تىببى تەرەققىياتتىن پايدىلىنىپ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇنداق ئىسپاتلاپ چىقتى:

ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە چوشقا گۆشىنىڭ تەركىبىدە مايلىق كولستىرۇل ماددىسى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇنى ئىنسان بەدىنىدىكى قاننىڭ زىيادىلىكىگە سېلىشتۇرغاندا بەدەندىكى تومۇرلارنى قاتۇرۇپ، قان قېتىش كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ، شۇنداقلا چوشقا گۆشىنىڭ تەركىبىدىكى مايلىق ھىدروگېن ناھايىتى ئاز بولۇپ بۇ باشقا يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى مايلىق ھىدروگېندىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ قاندىكى كولستىرۇلنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

چوشقا گۆشى ۋە ئۇنىڭ مېيى يامان سۈپەتلىك تۈز ئۈچەي راكى، ئومۇرتقا راكى، بىرۇستاتا، كۆكرەك راكى ۋە قان راكى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشىدا ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ.

چوشقا گۆشى ۋە ئۇنىڭ مېيى سېمىزلىك كېسىلى ۋە داۋالاش قىيىن بولغان كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. چوشقا گۆشىنى ئىستېمال قىلىش قىچىشقاق، سېزىمچانلىقنى يوقۇتۇش ۋە ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

چوشقا گۆشىنى ئىستېمال قىلىش ئۆپكە ياللۇغى، مەددە قۇرۇت كېسەللىكى، ئۆپكە قۇرتى ۋە مىكروبلانغان ئۆپكە ياللۇغىغا سەۋەب بولىدۇ. چوشقا گۆشىنى ئىستېمال قىلىشتىن شەكىللىنىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەر چوشقا گۆشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2،3 مېتىرغا يېتىدىغان «تىينىياسولىيىم» دەپ ئاتىلىدىغان مەددە قۇرت كېسىلى بولۇپ، بۇ قۇرۇت تۇخۇمچىلىرىنىڭ ئىنسان جىسمىدا تەرەققى قىلىشى ئەقىلنى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، بۇ تۇخۇمچىلىرىنىڭ مېڭە ئەتراپىدا تەرەققى قىلىشى «ھستىيرېيا» كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. يۈرەك ئەتراپىدا تەرەققى قىلىشى قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇش، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا چوشقا گۆشىنىڭ تەركىبىدە «تۈكلۈك بۇرمىسىمان تىرىيكانىيلا» قۇرۇتى بولۇپ بۇ قۇرۇتنىڭ ئىنساننىڭ جىسمىدا ئۆسۈشى پالەچ بولۇپ قىلىش ۋە تېرىدە تازسىمان كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.

دوختۇرلارنىڭ تەكىتلىشىچە چوشقا گۆشىنى ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان مەددە قۇرتى كېسىلى ئەڭ خەتەرلىك كېسەللەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن، بۇ قۇرۇت تەدرىجى ئىنساننىڭ ئىنچىكە ئۈچەيگە يېتىدىكەن، بىر قانچە ئاي ئىچىدە  تەخمىنەن مىڭ پارچىدىن شەكىللەنگەن، ئۇزۇنلىقى 4 مېتىردىن  10 مېتىرغىچە بولغان ھەقىقىي قۇرۇت بولىدىكەن، ئۇ قۇرۇت بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىنساننىڭ ئۈچىيىدە ياشايدىكەن،  ئۇنىڭ تۇخۇملىرى مەقەت يولى ئارقىلىق چوڭ تەرەت بىلەن چىقىدىكەن، چوشقا بۇنى ئىستېمال قىلىپ ھەزىم قىلغاندىن كىيىن توقۇلما موسكۇللىرىغا كىرىپ قۇيرۇق خالتىسى ياكى قورچاق لىچىنكا بولۇپ شەكىللنىدىكەن، بۇ قۇيرۇق خالتىسى ئاساسلىقى مەددە قۇرتىدىن ئىبارەت بولغان سۇيۇقلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، چوشقا گۆشىنى ئىستېمال قىلىش بىلەن قورچاق لىچىنكا ئىنسان ئۈچىيىدە كامىل قۇرۇتقا ئايلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ، ۋىتامىن ب 12 نىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەپ قان ئازلىق، ياكى نېرۋا خاراكتېردىكى كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا قۇرۇتنىڭ قورچاق لىچىنكىلىرى مېڭىگە يېتىپ تىترەش-تارتىشىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ ياكى مېڭىنىڭ ئىچىدە قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، باش ئاغرىقى ۋە تىترەش ھەتتا پالەچلىك ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.

ھەممىگە مەلۇملۇق ئىنسانلارغا خاس بولغان بەزى كېسەللىك بولۇپ  بۇ ھايۋانلاردىن پەقەت چوشقىدىلا تېپىلىدىكەن، بۇ كېسەللىكلەر: رېماتىزىم، بوغۇم كېسىلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت،  ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، ئاللاھدىن غەيرىنىڭ  يەنى بۇتلارنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى، كىمكى ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجسىزلىقتىن يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» بەقەرە سۈرىسى 173-ئايەت.

يۇقىرىدا سۆزلەنگەنلىرى چوشقا گۆشىنى ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ بەزىسى، بۇنى بىلگەندىن كىيىن چوشقا گۆشىنىڭ ھاراملىقىدىن شەكلىنىشكە ئورۇن يوق، بۇ سىزنىڭ ھىدايەت تېپىپ مۇسۇلمان بولۇشىڭىزنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالغۇسى، سىز ھەقنى تونۇش ۋە ئەگىشىش بىلەن، ئىنساپ قارىشى بىلەن تۇرۇپ، ئويلىنىپ، ھەقىقەت ئۇستىدە پىكىر يۇرگۇزۇپ قارار قىلىڭ، ئاللاھنىڭ سىزنى دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا ھىدايەت قىلىشىنى سورايمىز.

گەرچە بىز چوشقا گۆشىنى يېيىشنىڭ ئىنسان ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەندىمۇ بۇ بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدىكى ھارام دېگەن قاراشنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ چەكلىگەن بىر دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يەپ قويغاچقا جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلدى، بىز ئۇ دەرەخ توغرىسىدا ھېچ نەرسىنى بىلمەيمىز، ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ يېيىش چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە سوراشقا ھاجەت بولمىغانىكەن، بەلكى چەكلەنگەنلىكى بىلەن كۇپايە قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگىمۇ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغىمۇ ئاللاھنىڭ چوشقىنى ھارام قىلغانلىقىنى بىلىشىمىزنىڭ ئۆزى يىتەرلىكتۇر.

 بىز ئەمدى سىزدىن سوراپ باقايلى: سىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابىڭلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى بولغان  ئەھدى قەدىمدە چوشقىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدىكى بايانلار سۆزلەنمىگەنمۇ؟!

بۇلاردىن:"سىلەر ئىستېمال قىلىدىغان ھايۋانلار ئىچىدە بىر نىجىس ھايۋان بار، ئۇنىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، ئۇنىڭ تۇيىقى  يىرىق بولسىمۇ جۈرئەتسىز كېلىدۇ، بۇ سىلەر ئۈچۈن نىجىستۇر، ئۇنىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، جەسىتىنى تۇتماڭلار" (سەپەر تەسنىييە143-8، شۇنىڭغا ئوخشاش سەپەر لاۋىيندە 111-8).

چوشقىنىڭ يەھۇدىيلارغا ھارام بولىشى توغرىسىدا دەلىل كەلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر سىز شەك قىلسىڭىز، بەزى جامائەتلەردىن سوراپ كۆرۈڭ، بىز شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمىزكى بۇ ھەم سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابىڭىزدىمۇ بايان قىلىنغان، ئىنجىلنىڭ ئەھدى جەدىد قىسمىدىمۇ: "تەۋرات ھۆكۈملىرى سىلەر ئۈچۈن مۇستەھكەمدۇر، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس".

ئۇنىڭدا مەسىھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "سىلەر مىنى  قانۇننى بۇزغىلى ياكى پەيغەمبەرلەرگە خىلاپلىق قىلغىلى كەلدىمىكىن دەپ گۇمان قىلماڭلار، بەلكى مەن بۇنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم، مەن سىلەرگە ھەقىقەتنى ئېيتسام:ئاسمان-زېمىن  تەۋرات قانۇنىدىن بىر ھەرپ ياكى بىر نۇقتا قالغانغا قەدەر ھەمىشە بولىدۇ، ھەتتا كامىل بولىدۇ" ئىنجىل مەتتا 5/ 17- 18.

مۇشۇ تېكىستلەر تۇرۇقلۇق ئەھدى جەدىدتىن چوشقىنىڭ ھاراملىقىنى ئىسپاتلايدىغان يەنە بىر ھۆكۈمنى تەتقىق قىلمايمىز. بىز چوشقىنىڭ نىجىس ۋە خەبىسلىكىنى كەسكىن ئىپادىلەيدىغان يەنە بىر تېكستنى بايان قىلىمىز: "بۇ تاغنىڭ يېنىدا چوڭ بىر پادا چوشقا بېقىلاتتى، بارلىق شەيتانلار مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ تەلەپ قىلىپ: بىزنى چوشقىلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتكىن، بىز چوشقىنىڭ ئىچىگە كىرەيلى دېدى، يەسۇئ ئەلەيھىسسالام شۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا رۇخسەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن نىجىس روھلار چىقىپ چوشقىنىڭ ئىچىگە كىردى" (ئىنجىل مەرقەس 511-13) چوشقىنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى باققۇچىلارنىڭ پەس كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان يەنە بىر تېكىستكە قارىغىن. (مەتتا 67، ئىككىنچى ئەلچى بىترۇسنىڭ خېتى 222، لۇقا 1511-15).

سىز بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بۇ بىترىس ياكى بولىسنىڭ سۆزى دېيىشىڭىز مۇمكىن؟.

ئۇلار ئاللانىڭ سۆزىنى شۇنداق ئۆزگەرتىدۇ، تەۋراتنى ئۆزگەرتىدۇ، ئاسمان-زېمىن بېكىتىلگەندەك مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇستەھكەم سۆزىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتكەنلەر بوتروس ياكى بولىسنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتمەمدۇ؟.

بىز ئۇلارنىڭ سۆزىنى تەستىق قىلايلى، چوشقىنىڭ ھاراملىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانمۇ دەيلى، لېكىن ئۇنىڭ سىلەرنىڭ دىنىڭلاردا ئەۋۋەلدە ھارام قىلىنغاندەك ئىسلام دىندا ھارام قىلىنغانلىقىنى قانداق ئىنكار قىلىسىز؟.

ئۈچىنچى: سىزنىڭ چوشقىنى يېيىش ھارام بولىدىكەن، ئۇنى ئاللاھ تائالا نېمە ئۈچۈن ياراتقان؟ دېگەن سۆزىڭىزدە سىزنى كەسكىن تۇرىدۇ دەپ قارىمايمىز، لېكىن بىز سىزدىن سوراپ باقايلى: ئاللاھ كىشىلەرگە ئازار يېتىدىغان ياكى پاسكىنا بولغان نەرسىلەرنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟ بەلكى شەيتاننى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟، ئۆز بەندىلىرىنى خالىغان ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە ئۆز خالىغىنىنى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ياراتقۇچىنىڭ ھەققى ئەمەسمۇ؟. ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تەكشۈرگۈچى، سۆزىنى ئۆزگەرتكۈچى بولمايدۇ،  ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلغۇچى مەخلۇقنىڭ ھەر ۋاقىت بىر ئىشقا بۇيرۇلغاندا: ئاڭلىدۇق، بويسۇنىمىز؟ دېيىشى ۋاجىپ ئەمەسمۇ؟. (چوشقا گۆشى سىز ئۈچۈن لەززەتلىك، سىز ئۇنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىسىز، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ، سىز نەپسىڭىز ئىشتىھا قىلىدىغان بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق جەننەتكە ھەقلىق بولۇشنى ئويلىمامسىز؟). ئاللاھتىن سىزگە ھىدايەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.


 

Go to the Top