الشهرة وآثارها السيئة الخطيرة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الشهرة وآثارها السيئة الخطيرة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذا ملخص من خطبة الجمعة في المسجد الحرام بمكة المكرمة ألقاها فضيلة الشيخ الدكتور سعود بن إبراهيم الشريم 21/4/1430 هجري، وبين فضيلته خطورة حب الشهرة والظهور وآثارها السيئة على الفرد والمجتمع ونتائجها الوخيمة، وتحذير السلف من هذه الأخلاق المذمومة.
تأريخ الإضافة: 2009-04-27
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/205592
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
شۆھرەتپەرەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر
351.5 KB
فتح: شۆھرەتپەرەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر.doc
2.
شۆھرەتپەرەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر
136.6 KB
فتح: شۆھرەتپەرەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر.pdf
نبذة موسعة

 

شۆھرەتپەرەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر

 

2009-يىلى 04-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "شۆھرەتپەرەسلىك ۋە ماختانچاقلىقتىن ساقلىنىش كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە ماختانچاقلىق بولۇپ، شۆھرەتنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ ماختىشى، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە نامى چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن ئىنسان ئولتۇرۇش ۋە يىغىلىشلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قارىتا پەرۋاسىز قارىشىنى خالىمايدۇ. بۇ خىل ئادەت ئىنساندا بولىدىغان پىسخىك تەبىئىتى بولۇپ، قاتتىق ئەيىبكە بۇيرۇلمايدۇ. لېكىن ئىشلارنىڭ ياخشىسى ئوتتۇرىھال بولغان ئىشتۇر دېگەن پرىنسىپ بويۇنچە، ماختانچاقلىقتا ئاشۇرۋەتمەسلىككە توغرا كېلىدۇ. بۇ پرىنسىپ ئاساسىدا ئىسلام شەرىئىتى بارلىق ياخشى ئىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ، يامان ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. ئىسلامدا ھالالمۇ ئوچۇق ھاراممۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرىدا بەزى شۈبھىلىك ئىشلار بار. كىمكى شۈبھىلەردىن ساقلانسا ھارامدىن ساقلىنىدۇ. شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانمىغان ئادەم ھارامغا چۈشۈپ قالىدۇ.

شەرىئەت چەكلىگەن ۋە ئاگاھلاندۇرغان ئىشلاردىن بىرى شۆھرەتپەرەسلىكتۇر. شۆھرەتپەرەسلىك روھىي كېسەللىك بولۇپ، ئىنساننى گۇمراھلىققا ئېلىپ بارىدىغان خەتەرلىك يولدۇر. بۇ يول خۇددى ئىنساننىڭ كۆزىگە يىراقتىن سۇغا ئوخشاش كۆرىنىدىغان سەراب(ئېزىتقۇ)دىن ئىبارەتتۇر. شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ ئىنساننى قاراملىققا ئېلىپ بارىدۇ ئاقىۋەتتە خەتەرلىك پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. شۆھرەتپەرەسلىك يولىغا ماڭغان ئادەم جامائەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئېزىپ كېتىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئىشلارنى خاتا مۆلچەرلەيدۇ. باشقىلارنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۆزىنىڭ شۆھرىتىگە زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن قوبۇل قىلىشقا رىغبىتى بولمايدۇ. شۆھرەتپەرەس ئىنسان ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدۇ. فىتنە پەيدا قىلىدۇ. شۆھرەتپەرەسلىك بىر ئېغىر ساقايماس كىسەل بولۇپ، ئىنساندا مەنمەنلىك، ئۆزىنىڭلا گېپىنى راس قىلىش، باشقىلارنى مەنسىتمەسلىك،باشقىلار ئۇنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ قويسا قۇبۇل قىلماستىن ئاداۋەت قىلىشتەك خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ. ھەرقانداق كىشى شۆھرەتپەرەسلىك يولىنى تاللايدىكەن باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولىدۇ، ئىجتىمائىي ئالاقىدا ياخشى تەسىر قالدۇرالمايدۇ. شۆھرەتپەرەس داۋاملىق قورقۇنچ، تەشۋىش ئىچىدە ياشايدۇ. شۆھرەتپەرەس بىر ئۆمۈر شۆھرەت ئىزدەپ ئاۋارە بولسىمۇ شۆھرەتكە ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ ۋە ھاياتتا كۆزلىگەن غايىسىگە يېتەلمەيدۇ.

شۆھرەتپەرەس ئادەم مەنسەپكە ئامراق بولىدۇ. ھەقنى قوبۇل قىلمايدۇ، جامائەتچلىكتىن يىراق بولىدۇ. ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمايدۇ. شۆھرەت ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يالتايمايدۇ. شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرى شۇكى، ئۆزىلا زىيان تارتماستىن باشقىلارنىمۇ زىيانغا سالىدۇ. بىلىپ بىلمەي خەتەرلىك ئىشلارغا سېپىلىپ قالىدۇ. شۆھرەپەرەس داۋاملىق چىدىماس ھەسەتخور كېلىدۇ. مەغرۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: "شۆھرەتپەرەسلىك ئۈچۈن ھەقنى سۆزلىگەن كىشى رىياگەردۇر، يۇشۇرۇن شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق شۆھرەتپەرەسلىكتىن ئاگاھلاندۇرغاندۇر".

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: "خارلىققا ئېلىپ بارىدىغان بېخىللىقنى، ئادەمنى قۇل قىلىدىغان ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ئارقىسىغا كىرىشنى، ئۆز پىكرىدىن مەغرۇرلىنىپ مېنىڭلا توغرا دەيدىغان كىشىنى كۆرسەڭ سەن ئۆزۈڭنى دالدىغا ئال، ئاۋام خەلق توپىدىن يىراق بول" دېگەن. شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ ۋاسىتىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئىنسان ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، پۈتۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە شۆھرەتكە ئېرىشەلەيدۇ. سەلەپ ئۆلىمالىرى بۇنداق شۆھرەتپەرەسلىكتىن يىراق بولۇشنى تەۋسىيە قىلغان يەردە ھازىرقى زامان شۆھرەتپەرەسلىكى نەچچە ھەسسە خەتەرلىكتۇر. شۆھرەت ئىگىسى ھازىرقى زاماندا مىليونلىغان ئىنسانلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.. شۆھرەتپەرەسلىك مۇئەييەن بىر تەبىقىگە چەكلىك ئەمەس. رەئىس، ئالىم، ۋەزىر، باي، مۇتەپەككۇر، يازغۇچى، ئارتىس-چولپانلار، مۇخبىر-ژۇرنالىستلار، دىنى تەشۋىقاتچىلار شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. لېكىن بۇ شۆھرەت قانلارنىڭ ئېقىشى، زۇلۇم، تەڭسىزلىك بەدىلىگە كېلىدۇ. بايلار جازانىخورلۇق قىلىش ئارقىلىق مەشھۇر بولىدۇ. ئالىملار ۋە دىنى زىيالىلار ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق بەدىلىگە مەشھۇر بولالايدۇ. ژۇرنالىست-مۇخبىرلار يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق مەشھۇر بولىدۇ. ئارتىسلار ئەھمىيەتلىك، تەربىۋىيىلىك ئەھمىيىتى بار ۋە مىللەتنى مۇھىم ئىشلارغا يېتەكلەش بىلەن ئەمەس بەلكى بىخۇدلاشتۇرۇش پروگراممىلىرى ئارقىلىق مەشھۇر بولاۋاتىدۇ. دېمەك؛ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر ئۆزىنى ئاللاھ ئالدىدا مىللىتى، ۋەتىنى ئالدىدا ئۆزىنى يبنە بىر قېتىم تەكشۇرۇپ چىقىشى ئىنتايىن مۇھىم. سىز ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلسىڭىز شۆھرەت، نام-ئابرۇي، ئىنسانلار تەرىپىىدىن ياخشى كۆرۈلۈش دېگەنلەرگە ئوخشىغانلار ئۆزلىگىدىن سىزگە يۈزلەنگۈسى. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىمۇ ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىندۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مۇبارەك سۆزلىرىدە ئىنسانلارنى بۇنداق شۆھرەتپەرەسلىكلەردىن يىراق بولۇشقا تەكرار-تەكرار تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئاللاھ بارچىمىزنى شۆھرەتپەرەسلىك، رىياگەرلىك كېسىلىدىن ساقلىسۇن. ئامىن!.


 

موضوعات متعلقة ( 2 )
Go to the Top