بالام ئەخلاقسىز بولۇپ قالسا قانداق مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: بالام ئەخلاقسىز بولۇپ قالسا قانداق مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: ئەسما بىنتى ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: پەرزەنتلىرىمدىن بىرىنىڭ باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى بىلىپ بەكلا ئاچچىقىم كەلدى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى كېلىچىكىگە تەسىر يەتكۇزەمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. ماڭا بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-04-21
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/205090
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
بالام ئەخلاقسىز بولۇپ قالسا قانداق مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك؟
477.5 KB
: بالام ئەخلاقسىز بولۇپ قالسا قانداق مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك؟.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

بالام ئەخلاقسىز بولۇپ قالسا قانداق مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك؟

 

7833-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

پەرزەنتلىرىمدىن بىرىنىڭ باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى بىلىپ بەكلا ئاچچىقىم كەلدى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى كېلىچىكىگە تەسىر يەتكۇزەمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. ماڭا بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

جاۋاب:

بارچە مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر.

كىچىك ئۆسمۈرلەر تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەخلاقسىزلىق يوللىرىغا مېڭىپ قىلىشى مۇمكىن:

1- بالىڭىز بەلكىم ئوغرىلاش بىلەن ئارىيەتكە ئېلىشنىڭ پەرقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، شۇنداقلا كىشىلىك ئىگىلىك مەسىلىسىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.

2- ئۆزى باشقىلاردىمۇ بار بىرەر نەرسىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن بىر نەرسە ئوغرىلىشى مۇمكىن.

3- ئاتا-ئانىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن نەرسە ئوغرىلىشى مۇمكىن.

 سىزگە تۆۋەندىكىدەك مەسلىھەت بېرىمىز:

1- سالماق بولۇڭ. ئۇنى ئەيىبلەپ خىجىل قىلىپ قويماڭ. بۇ سىزنىڭ بالىڭىزغا تەربىيە ئىشلىشىڭىزگە ياخشى بىر پۇرسەتتۇر.

 2- بالىڭىزغا نەسىھەت قىلىڭ، تەربىيە بېرىڭ. باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىشنىڭ ناچار ئەخلاق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەڭ. ئۇنىڭغا ئىسلامدىكى ئوغرىلىق قىلىشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى چۈشەندۈرۈڭ. ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ كىتابىدا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتىڭ: «ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار، ئاللاھ (ئۆز ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا) غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » سۈرە مائىدە 38-ئايەت.

پەيغەمبەر  ئاياللارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ نەرسە ئوغرىلىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك قىز بالىلىرىنى نومۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا (يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا) ئۇلارغا بەيئەت قىلغىن» سۈرە مۇمتەھىنە 12-ئايەت.

بالىڭىزغا ئاللاھنىڭ ھەرۋاقىت بىزنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر». سۈرە ھەدىد 4-ئايەت

ئاللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ قىلمىشىڭلارغا شاھىتتۇر» سۈرە ئالى ئىمران 98- ئايەت.

ئۇنىڭغا مەيلى قانچىلىك يوشۇرۇن ھالدا، كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن خالىي ھالدا نەرسە ئوغرىلىسىمۇ ئاللاھنىڭ ئۇنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئۇ سىرنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مەخپىيرەك ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ» سۈرە تاھا 7-ئايەت.

3- بالىڭىز بىلەن چوقۇم يۈز-تۇرانە پاراڭلىشىڭ. بالىڭىزنى باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ. مەسىلەن، ئۇنىڭغا مۇنداق دېسىڭىز بولىدۇ: "مەن سىزنىڭ دۇكاندىن كەمپۈت ئېلىۋالغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، سىز ئۆزىڭىزنى شۇنىڭغا ئېھتىياجلىق دەپ ئويلىدىڭىز، لېكىن ئوغرىلىق قىلىش توغرا ئەمەس. كېيىن قېتىم سىزگە بىرەر نەرسە كېرەك بولسا ماڭا دېسىڭىز، مەن ئىلىپ بېرىمەن. سىزنىڭ راستچىل بالا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن". "ئەگەر شۇ نەرسىسى يىتۈپ كەتكەن كىشىنىڭ ئورنىدا سەن بولساڭ قانداق قىلاتتىڭ؟" دېگەندەك سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق بالىڭىزغا نەرسىسى ئۆغۈرلانغۈچىنىڭ ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ.

 4- ئۇنىڭغا چوقۇم مۇۋاپىق ھالدا جازا بېرىڭ، مەسىلەن ئوغرىلىۋالغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ۋە كەچۈرۈم سوراشنى، ئەگەر بۇزۇپ قويغان بولسا ياكى ئىشلىتىپ بولغان بولسا شۇنىڭ قىممىتىدە تۆلەم تۆلەپ بېرىشنى ئېيتىڭ، ئائىلىدە ئۇنى مۇۋاپىق ئىشقا سېلىش ياكى ھەپتىلىك ئويناشتىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق جازا قوللىنىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما سىز بالىڭىزغا مەزكۇر جازانىڭ ئۇ يامان قىلمىشى ئۈچۈن بېرىلگەنلىكىنى چوقۇم بىلدۇرۇشىڭىز لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا بالىدا ئاتا-ئانام مېنى يامان كۆرىدىكەن دېگەن ئۇقۇم پەيدا بولۇپ قىلىشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن.  

5- بالىڭىزغا دىققەتتە بولۇڭ، ئۇنى ئۇزۇن ۋاقىت يالغۇز قويۇپ قويماستىن، كۈندە دېگىدەك ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئۇنىڭغا ئىسلامى ۋە مىللى ئەخلاقتىن يېتەرلىك ساۋات بېرىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم.

ئاللاھ ھممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن.


 

 

Go to the Top